تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلدى، كاتتا بايرام بىللە ئۆتكۈزۈلدى

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ساياھەتچىلەر شىخەنزە شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ كۆرگەزمىنى كۆرۈپ، ھېكايە ئاڭلاپ، بىڭتۇەن مەدەنىيىتىنى چۈشەندى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئارتىسلار قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا نومۇر ئورۇنلىماقتا. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ساياھەتچىلەر قەدىمىي شەھەرنى ئايلىنىپ باھار بايرىمىلىق كەيپىياتتىن ھۇزۇرلىنىپ، كاتتا باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى. □ئادىلجان ئابدۇقادىر فوتوسى

1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى نەنخۇ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانى قار - مۇز شادلىق باغچىسىدا قارلىق دالا ۋېلىسىپىتىنى مىنىپ ئوينىماقتا. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى مۇز مەيدانلىرىغا بېرىپ، قار - مۇز خۇشاللىقىنى ھېس قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن خۇشال - خۇرام بەھرىلەندى. □سۈن جېنسۇڭ فوتوسى

2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ساياھەتچىلەر ئالتاي شەھىرىدىكى خۇالىن باغچىسىدا ئات مىنىپ سەيلە قىلماقتا. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن ساياھەتچى خۇالىن باغچىسىغا كېلىپ، ئات ئۈستى تۈرىنى ھېس قىلىپ، قار - مۇز خۇشاللىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. □ئارداق بەيىسقان فوتوسى

2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئارتىسلار بوشلۇقتا نومۇر ئورۇنلىماقتا. شۇ كۈنى، باغراش ناھىيەسىدە «غەربتە شىخەينى ساياھەت قىلىش . باغراش كۆلىنى كېسىپ ئۆتۈش» باش تېمىسىدا يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا پولات سىمدا ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىپ پەرۋاز قىلىش مۇزىكا بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، چىرايلىق كىيىنگەن ئالاھىدە ماھارەت ئارتىسلىرى يۇقىرى بوشلۇقتا ئەركىن ئۆتۈشۈپ، لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. □نيەن لېي فوتوسى

2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، كىچىك دوستلار سانجى شەھىرىنىڭ ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسىدىكى گەيۋەنچا تېرە قورچاق تىياتىرخانىسىدا تېرە قورچاق ئويۇنىنى ھېس قىلماقتا. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، سانجى شەھىرى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇردى. □لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە دېھقان - چارۋىچىلار ئات بەيگىسى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، قىز قۇۋار قاتارلىق خەلق ئۆرپ - ئادىتى پائالىيەتلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. □پولات نىياز فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

باھار بايرىمىدىكى ئىللىق قۇياش نۇرى كەڭ تۇپراقنى نۇرلاندۇردى، خۇشال - خۇرام ھالدا داقا - دۇمباقلار چېلىنىپ، شادىيانە ئۇسسۇللار ئوينالدى. باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈش دۇمباق رىتىمى ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقى جۇش ئۇردى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى، مەنزىرە رايونلىرىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، خۇشال كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭراپ، بايرام شادلىقى بىلەن ساياھەت قىزغىنلىقى يۇغۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرى قاينام - تاشقىنلىققا ۋە شاد - خۇراملىققا چۆمدى.

قار - مۇز دۇنياسى قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىغا چۆمدى. قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قار تېيىلىش تاختىسى بىلەن، ئۇزۇن قار تېيىلىش يولىدا تېيىلىپ شادلىققا تولغان «مۇزىكا نوتىسى»نى شەكىللەندۈردى؛ مۇز تېيىلىش مەيدانلىرىدا، كىشىلەر يېنىك تېيىلغاندا كانكى بىلەن مۇز يۈزى سۈركىلىپ، باھار مېلودىيەسىنى ياڭراتتى...

باھار بايرىمى مېلودىيەسى جۇشقۇنلۇق، خۇشاللىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. قەدىمىي شەھەرنىڭ كونا كوچىسىدىكى ھەربىر پارچە تاش تاختا، ھەربىر خىش - كاھىشقا يىللارنىڭ ئىزنالىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، كىشىلەر سەيلە قىلىش جەريانىدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىنى ھېس قىلدى؛ مۇزېي قاتارلىق مەدەنىيەت مەيدان - سورۇنلىرىدا، كىشىلەر باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىكى ئەركىن - ئازادە ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، يىللارنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، تارىخ بىلەن سۆزلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مەدەنىيەت ئاساسىنى ھېس قىلدى؛ ھەربىر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى قەدىمىي ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئارقىلىق تارىخنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ۋارىسلىق قىلىشنى بايان قىلىپ، كىشىلەرگە مەدەنىيەتنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى ھېس قىلدۇردى.

بىپايان شىنجاڭ جەلپكارلىققا تولغان جاي. باھار بايرىمىدىكى قۇياش نۇرىدا، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.