تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈسەن تار كوچىسىدا شاد - خۇراملىق كۆپ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

«ئىككى يىل بۇرۇنقى كۈسەن تار كوچىسىدا، يولدىن توپا - چاڭ كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، ئۆيلەر ھەم كونىراپ، ھەم ئەسكىرەپ كەتكەنىدى.» «بۈگۈنكى كۈسەن تار كوچىسىدا، يول رەتلىك، پاكىز، ئاددىي، مودا.» «بۇ يەرگە قويۇق تارىخىي مەدەنىيەت يۈكلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيەنىڭ سىياسىتى ئاساسىي قاتلامغا نەپ يەتكۈزۈپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى سىزىلغان».

...

1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىغا جايلاشقان گاۋتەي ئاھالىلەر مەيدانىدا، كۇچا شەھىرىنىڭ ساقساق كوچا باشقارمىسى كوچائېرىق مەھەللىسىدىكى كادىرلار ۋە ئامما خۇشال - خۇرام ھالدا «باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىش، كاتتا بايرامنى بىللە ئۆتكۈزۈش» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. باشلىنىش نومۇرىدا، يۇرتىغا قايتقان بىر نەچچە داشۆ ئوقۇغۇچىسى «ساليۇتقا يوشۇرۇنغان نەزمە، نەزمىلەر يېزىلاردا» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، بۇ مەھەللىنىڭ كۈسەن تار كوچىسىدىكى ئىككى يىلدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى بايان قىلدى.

چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ئارتىسلار بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى. ئارقىدىنلا، مىللىي چالغۇ چېلىش، زامانىۋى ئۇسسۇل، شار دەسسەش ئويۇنى قاتارلىق نومۇرلار ئارقا - ئارقىدىن ئورۇنلاندى، ناخشا ساداسى، كۈلكە ساداسى بىر يول ئايرىلىپ تۇرىدىغان كۈسەن تار كوچىسىنىڭ قاينام - تاشقىنلىق كەيپىياتى بىلەن بىرلىشىپ كەتتى.

1200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كۈسەن تار كوچىسى، ئۆزگىچە قەدىمىي كوچا پۇرىقى بىلەن قويۇق باھار بايرىمى پۇرىقى گىرەلىشىپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان «ۋەنخۇاتۇڭ»غا ئايلاندى. تار كوچا ئېغىزىدا دۇكان ئاچقان ئاھالە راخمان ئىبراھىم كۈسەن تار كوچىسىنىڭ كونا كوچىدىن ۋاڭخۇڭ كوچىغا ئۆزگەرگەندىن كېيىن، باھار بايرىمى كەيپىياتىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلاشقانلىقىنى روشەن ھېس قىلدى. ئۇ تورداش «كونا شەھەردىكى يېڭى پاراڭ» سىن نومۇرىدىكى بىر جۈملە سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى «باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزسەك، خۇشاللىق تارايدۇ، خۇشاللىق ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ!» دەپ ئىپادىلىدى.

قەھرىتان قىش پەسلىدە ساياھەتچىلەر نىسبەتەن ئاز بولسىمۇ، لېكىن راخمان بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ خۇشاللىقىنىڭ ئەزەلدىن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بايقىدى. گىلەم سېلىشتىن ئەتلەس تارتىشقىچە، چالغۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن قاپاق سەنئەت بۇيۇملىرىنى تىزىشقىچە، كوچا باشقارمىسى ۋە مەھەللە كادىرلىرى تار كوچىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، قويۇق ھەم كۆپ خىل كۈسەن مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى؛ تيەنكوڭ كوچىسىدىن بەيخۇا كوچىسىغىچە، چايخانىدىن قەھۋەخانىغىچە، ئائىلىۋى مېھمانخانىدىن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى دۇكىنىغىچە، ھۆكۈمەت ۋە تىجارەتچىلەر تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئوخشاش بولمىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى؛ ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلىدىن ياغاچ ئاياغتا مېڭىشقىچە، مەشرەپتىن ياڭگىر ئۇسسۇلىغىچە، كۈسەن مۇزىكىلىق ئۇسسۇلىدىن ليەنپۇ سەنئىتىگىچە، ئامما ئۆزلىرى تەييارلىغان نومۇرلار كوچىلارنى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدۈردى...

كۈسەن تار كوچىسى كۇچا كونا شەھەر رايونىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە مىنگونىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى كوچا ئەندىزىسى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان كوچا بولۇپ، بۇ جايدا شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئاچقان چايخانا ۋە ناۋايخانا، شۇنداقلا سىرتتىن كەلگەنلەر ئاچقان قەھۋەخانا ۋە ساياھەت سۈرەتخانىسى بار، ئىسسىق ھور چىقىپ تۇرغان دۇكانلار نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلدى.

بۇلتۇر باھار بايرىمىدا راخمان «كوچا ئېغىزىدىكى دۇكان»نى «مەنزىرە رايونىدىكى كىچىك تاللا بازىرى»غا ئۆزگەرتتى، دۇكاننىڭ كۆلىمى ئۆزگەرمىدى، دۇكان ئىشىكى قەدىمىي قوش قاناتلىق ئىشىككە ئالماشتۇرۇلدى، سىرتقى تېمىغا ئەتىرگۈل سىزىلدى، بىر قۇر بېزىگەندىن كېيىن دەرىجىسى بىردىنلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ يىل باھار بايرىمىدىن كېيىن ئۇ ئىنىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئاچقان زەنجىرسىمان دۇكىنىنى قايتا بېزىمەكچى بولدى، «كۈسەن تار كوچىسى ئۆزگەرتىلىپ بارغانسېرى گۈزەللىشىپ كەتتى، سودىمىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ».

«باھار بايرىمىدىلا ئەمەس، ئادەتتىكى كۈنلەردىمۇ خۇشاللىقىمىز ئۈزۈلۈپ قالمىدى.» كۈسەن تار كوچىسىدا چايخانا ئاچقان ئابدۇقادىر مەمتىمىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، كۈسەن تار كوچىسى ئوڭغۇل - دوڭغۇل، مۇھىت تازىلىقى ناچار ئىدى، ھەتتا بەزى يەرلىك ئاھالىلەرمۇ بېرىشنى خالىمايدىغان كوچا ئىدى. 2023 - يىلى «كۈسەن تار كوچىسى» كۇچا شەھىرىنىڭ كونا شەھەر كوچىلىرىنى ئۆزگەرتىش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى، كادىرلار بىلەن ئامما بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى بىلەن بەرپا قىلىنغان تار كوچىنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلىنىپ، بىر سەكرەپلا كۇچا شەھىرىدىكى ئەڭ ئاۋات ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئابدۇقادىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆيىنى تۈزەپ چايخانا ئېچىپ، بىر تەرەپتىن خېرىدارلارنى چوڭ چىنىلىك چاي بىلەن تەمىنلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن خېرىدارلارغا مىللىي چالغۇلارنى چېلىپ بەردى، سودىسى ياخشى بولغاندا بىر كۈندە 500 - 600 يۈەن پۇل تاپتى.

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، كۈسەن تار كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە روزى مەخمۇت تار كوچىدا «لەنشې» خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارىتى قىلىدىغان لياڭ دېلۇغا تېلېفون قىلىپ، باھار بايرىمىدىن كېيىن ئائىلىۋى مېھمانخانىنى كېڭەيتىپ سېلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى، روزىنىڭ قارىشىچە، باھار بايرىمىلىق ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتىنىڭ خۇشاللىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىشىكى ئالدىدا ئىشلەپ پۇل تېپىشنىڭ خۇشاللىقى ئۇلىشىپلا كېلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.