تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كوچا ئويۇنى باھار بايرىمىنى قىزىتتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باھار بايرىمىدا قويۇق تۈس ئالدى

2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا ئارتىسلار شادىيانە مەشرەپ ئوينىدى. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، بۇ مەنزىرە رايونى كوچا ئويۇنى، خەلق ئۆرپ - ئادەت پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇردى. □ باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچتە، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر ئىلى دەرياسى پانۇس سەيلىسىنى تاماشا قىلماقتا. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، 2 - نۆۋەتلىك ئىلى دەرياسى پانۇس سەيلىسى ھەم 39 - نۆۋەتلىك جۇڭگو . چىنخۇەي پانۇس سەيلىسى ئىلى شۆبە مەيدان پائالىيىتىدە 40 نەچچە گۇرۇپپا ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە پانۇس سەيلىسى ئۆتكۈزۈپ، تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان كۆرۈش سېزىمى كاتتا مەرىكىسى ئېلىپ كەلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، باھار بايرىمىنىڭ 4 - كۈنى، كورلا شەھەرلىك يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدىكى «قىزىقارلىق مياۋخۇي پائالىيىتى . جۇڭگو باھار بايرىمىنى ھېس قىلىش» مياۋخۇي نەق مەيدانى ئالاھىدە قىزىپ كەتتى، تىيانشان كوچا باشقارمىسىنىڭ كوچا ئويۇنى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى رەڭدار، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ، زىبۇ - زىننەتلەرنى تاقاپ، قولىدا كۆتۈرۈۋالغان «غايەت زور ئەجدىھا»نى بوشلۇقتا يۇقىرى - تۆۋەن تولغاپ، ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىپ، نەق مەيدان كەيپىياتىنى بىردىنلا ئەۋجىگە كۆتۈردى.

2025 - يىلى يىلان يىلىدىكى باھار بايرىمى جۇڭگونىڭ باھار بايرىمىنى ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى باھار بايرىمى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بۇ باھار بايرىمىدىكى باھار بايرىمىلىق كەيپىياتنى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە قىلدى. ھەرقايسى جايلار باھار بايرىمىلىق كاتتا كوچا ئويۇنلىرىنى ئويناپ، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنى ئۇستىلىق بىلەن يۇغۇردى، ياڭراق سۇناي ناۋاسى، جۇشقۇن داقا - دۇمباق ساداسى، مودا كوچا ئۇسسۇلى، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى... بىر پارچە قايناق باھار بايرىمىلىق يۆگىمە رەسىمنى ئورتاق سىزىپ چىقتى.

كوچا ئويۇنى شىنجاڭدا ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ھەر مىللەت ئامما كۆپ خىل ئويۇن مەزمۇنى بىلەن بۇ ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى بېيىتىپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە قاراجورغا، ساۋۇردىڭ، شىنجاڭ خۇائېر، شىنجاڭ چۈزىسى، سەنەم قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى ئاز ئەمەس. 2021 - يىلى، شىنجاڭنىڭ كوچا ئويۇنى 5 - تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 12دە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىدە باھار بايرىمىلىق چوڭ تىپتىكى كوچا ئويۇنى باشلاندى، بېيجىڭ يولىدىن مەدەنىيەت يولىغىچە، يەنە ھاڭگىيا يولىغىچە كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. باھار بايرىمىلىق كوچا ئويۇنى لوپ ناھىيەسىنىڭ بىر يىلدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەرقايسى يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)، ھەرقايسى ئىدارە - ئورگانلار تەشكىللىگەن نەچچە ئون كوچا ئويۇنى ئەترىتى مەشرەپ، ياڭگىر ئۇسسۇلى، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ئەنسەي بەل دۇمبىقى، يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى، ياغاچ ئاياغ ئويۇنى، قولۋاق ئويۇنى قاتارلىقلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى باھار بايرىمى شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى.

