تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»دە «چولپان» بولۇش

قورغاس ناھىيەسى

«كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»دە «چولپان» بولۇش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

كەنت ئاھالىلىرى مودېل بولۇپ ماھارەت كۆرسىتىش، ساز چېلىش، چاتما جىڭجۈ تىياتىرى نومۇرى ئورۇنلاش... باھار بايرىمى ھارپىسىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا، قورغاس ناھىيەسىنىڭ ياخشى سورت يېتىشتۈرۈش مەركىزىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئورۇنلىغان كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر «مەن <كەنت باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى>گە چىقىمەن» نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

«بايا سەھنىدە ئالىقانلىرىمدىن تەر چىقىپ كەتتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ چاۋاك چېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈمدە بەك خۇشال بولدۇم.» ياخشى سورت يېتىشتۈرۈش مەركىزىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەۋلۇدەم قېيۇمنىڭ خۇشاللىقىدىن كۆزلىرى قىسىلىپ، چىرايى گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى.

12 يىل ئىلگىرى، مەۋلۇدەم قورغاس ناھىيەسىدىن ياتلىق بولۇپ ياخشى سورت يېتىشتۈرۈش مەركىزىگە كەلگەن، توي قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئېرى، قېيىنئانىسى بىلەن بىللە ئائىلىسىنىڭ يەتتە مو يېرىنى تېرىدى. ھەر قېتىملىق باھار بايرىمى ئۇ ئەڭ خۇشال بولىدىغان ۋاقىت، بىر ئائىلىدىكى بەش جان تېلېۋىزورنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرىدۇ، نەپىس ئۇسسۇللار، يېقىملىق ناخشىلار، كىشىنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇپ قويىدىغان شياڭشېڭ، ئېتۇتلار، كىشىنى بەك مەپتۇن قىلىدىغان شىچۈ تىياتىرى چاتما ناخشىلىرىنىڭ لەززىتىدىن ئۇ خېلى ئۇزاققىچە ھۇزۇرلىنىدۇ.

مەۋلۇدەم ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ. «شۇ چاغلاردا مەنمۇ قاچان سەھنىگە چىقىپ، چولپان بولۇش تۇيغۇسىنى ھېس قىلىپ بېقىشنى ئويلايتتىم» دېدى مەۋلۇدەم.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستى ئاممىۋى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈش قېتىم سانىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتتى، مەۋلۇدەمگە ئوخشاش يېزا - كەنت خەلق ئىچى سەنئەتكارلىرى ئۆز سەھنىسىنى تاپتى، ئۇلار ئوتىغۇچنى تاشلاپ، مىكروفون ۋە سەھنە جابدۇقلىرىنى ئېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئېتۇت ئورۇنلاپ، خۇشاللىقىدىن يايراپ كەتتى. 2024 - يىلى ئىلى ئوبلاستىدىكى ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردە 1100 مەيداندىن ئارتۇق «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

باھار بايرىمى ھارپىسىدا، ئىلى ئوبلاستىنىڭ «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» قورغاس ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، مەۋلۇدەملەرنىڭ نومۇرى باشلىنىش ئۇسسۇلىنىڭ كەينىگىلا تىزىلدى.

تونۇش مۇزىكا ياڭرىغاندا، مەۋلۇدەم ۋە يۇرتداشلار رىتىمغا ئەگىشىپ سەھنىگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئويۇنىنى باشلىدى. سەھنىدىن چۈشكەندە، مەۋلۇدەم يەنىلا ھاياجېنىنى باسالماي مۇنداق دېدى: «ئادەتتە رېپېتىتسىيە قىلغاندا سەككىز مىنۇت خېلى ئۇزاق بىلىنگەنىدى، بۈگۈن سەھنىدە بەك تېز ئۆتۈپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم!»

ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەۋلۇدەم يۇرتداشلار بىلەن ئارقا سەھنىدە خۇشال ھالدا پىكىر ئالماشتۇردى، ھەتتا ئويۇن قويۇش كىيىمىنى سېلىۋېتىشكىمۇ كۆزى قىيمىدى، ئۇلار يەنە خۇشال ھالدا خىزمەتچى خادىملارنى چاقىرىپ ئۆزلىرىنى كوللېكتىپ سۈرەتكە تارتقۇزدى. «بىز يېرىم ئاي رېپېتىتسىيە قىلدۇق، بۇ خۇشاللىقنى چوقۇم ساقلاپ قويۇشىمىز كېرەك» دېدى مەۋلۇدەم.

«ئەگەر كېلەر يىلى باھار بايرىمىدا يەنە <كەنت باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى> ئۆتكۈزۈلسە، مەن يەنە قاتنىشىمەن، مەن خۇشال - خۇرام بايرام ئۆتكۈزىدىغان بۇ خىل تۇيغۇنى ياخشى كۆرىمەن، كۆپچىلىكنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرۈشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن.» مەۋلۇدەمنىڭ كۈلكە ئاۋازى كۈمۈش قوڭغۇراقتەك يېقىملىق ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.