تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بازار باشلىقى كەنتنىڭ گۈزەل قىياپىتىنى سىنغا ئالدى

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شىجىر بازىرى

بازار باشلىقى كەنتنىڭ گۈزەل قىياپىتىنى سىنغا ئالدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن

«ۋەي، ئاكا، سىز ئالماقچى بولغان مال يېتىپ كەلدى، تېز كېلىپ ئېلىۋېلىڭ، بازىرى بەك ئىتتىك بولۇۋاتىدۇ».

نەچچە كۈن ئىلگىرى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىجىر بازىرىدا، بىر ئەر شەخسىي ئاپتوموبىلىدا ئولتۇرۇپ تېلېفون ئۇرۇۋاتاتتى، ئۇ تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقان «ئاكا» بىلەن مال سېتىۋېلىش توغرىسىدا پىكىرلەشتى.

بىر ئازدىن كېيىن، بىر سىرلىق ئەر تېز قەدەم بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئەينىكىنى يېنىك چەكتى. ئاپتوموبىل ئەينىكى چۈشۈرۈلگەندە، سىرلىق ئەر پەس ئاۋازدا: «ئاڭلىسام يېقىندىن بۇيان مال مەنبەسى قىس ئىكەن، سىزنىڭ ئۇ مېلىڭىز جىڭمۇ ياكى ساختىمۇ؟»

«ھەي، ئاكا، ھەقىقىي ئەسلىدىكى يەرلىك مەھسۇلات، سۈپىتىگە گەپ كەتمەيدۇ» دېدى ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئەر.

پاراڭلاشقاچ، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئەر ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ شەخسىي ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ساندۇقىنى ئاچتى، ئىچىگە لىق مال قاچىلانغانىدى. تەپسىلىي قارىغاندىن كېيىن، ئەسلىدە ئۇلار دېيىشىۋاتقان مال شىجىر بازىرىنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى بولغان ئالاھىدە باھار بايرىمىلىق مال ئىكەن: شۇ جايدىكى دېھقانلار ئۆزلىرى قولدا ئىشلىگەن پىنتوزا، لەڭمەن پىلتىسى، ھورنان، دېھقانلار ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان كالا - قوي گۆشى، يەرلىك توخۇ، يەرلىك تۇخۇم ۋە شۇ جاينىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان شەنلياڭ تېرىق ھارىقى ئىدى.

ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا، نەچچە يان تېلېفون ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى سىنغا ئېلىۋاتاتتى.

«باھار بايرىمى يېتىپ كەلدى، بىز بۇ قىسقا سىننى ئالاھىدە پىلانلاپ، شىجىر بازىرىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇردۇق.» دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، سىندىكى «ئاكا» − شىجىر بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى ۋاڭ لېي ئاندىن سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىدى.

تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندى

ۋاڭ لېي بۇ يىل 35 ياش، 2024 - يىلى 8 - ئايدا شىجىر بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى بولغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ «ۋاڭخۇڭ بازار باشلىقى» بولۇپ قالدى.

شىجىر بازىرى شەرقىي تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، موڭغۇل تىلىدا «ئوي - دوڭغۇل يەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تىيانشان تېغىدىن ئېرىگەن قار سۇلىرى يىغىلىپ تەۋەلىكتىكى شۈيمو دەرياسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇ يەرنى ئوزۇقلاندۇردى، شۇنداقلا بۇ كىچىك بازارنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «مەملىكەت بويىچە ئورمان ساغلاملىق كۈتۈنۈش بازىسى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشى ئورنى» «مەملىكەت بويىچە خاس مەنزىرە ساياھەت داڭلىق بازىرى» قاتارلىق «دۆلەت دەرىجىلىك» ناملارغا ئېرىشتۈردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن بازاردا 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن بىرى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك ئەنئەنىۋى كەنتتىن ئۈچى بار.

«بىزنىڭ بۇ جاينىڭ ساياھەت بايلىقى، يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى مول، لېكىن جايلاشقان جۇغراپىيەلىك ئورنى نىسبەتەن چەت، يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە خاس كەسىپ، مەھسۇلات ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولمىغاچقا، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلەپ قويغان، شۇنداقلا بۇ جايدىكى بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ ياخشى نەرسىلىرىنى ساتالماسلىق ياكى ياخشى باھادا ساتالماسلىقىغا سەۋەب بولغان. شۇڭا، بىزدە قىسقا سىن ئىشلەش ئويى پەيدا بولدى» دېدى ۋاڭ لېي.

بۇ ئوي ناھىيە ۋە بازارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.

بۇنىڭ ئۈچۈن، ۋاڭ لېي بازاردىكى قىسقا سىن ئىشلەش ئالاھىدىلىكى بار بىر نەچچە كادىرنى تەشكىللەپ، مەدەنىيەت - ساياھەت تەشۋىقات شۆبە ئەترىتى قۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا قىسقا سىن ئىشلىدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كەسپىي خادىم ئەمەس، سىنغا ئېلىش ئەمدىلا باشلانغاندا، كۆپچىلىكنىڭ سىنغا ئېلىش ماھارىتى ۋە سىن ئىشلەش سەۋىيەسى يۇقىرى بولمىغاچقا، بەزىدە ناھايىتى ئاددىي بىر كۆرۈنۈشنى قايتا - قايتا، كۆپ قېتىم سىنغا ئېلىشقا توغرا كېلەتتى.

«بىلمىسەك ئۆگەندۇق، قىيىن مەسىلىگە يولۇقساق ماتېرىيال ئىزدىدۇق، كەسپىي زاتلاردىن سورىدۇق.» ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش جەريانىدا، كوللېكتىپىمىز سىنغا ئالغان قىسقا سىن كەسپىيلىشىشكە باشلىدى.

شىجىر بازىرى ئالقىشقا ئېرىشتى

قىسقا سىننىڭ چېكىلىش دەرىجىسى ۋە كۆرۈلۈش مىقدارىنى قانداق ئۆستۈرۈش كېرەك؟ بۇ، ۋاڭ لېي ۋە كوللېكتىپ ئەزالىرى ئەڭ كۆپ ئويلانغان مەسىلە. قايتا - قايتا كېڭىشىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلار قىسقا سىننى سىنغا ئېلىشنىڭ باش تېمىسى، مەزمۇنى ۋە ئۇسلۇبىنى بېكىتتى، ئۇ بولسىمۇ يېزا - كەنت باش تېمىسى، سەھرا مەزمۇنى ۋە ھېكايىلەشتۈرۈلگەن قالتىس ھەم قىزىقارلىق ئىپادىلەش ئۇسلۇبى.

بۇلتۇردىن بۇيان، شىجىر بازىرى يېزا - كەنت كەسىپلىرى، مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى، تارىخ - مەدەنىيەت ۋە يېزا - كەنت تۇرمۇشى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ، ۋاڭ لېي ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى «كەنت توغرىسىدا ئىزدىنىش» يۈرۈشلۈكى، «ئائىلىۋى مېھمانخانا» يۈرۈشلۈكى قاتارلىق 10 نەچچە قىسقا سىننى سىنغا ئالدى. ئاممىغا يېقىن، قىزىقارلىق ئورۇنلانغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېكايىلەشكەن تىياتىر ۋەقەلىكى بولغاچقا، بۇ قىسقا سىنلار ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا نۇرغۇن تورداشنىڭ دىققىتىنى تارتتى. نۇرغۇن تورداش بۇ ئارقىلىق شىجىر بازىرىنى چۈشىنىپ، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شىجىر بازىرىغا بېرىپ ياكى توردا شۇ جاينىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالدى. ۋاڭ لېيمۇ شۇ سەۋەبتىن داڭق چىقىرىپ، تورداشلار ۋە شۇ جايدىكى ئامما تەرىپىدىن «ۋاڭخۇڭ بازار باشلىقى» دەپ ئاتالدى.

شىجىر بازىرى شۈيموگوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى چېن شىپىڭنىڭ ئاتا - بوۋىسىدىن قالغان پىنتوزا ياساش ھۈنىرى بار ئىدى، ئىلگىرى ئۇ پەقەت ئاغزاكى تارقىتىش ۋە ئۆزىنىڭ ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلاتتى، سېتىلىشى ئىزچىل ئانچە ياخشى بولماي كەلگەنىدى.

