□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مېي
ھەر يىلى ھارپا كۈنى بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال جەم بولۇپ بىرلىكتە ھارپا كېچىسى تامىقى يەيدىغان مۇھىم پەيت. سىز مىڭ نەچچە يىل بۇرۇنقى ھارپا كېچىسى تامىقىنىڭ قانداقلىقىنى بىلەمسىز؟ شۇ چاغدىكى ھارپا كېچىسى تامىقى يېگەن مەنزىرىنىڭ بۈگۈنكى بىلەن قانداق پەرقى بار؟ شىنجاڭ مۇزېيىدىكى سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرى كۆرگەزمە زالىدا، تۇرپان ئاستانە قەدىمىي قەبرە توپىدىن قېزىۋېلىنغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر گۇرۇپپا يېمەكلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كىشىلەرگە مىڭ يىل بۇرۇنقى «ھارپا كېچىسى تامىقى» مەنزىرىسىنى قايتا نامايان قىلدى.
كۆرگەزمە زالىغا كىرگەندە، بۇ بىر گۇرۇپپا يېمەكلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە ئىشكاپى بىلەن يەنە بىر گۇرۇپپا رەڭلىك ئەمگەكچى ئايال قورچاقلار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە ئىشكاپى يېقىن قويۇلغانىدى. بۇنىڭ ئىچىدە رەڭلىك ئەمگەكچى ئايال قورچاقلار مەدەنىيەت يادىكارلىقى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۆت ئايال گۈرۈچ ئاقلاۋاتقان، ئاشلىق تاسقاۋاتقان، ئۇن تارتىۋاتقان، خېمىر يېيىۋاتقان كۆرۈنۈشنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىراش ھالىتى بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭ «ھارپا كېچىسى تامىقى» تەييارلاۋاتقان مەنزىرىسىگە ناھايىتى ئوخشايتتى.
يېمەكلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە ئىشكاپىدا بەنشىر، چۆچۈرە، گۈل چىقىرىلغان پېچىنە - پىرەنىك، قاتلىما، نان قاتارلىقلار كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى. قارىماققا بۇ، كىشىگە بىرەسىنىڭ ئۆيىدىكى بەنشىر، پېچىنە - پىرەنىكلەرنى بۇ جايغا تىزىپ قويغاندەك خاتا تۇيغۇ بېرەتتى. بولۇپمۇ يوپۇرماق شەكلىدىكى، گۈل بەرگى شەكلىدىكى، يۆبىڭ شەكلىدىكى ھەر خىل پېچىنە - پىرەنىكلەر بۈگۈنكى چۈچى پىرەنىكى ۋە خۇديېسۇ پىرەنىكىگە ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. گۈل چىقىرىلغان پېچىنە - پىرەنىكلەردىكى يوپۇرماق سىزىقچىلىرى، گۈل غۇنچىسى ۋە گۈل بەرگىلىرىنى ھازىرمۇ يەنىلا ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، كىشىنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرىدۇ، ئۇلار باھار بايرىمى مەزگىلىدە مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدىغان تاتلىق تۇرۇملەرمىدۇ؟
شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادىل ئابلىز مۇنداق تونۇشتۇردى: «پېچىنە - پىرەنىك» دېگەن سۆز تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ۋۇ زېڭ «能致斋漫录»دا: «ئادەتتە ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئازىراق پېچىنە - پىرەنىك ئىستېمال قىلىنىدۇ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا مۇشۇنداق گەپ بار» دەپ خاتىرىلىگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاھالىلەر يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە تويغۇچە غىزالىنىش، ياخشى غىزالىنىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، بەلكى ھەر خىل تائاملارنى يېيىش، رەڭگى، پۇرىقى، تەمى ھەممىسى تەل بولۇشنى قوغلاشقان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بۇ خىل يېمەك - ئىچمەك ئىدىيەسى ۋە ئادىتى ئاستانە قەدىمىي قەبرە توپىدىن قېزىۋېلىنغان بۇ بىر گۇرۇپپا يېمەكلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدا تولۇق دەلىللەندى.