شۇ كۈنى، لوپ ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 400 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسىدە بىر مەيدان كوچا ئويۇنى سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلدى. بەل دۇمباق، ياڭگىر ئۇسسۇلى رەڭدار لېنتىسى، جىڭجۈ تىياتىرى كىيىمى، يەلپۈگۈچ، ئەجدىھا - شىر... ھەممە يەر باھار بايرىمى شادلىقىغا چۆمدى.

«بىزنىڭ يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى ئەترىتىمىزدىن باشقا، بەل دۇمباق ئەترىتى، ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەك ئويۇن قويۇش ئەترىتىمۇ قىزىل قەغەزنى قىيىپ ئويۇن قويۇش كىيىمى تەييارلاپتۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئەڭ ياخشى ئىجادىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئويۇننى قىزىتىۋەتتى.» مەكىت ناھىيەسى كوچا ئويۇنى قويۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى ئەترىتىنىڭ ئەزاسى مېھرىگۈل ئابلا مۇنداق دېدى: مەن يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى ئەترىتىدىكى ئاچا - سىڭىللىرىم بىلەن ئۇدا تۆت يىل باھار بايرىمىلىق كوچا ئويۇنى قويۇشقا قاتناشتىم، ئويۇنلارنىڭ مەزمۇنى بارغانسېرى موللاشتى.

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسى «كوچا ئويۇنى ئويناپ باھار سەيلىسى قىلىش، بەختكە چۆمگەن توققۇزتارا» باھار بايرىمىلىق كوچا ئويۇنى خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى كوچا ئايلىنىپ كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. سائەت 12دە، داقا - دۇمباق ساداسىغا ئەگىشىپ، پائالىيەت رەسمىي باشلاندى، توققۇزتارا بازىرى ۋە كالا فېرمىسى بۆلەك رايونىدىن كەلگەن كوچا ئويۇنى قويۇش ئەترەتلىرى تەرتىپ بويىچە مەيدانغا چىقتى، ئەترەت ئەزالىرى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، روھىي قىياپىتى جۇشقۇن ئىدى، ئۇلار شوخ دۇمباق رىتىمىغا دەسسەپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىدى. ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، بەل دۇمباق ئۇسسۇلى، قولۋاق ئويۇنى، ياڭگىر ئۇسسۇلى، ياغاچ ئاياغ ئويۇنى قاتارلىق بايرام تۈسى قويۇق خەلق ئۆرپ - ئادەت ئويۇنلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئوينالدى.

كالا فېرمىسى بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جيەنگو مۇنداق دېدى: «كوچا ئويۇنى قويۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىغا خەلق ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز».

«داپ چېلىپ، ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويناش» ئۈرۈمچى كوچا ئويۇنى ئويناپ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ھەم سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتى بۇ يىل يۈەنشياۋ بايرىمىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، دەسلەپكى مۇسابىقىدىن باشلاپ، شەھەر بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 100 ئەترەت تور سۇپىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. «ئون ئىككى مۈچەل ئۆزگىرىپ ياسىنىش ئويۇنى» «<غەربكە ساياھەت>تىكى پېرسوناژلارنى دوراش ئويۇنى» «چىلان تورۇقنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشى»... ئىجادىيلىققا تولغان بۇ كوچا ئويۇنلىرى تاماشىبىنلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

«بىلەكنى تەمكىن ئوينىتىپ، دۇمباقنى چىڭ ئۇرىمىز، تەيپىڭ دۇمبىقىنى چالغاندا رەتلىك بولۇش ۋە قىياپەتكە ئەھمىيەت بېرىمىز.» باھار بايرىمىدىن بۇرۇن، لەنجوۋدىن ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋ كوچا باشقارمىسىنىڭ كوچا ئويۇنى ئەترىتىگە كېلىپ تەيپىڭ دۇمبىقى چېلىشنى رېپېتىتسىيە قىلدۇرۇۋاتقان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسى ۋېي ۋەنتاۋ بىر تەرەپتىن ئۈلگە كۆرسىتىپ، بىر تەرەپتىن ئەترەت ئەزالىرىغا چۈشەندۈردى.

