«چاقناپ تۇرغان چىراغلار، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن شىنجاڭ» قار - مۇز فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئەسەرلىرىدىن تاللانما
شەھەر نۇرى
«سەككىز قىرلىق شەھەر»
«كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىراغ نۇرلىرى»
«مىڭ يىللىق ئالاھىدە ماھارەت − تۆمۈر ئۇچقۇنى چىقىرىش ئويۇنى»
«سوغۇقتىكى چىراغ نۇرى تۈۋرۈكى»
شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە قار - مۇز بايلىقى ئەڭ مول رايونلارنىڭ بىرى، قار - مۇز بىلەن قاپلانغان كۆز يەتكۈسىز گۈزەل مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى ئادىمىيەت ساياھەتچىلىكى ۋە تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھەتچىلىكى، قار - مۇز مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى)، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتى يېقىندا بىرلىكتە «چاقناپ تۇرغان چىراغلار، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن شىنجاڭ» قار - مۇز فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. بۇ مۇسابىقە كامېرا ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى خاتىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى، مەدەنىيەت - ساياھىتىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنلىكى، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكى ۋە خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيىتىنىڭ جۇلالانغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
مۇسابىقىگە ئەسەر قوبۇل قىلىش قىزغىن داۋاملاشماقتا! ھازىر مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنى تاللاپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.
بۇ ساندىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرى: چۆ . خۇرە، سۇ جېن، جيا باۋفېڭ، دېڭ نەن