دولاتا پورتى
جۇڭگولۇق شوپۇرنىڭ ئىللىق ئائىلىسىگە قايتىش يولى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو
بىر قاچا تەييار چۆپ، بىر قۇتا مىنېرال سۇ، مۇ فۇمىننىڭ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىنكى كۆڭلىگە ياقىدىغان بىر ۋاق تامىقى.
40 ياشتىن ئاشقان مۇ فۇمىننىڭ ئۆيى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجوۋ شەھىرىدە بولۇپ، جېڭجوۋ خۇڭيى تىرانسپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان شوپۇرى. يېقىندا، ئۇ باشقا 11 نەپەر ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان شوپۇر بىلەن ئۆزبېكىستانغا 5G ئاساسىي پونكىت ماتېرىياللىرىنى توشۇش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دولاتا پورتىدىن چېگرادىن كىردى.
«بۇ قېتىم ئۆيگە قايتىش بەك تەسكە توختىدى، ئاپتوموبىلدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى يەپ بولدۇق، ھېلىمۇ ياخشى دولاتا چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى بىزگە قايناق سۇ ۋە يېمەكلىك ئەكىلىپ بەردى. دۆلەت دەرۋازىسىنى كۆرگەن شۇ دەقىقىدە، كۆڭلىمىز خاتىرجەم بولدى، ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق!» دېدى مۇ فۇمىن.
ئىككى يىل ئىلگىرى، مۇ فۇمىن دۆلەت ھالقىغان تىرانسپورت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بولۇپ، گۇاڭجوۋ، جېڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىن ئاپتوموبىلدا مال توشۇيتتى، يول بويى غەربكە قاراپ مېڭىپ، قورغاس پورتى ياكى ئەركەشتام پورتىدىن چېگرادىن چىقاتتى، ھەر قېتىم چەت ئەلگە مال توشۇغاندا بىر قېتىملىق بېرىش - كېلىش مۇساپىسى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشاتتى، ئەڭ يىراق بولغاندا بىر قېتىملىق بېرىش - كېلىش مۇساپىسى ھەتتا 20 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتەتتى.
ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن، ئادەتتە بىر ئاپتوموبىلنى ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان ئىككى شوپۇر ھەيدەيتتى، مەيلى دۆلەت ئىچىدە ياكى چەت ئەلدە بولسۇن، ئۇلار ھەمىشە توختىماي ئالمىشىپ ئاپتوموبىل ھەيدەيتتى. ئەمما بۇ قېتىم باھار بايرىمى يېقىنلىشىپ قالدى، ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان بەزى شوپۇرلار ئائىلىسىگە قايتىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزمەكچى بولدى، شۇڭا بۇ قېتىم خەلقئارالىق تىرانسپورتقا مەسئۇل شوپۇرلار ئىلگىرىكىدىن ئاز بولدى. «بۇ تۈركۈمدە يەتكۈزۈلىدىغان مال جىددىي، مىقدارىمۇ كۆپ بولغاچقا، بىز 12 ئاپتوموبىلنى بىر ئاپتوموبىل ئەترىتى قىلىپ تەشكىللىدۇق» دېدى مۇ فۇمىن.
بۇلتۇر 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاپتوموبىل ئەترىتى 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئېلىپ قورغاس پورتىدىن چېگرادىن چىقىپ، مالنى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىگە توشۇدى. مال چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇ فۇمىن ۋە ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان باشقا شوپۇرلار خۇشاللىققا چۆمگەن ھالدا قايتىشقا ئالدىرىدى، ئويلىمىغان يەردىن قايتىش سەپىرى ئىنتايىن جاپالىق بولدى.
ئۆزبېكىستاندىن قازاقىستانغا، ئاندىن دولاتا پورتىغا بېرىش ئۈچۈن، ئۇلار توپتوغرا 23 كۈن يول يۈردى. يول بويى نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىن قەھرىتان سوغۇق ھاۋارايىغا، شىۋىرغان ۋە بورانغا يولۇقتى. ئۇلارنى ئەڭ ئەندىشىگە سالغىنى، تەييارلىۋالغان يېمەكلىكى كۈندىن - كۈنگە ئازىيىپ، تېجەپ يېيىشكە مەجبۇر بولدى...
«جاپا چەكتىڭلار، تېز كېلىپ ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىڭلار، قايناق سۇ ئىچىپ ئىسسىنىۋېلىڭلار.» ۋەتەن تۇپرىقىغا قەدەم باسقان ئاشۇ پەيتتە، دولاتا چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇلارغا چېگرادىن كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن تەييار چۆپ ۋە قايناق سۇ ئەكىلىپ بەردى. ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكى ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان شوپۇرلار تەسىرلىنىپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ رەھمەت ئېيتتى.
مۇ فۇمىن بىر تەرەپتىن تەييار چۆپ يېگەچ، بىر تەرەپتىن تىت - تىت بولغىنىچە ۋاقىتقا قارايتتى، مۇشۇ پەيتتە تاموژنىنىڭ تاقىلىشىغا 15 مىنۇتلا قالغان بولۇپ، ئۇلار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولالمىسا، يەنە ئاپتوموبىلدا بىر كېچە قونۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتتى.
«ئەنسىرىمەڭلار، بۈگۈن ھەرقانچە كەچ بولۇپ كەتسىمۇ، ھەممىڭلارنى ئۆيۈڭلەرگە قايتۇرىمىز.» دولاتا چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىسى لى چۇنشياۋنىڭ سۆزى ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى.
ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش، كىنىشكىلەرنى تەكشۈرۈش، رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش... ئەسلىدە بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان خەلق ساقچىلىرى يەنە جىددىي خىزمەتكە كىرىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، «يېشىل يول»نى جىددىي ئېچىپ بېرىپ، شۇ كۈنى كەچتىلا بارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولدى، ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان شوپۇرلارمۇ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلدى.
«ھەر قېتىم ۋەتەنگە قايتقاندا، بىز خەلق ساقچىلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى ۋە ۋەتەنگە قايتقاندىكى ئىللىقلىقنى ھېس قىلىمىز.» مۇ فۇمىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سەپەردىكى كەچۈرمىشىم ۋە تەسىراتىمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىمەن.