تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باھار بايرىمىلىق ئىستېمال يېڭى دولقۇن قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ياردەم پۇلى بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن سىجىل كۈچەشنىڭ تۈرتكىسىدە، «يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» «يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈش»كە تۈرتكە بولدى، ئىستېمالچىلار ياردەم پۇلىدىن ئىبارەت بۇ «قىزىل بولاق» بىلەن باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىپ، باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، گۈزەل يېڭى تۇرمۇش كەيپىياتى ياراتتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ياراتتى، ھەرقايسى جايلاردا باھار بايرىمىلىق ئىستېمال بازىرى جانلاندى، قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرە شەكىللەندى، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتىلدى.

باھار بايرىمى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىللىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مال سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى زور دەرىجىدە قوزغىتىلدى. بولۇپمۇ رەقەملىك مەھسۇلاتلار ساھەسىدە رەقەملىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، يەككە مەھسۇلاتنىڭ قىممىتى يۇقىرى، يېڭىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى ھەمدە پەن - تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلغان يېڭىسىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى سىياسىتىدە «كونىسىنى تاپشۇرۇش» ئالدىنقى شەرت قىلىنماي، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش تەننەرخى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلدى.

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى داڭلىق ماركىلىق يان تېلېفون ئەمەلىي چوڭ دۇكانلىرىغا كىرگىنىدە، مەسلىھەت سورىغىلى كەلگەن ۋە زاكاز بەرمەكچى بولغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى كۆردى. يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى (بىلەزۈك) قاتارلىق رەقەملىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغان ئىستېمالچىلار ئەڭ ئاخىرقى سېتىلىش باھاسىدا يەنە %15لىك ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

«باھار بايرىمى مەزگىلىدە، يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېرنى سېتىۋالىدىغان خېرىدارلار بىر قەدەر كۆپ.» خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇش سارىيى . ئۈرۈمچى يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى ۋۇيۆ مەيدانى دۇكىنىنىڭ دۇكان باشلىقى ياڭ شىن مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلەت ياردەم پۇلى سىياسىتىگە ماسلىشىپ، بەزى يان تېلېفوننىڭ يېڭىسىنى سېتىۋالسا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1000 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

«يېڭى يىلدا ئۆزۈمگە بىر يېڭى يان تېلېفون سېتىۋالدىم، 500 يۈەن ئېتىبار قىلدى، ئېتىبار بېرىش سالمىقىمۇ خېلى چوڭ ئىكەن، سودا ساراي يەنە ماڭا تىڭشىغۇچ سوۋغا قىلدى» دېدى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ما يۈفېي.

رەقەملىك مەھسۇلاتلاردىن باشقا، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئاپتوموبىل ساھەسىمۇ باھار بايرىمى مەزگىلىدە سېتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭ شىجى جۇڭليەن ئېلېكتىر سايمانلىرى زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى نەنخۇ مەيدانى دۇكىنى دۆلەتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئاساسىدا، يۈرۈشلۈك سېتىۋالغان تاۋارلار سوممىسى بەلگىلەنگەن سوممىغا توشسا، يەر سۈپۈرىدىغان ماشىنا ئادەم سوۋغا قىلىش، بەلگىلەنگەن تىپتىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغانلارغا سوۋغاتلىق بۇيۇم بېرىش ۋە مۇلازىمەت سوۋغا قىلىش قاتارلىق بىر قاتار سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىستېمالنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. بۇ دۇكاننىڭ مۇئاۋىن دۇكان باشلىقى گاۋ جيې مۇنداق تونۇشتۇردى: باھار بايرىمى مەزگىلىدە، دۇكىنىمىزنىڭ سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشتى، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ ۋە ئۇششاق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلار ئىستېمالچىلارنىڭ بەكرەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.

دۆلەتنىڭ «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار باھار بايرىمىلىق ئىستېمال پەسلى، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ئاۋاتلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازىرىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 22 مىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى تاپشۇرۇۋېلىندى، ياردەم پۇلى سوممىسى 16 مىليون 384 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 87 مىليون 262 مىڭ يۈەن ئىستېمالغا تۈرتكە بولغان؛ 36 مىڭ 600 يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى (بىلەزۈك)نىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى تاپشۇرۇۋېلىنغان بولۇپ، ياردەم پۇلى سوممىسى 14 مىليون 532 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 120 مىليون يۈەن ئىستېمالغا تۈرتكە بولغان؛ 2028 توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى تاپشۇرۇۋېلىنغان بولۇپ، ياردەم پۇلى سوممىسى 1 مىليون 25 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2 مىليون 886 مىڭ يۈەن ئىستېمالغا تۈرتكە بولغان.

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، سودىگەرلەرمۇ بەس - بەستە پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى. ئۆي جاھازلىرى ساھەسىدە، نۇرغۇن سودىگەر چوڭ - چوڭ ئۆي جاھازلىرىنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى؛ ئاپتوموبىل ساھەسىدە، نۇرغۇن ئاپتوموبىل كارخانىسى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قەرز پۇل ئۆسۈمىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئاپتوموبىللارنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، كۆپ خىل ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى... بۇ پائالىيەتلەر ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن يەنە، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش ھېس تۇيغۇسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئاشۇردى.

«دۆلەت ياردەم پۇلى سىياسىتى ئىستېمالچىلارنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تەننەرخىنى يېنىكلىتىپلا قالماستىن يەنە، مۇئەييەن دەرىجىدە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىنى تېزلەتتى.» بىيادى ئاپتوموبىلى ۋاڭچاۋ تورى سېتىش كەسپىي بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ چوڭ رايونىنىڭ دىرېكتورى يەن شىن مۇنداق دېدى: كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىگە قوشۇلۇپ، ماركىمىز يەنە سۇغۇرتا سوۋغا قىلىش، قەرز پۇل ئۆسۈمىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئۆسۈمسىز قەرز بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، نۇرغۇن ئىستېمالچىنى جەلپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.