«بۇلتۇر قىش كىرگەندىن كېيىن، بازار باشلىقى رول ئېلىپ بىزنىڭ بۇ جايدىكى پىنتوزا ياساشقا ئائىت قىسقا سىننى سىنغا ئالغاندىن كېيىن، ئائىلىمىزنىڭ پىنتوزىسى بىردىنلا ئالقىشقا ئېرىشتى.» چېن شىپىڭنىڭ ئېيتىشىچە، باھار بايرىمىدىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئائىلىسى يەنە بىر نەچچە تۈركۈم پىنتوزا ياسىغان بولۇپ، سېتىش يولى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كېلىۋېتىپتۇ.

«كەنت توغرىسىدا ئىزدىنىش» ناملىق يۈرۈشلۈك قىسقا سىننى سىنغا ئېلىش جەريانىدا، شىجىر بازىرى ئالمىلىق كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جىن جيېمۇ ئارتىس بولۇپ باقتى. قىسقا سىندا، جىن جيې شۇ جاينىڭ «يەرلىك شېۋە»دە يۇمۇرلۇق ۋە قىزىقارلىق قىلىپ ئۆز كەنتىنى تونۇشتۇردى.

«مەن ئەزەلدىن قىسقا سىن ئىشلەپ باقمىغان، ئۆزۈمنىڭ يەنە يۇرتۇمنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولىدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.» جىن جيې مۇنداق دېدى: بازار باشلىقىغا ئەگىشىپ ئىشلىگەن قىسقا سىن كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، كەنتنىڭ قارا ئاشلىق، كالا - قوي گۆشى، يەرلىك توخۇ، قولدا ئىشلەنگەن كەسمە چۆپ، ئالما قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

ھەممىدە ئاممىنى كۆزلىدى

ۋاڭ لېي مۇنداق بىلدۈردى: رول ئېلىپ قىسقا سىن ئىشلەش جەريانىدا، نېمە ئۈچۈن قىسقا سىن ئىشلەيمىز؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزچىل ئويلىنىپ كەلدىم.

ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: قىسقا سىندا، كۆرۈرمەنلەرگە نامايان قىلغان رولۇم كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى ئوبرازىم بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. بولۇپمۇ، نۇرغۇن تورداش مېنى «ۋاڭخۇڭ بازار باشلىقى» دەپ ئاتىغاندا، كۆڭلۈمدە بەكلا تەشۋىشلەندىم، يېزا - بازار كادىرى سالاھىيىتىگە ماس كەلمەسلىكىمدىن ئەندىشە قىلدىم، بەزىلەرنىڭ مېنى ئويۇن قويۇۋاتىدۇ، ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ، دەپ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلدىم. شۇڭا، مەن ۋە كوللېكتىپىم ئىنچىكە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق بىر ئۆلچەمنى بېكىتتۇق: سىنغا ئېلىپ تونۇشتۇرۇلغان ئۆز جايىمىزنىڭ ساياھەت بايلىقى، يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جەزمەن ھەقىقىي نەرسىلەر بولۇشى كېرەك، كۆپتۈرۈۋېتىشكە، ساختىلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

ھەربىر قىسقا سىننىڭ كۆرسىتىلگەندىن كېيىن ياخشى باھاغا ئېرىشىشىگە ئەگىشىپ، ۋاڭ لېينىڭ كۆڭلىدىكى تەشۋىشمۇ بارا - بارا تۈگىدى.

«بىزنىڭ مەقسىتىمىز ۋە مەۋقەيىمىز پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ھەممىدە ئاممىنى كۆزلەش. يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولسىلا، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا پايدىلىق بولسىلا، بازار باشلىقى دېگەن بۇ سالاھىيەت ئانچە مۇھىم ئەمەس.» ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: «قىسقا سىن بىر كۆزنەك، دۇنيا بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ بۇ كىچىك بازىرىمىزنى تونۇيدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.