بۇ بىر گۇرۇپپا يېمەكلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ شەكلى كۆپ خىل، ياسىلىشى نەپىس. ھەر خىل مېيخۇا شەكلىدىكى پېچىنە - پىرەنىك، جۇخار شەكلىدىكى پېچىنە - پىرەنىك، تۆت قىرلىق پېچىنە - پىرەنىك، تۆت بەرگىلىك گۈللۈك پېچىنە - پىرەنىك، سەككىز بەرگىلىك گۈللۈك پېچىنە - پىرەنىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇغداي ئۇنى خام ئەشيا قىلىنىپ، يىمىرىپ ياسالغان ياكى قېلىپتا بېسىپ ياسالغان. «پېچىنە - پىرەنىكلەرنىڭ ياسىلىش شەكلىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ ئۇسلۇبى چىقىپ تۇرىدۇ، مەسىلەن: مېيخۇا ۋە جۇخار قاتارلىقلارنى بىردەك يەرلىك كىشىلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شەكلىگە تەقلىد قىلىپ ياسىغان بولۇپ، بۇ ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ رايونى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ» دېدى ئادىل.
باھار بايرىمىنىڭ 1 - كۈنى بەنشىر يېيىش دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن ئۆرپ - ئادەت. ئادىل مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇ بەنشىر بۇغداي ئۇنىدىن ئېتىلگەن، شەكلى يېڭى ئايغا ئوخشايدۇ، جىلتىسى نېپىز، ئىچىدە قىيمىسى بار، ھازىرقى بەنشىر بىلەن پەرقى يوق دېيەرلىك. بەنشىر ئەينى چاغدا «شۇيجياۋ»، «جياۋزى» ياكى «لاۋۋەن» دەپ ئاتالغان. ئاستانە قەدىمىي قەبرە توپىدىن نۇرغۇن بەنشىر قېزىۋېلىندى، بۇ، ئەڭ ئاز دېگەندە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ غەربىي يۇرتقا تارقالغانلىقىنى، بەنشىرنىڭ تۇرپان ئاھالىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىستېمال قىلىدىغان بىر خىل ئۇن تامىقى بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
نان شىنجاڭلىقلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكلىرىدىن بىرى. كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ناننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بۈگۈنكى شىنجاڭلىقلار ئومۇميۈزلۈك ئىستېمال قىلىۋاتقان نان بىلەن ئاساسەن بىردەك. ئۇمۇ بۇغداي ئۇنىدىن ياسالغان، ئوتتۇرىسى نېپىز، چۆرىسى قېلىن، ئوتتۇرىسىغا گۈل چېكىلگەن، يۈزىگە يەنە كۈنجۈت چېچىلغان. «ناننىڭ تۇرپان رايونىدا بايقىلىشى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۇرپان ئاھالىلىرىنىڭ ناننى ئومۇميۈزلۈك ئىستېمال قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپلا قالماي، بەلكى ئەينى چاغدىكى كىشىلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىشنى ئەمەلىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى» دېدى ئادىل.
ھارپا كېچىسى تامىقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇ قەدىمكى زاماندىكى يىل ئاخىرىدىكى نەزىر - چىراغ مۇراسىمىدىن باشلانغان. كىشىلەر بىر يىل جاپالىق ئەمگەك قىلغاندىن كېيىن، يىل ئاخىرىدا نەزىر - چىراغ پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاسمان - زېمىن ئىلاھى ۋە ئەجدادلارنىڭ قوغدىشىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن نەزىر - چىراغ يېمەكلىكلىرىدىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ، مانا بۇ ھارپا كېچىسى تامىقىنىڭ دەسلەپكى شەكلى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھارپا كېچىسى تامىقى يېيىش ئادىتى ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش داۋامىدا، تەدرىجىي ھالدا باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئائىلە پائالىيىتىگە ئايلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە ھارپا كېچىسى تامىقى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتە موللاشتى، كۆپ خىللاشتى. جەنۇب تەرەپتە، تاماق ئۈستىلىدە «يىلدا ئېشىنچا بولۇش»قا سىمۋول قىلىنغان بېلىق كەم بولسا بولمايدۇ، يەنە جەم بولۇشقا سىمۋول قىلىنغان تاڭيۈەن بار؛ شىمال تەرەپتە «بايلىق توپلاش»قا سىمۋول قىلىنغان بەنشىر كەم بولسا بولمايدۇ. ھارپا كېچىسى تامىقى جەم بولۇش، ئىللىقلىققا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئەجدادلارنىڭ ئۈمىدى مۇجەسسەملىنىپ، كىشىلەرنىڭ يېڭى يىلغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە ناماياندىسى ھېسابلىنىدۇ.