تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قار ماكانىدىكى قويۇق ئۆرپ - ئادەت

«چاقناپ تۇرغان چىراغلار، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن شىنجاڭ» قار - مۇز فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئەسەرلىرىدىن تاللانما

قار ماكانىدىكى قويۇق ئۆرپ - ئادەت

«بۈركۈت كۆندۈرۈش»

«ھۈنەرۋەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىش»

«باغراش كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش»

«ئوتلاق شىچېڭدىكى قىز قۇۋار»

شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە قار - مۇز بايلىقى ئەڭ مول رايونلارنىڭ بىرى، قار - مۇز بىلەن قاپلانغان كۆز يەتكۈسىز گۈزەل مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى ئادىمىيەت ساياھەتچىلىكى ۋە تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھەتچىلىكى، قار - مۇز مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى)، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتى يېقىندا بىرلىكتە «چاقناپ تۇرغان چىراغلار، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن شىنجاڭ» قار - مۇز فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. بۇ مۇسابىقە كامېرا ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى خاتىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى، مەدەنىيەت - ساياھىتىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنلىكى، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكى ۋە خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيىتىنىڭ جۇلالانغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

مۇسابىقىگە ئەسەر قوبۇل قىلىش قىزغىن داۋاملاشماقتا! ھازىر مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنى تاللاپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.

بۇ ساندىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرى: نيەن لېي، لى شۆرېن، ۋاڭ تو، لى رۇي

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.