«يېڭىلا تەشكىللەپ قۇرۇلغان بۇ كوچا ئويۇنى ئەترىتىنىڭ روھىي قىياپىتى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ، گەرچە بۇ ئۇلارنىڭ تەيپىڭ دۇمبىقى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى بولسىمۇ، لېكىن ئەترەت ئەزالىرى ئالاھىدە كۆڭۈل قويۇپ مەشىق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەستايىدىللىقى ماڭا بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ لەنجوۋ تەيپىڭ دۇمبىقىنى كېڭەيتىشنىڭ ناھايىتى ئەھمىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلدۇردى.» ۋېي ۋەنتاۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ كوچا ئويۇنى ئەترىتىدە تەيپىڭ دۇمبىقى چالىدىغانلارنىڭ سىيماسى تېخىمۇ كۆپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەرقايسى ئەترەتلەر ئىچىدە يەنە گۇاڭدۇڭ يىڭگې ئۇسسۇلى، ئەنخۇي خۇاڭمېي تىياتىرى، سىچۇەن تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش ئويۇنى، سەنشى تۆمۈر ئۇچقۇنى چىقىرىش ئويۇنى، جياڭسۇ چيەنگەن ئۇسسۇلى قاتارلىقلار بارلىققا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ كوچا ئويۇنىدىكى ئىجادىي ئۆزگىرىش، ئىجادىي تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، ئۇزارتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى، ھەرقايسى جايلاردا ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغانلار سانى سىجىل كۆپەيدى. «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»، «چولپانلار تىيانشاندا چاقنىدى» ئاممىۋى قابىلىيەت - ماھارەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر سىجىل ئۆتكۈزۈلۈپ، باھار بايرىمىلىق كوچا ئويۇنى قويۇش قاتارلىق چوڭ كۆلەملىك ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار زاپىسى توپلاندى. 2023 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت ئۆمىكىدىن جەمئىي 2746سى بار بولۇپ، ئەزالىرى 56 مىڭدىن ئاشتى، ئۇلار ھەرقايسى ئورگان، ئورۇن، مەھەللە، كارخانا، مەكتەپ، يېزا - كەنتلەردىن كەلگەن بولۇپ، خەلق ئىچى سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى.

ھەرقايسى جايلاردىكى كوچا ئويۇنى قويۇش ئەترەتلىرىدە، يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئويۇن قويۇش تايانچلىرىدىن بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ سەنئەت، تەنتەربىيە، مائارىپ كەسپىدىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەتىل ۋاقتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ كوچا ئويۇنى قويۇش ئەترىتلىرىنىڭ ئويۇن تەييارلاش ۋە رېژىسسورلۇق قىلىش، رېپېتىتسىيە قىلىشىغا ياردەم بەردى ھەم ئويۇن قويۇشقا قاتناشتى. «قىشلىق تەتىلدە كوچا ئويۇنى رېپېتىتسىيە قىلىپ، يۇرتۇم ئۈچۈن ئازىراق ئىش قىلىپ بېرەلىگەنلىكىمدىن مەن بەك خۇشال، بۇ بىرنەچچە يىلدا مەنمۇ ئويۇن قويۇش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋالدىم، مەكتەپتە ئەدەبىيات - سەنئەت دارېنى بولۇپ قالدىم.» ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسى ئادىلە توختىنىڭ تەتىل مەزگىلى كوچا ئويۇنىنى رېپېتىتسىيە قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن لىق تولغان بولۇپ، ئۇ بۇنى بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك جەمئىيەت ئەمەلىيىتى دەپ ھېس قىلدى.

لوپ ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ باشلىقى ئامانگۈل سىراجى مۇنداق دېدى: «بىر مەيدان كوچا ئويۇنىغا 1000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاق - ئىناق بولغان، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ».

(مۇخبىر يىن لۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار تولۇمجى، مەلىكەم)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.