تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قار ـ مۇز بىلەن قاپلانغان تۇپراقتا باھار بايرىمىنى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزۈش

1 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، كوچا ئويۇنى ئەترىتى ئەزالىرى خوتەن شەھىرىنىڭ ناۋاغ كوچا باشقارمىسىغا جايلاشقان خوتەن تۇەنچېڭ مەنزىرە رايونىدا ئويۇن كۆرسەتمەكتە. □شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

1ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىرېنگوۋ مەنزىرە رايونىدا قار چەمبىرىكىدە قار تېيىلماقتا. □لى ۋېنۋۇ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، جاڭ شياۋمى

2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى سائەت 18لەر ئەتراپىدا، شىنجاڭ ياخشى جاي ناملىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىنى ئېچىپ، ئاستا بىۋاسىتە كۆرسىتىش كىچىك پىروگراممىسىغا كىرگىنىمىزدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى، قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئەمەلىي مەنزىرىسى شۇئان كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانى، ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قاتارلىق جايلاردا يەنە نۇرغۇن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قار تېيىلىش يولىدا ئۇچقاندەك قار تېيىلىۋاتاتتى؛ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا يىراقتا قارلىق چوققىلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، كۆل بويىدا ئاپتوموبىللار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى؛ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىغا كىرىۋاتاتتى... يىلان يىلىدىكى باھار بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا باھار بايرىمى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزۈلدى، قار ـ مۇز بىلەن قاپلانغان تۇپراق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، خۇشال بايرام كەيپىياتى جاي ـ جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇردى.

«باھار بايرىمىدا ئۆيدە ئولتۇرۇۋالماڭ! ئالتاي قار ـ مۇز شادلىقى قاتارلىق پائالىيەتلەر سىزنىڭ كېلىپ قاتنىشىشىڭىزنى كۈتىدۇ!» جۇڭگو قار ماكانى ئالتاي قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى، ساياھەتچىلەرگە قار ـ مۇز تەكلىپنامىسى ئەۋەتتى. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئالتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ھەرقايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرى مول، رەڭدار «قار ـ مۇز بىلەن قاپلانغان تۇپراقتا باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش» پائالىيىتىنى يولغا قويدى، قاناس بىلەن ئۇچرىشىش، قۇمقاناسنى ھېس قىلىش، ئاق قاباغا كىرىش... قار ـ مۇز بىلەن قاپلانغان ئالتاي چۈش كەبى گۈزەل قار ـ مۇز دۇنياسىغا ئايلاندى.

ئالتايدىكى ھەرقايسى چوڭ قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونلىرى ھەرقايسى جايلاردىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى خۇشال كۈتۈۋالدى. باھار بايرىمىنىڭ 1 ـ كۈنى، ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا «قار تېيىلىپ باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش» كەيپىياتى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى − كىشىلەر كۈندۈزى قار تېيىلسا، كەچتە يەر شەكلى باغچىسىدا «ماھارەت كۆرسىتىپ» شادلىققا چۆمدى، «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم گۈزەل ئالتايدا قار تېيىلىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشۈم، نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، ھەر كۈنى توزغاق قاردا قار تېيىلغاندىكى تۇيغۇ ھەقىقەتەن قالتىس بولىدىكەن!» دېدى خاڭجوۋلۇق قار تېيىلىش ھەۋەسكارى جوۋ دېڭ.

يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدا باھار بايرىمىلىق كەيپىيات ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، كۈمۈش رەڭلىك قار تېيىلىش يولى ۋە قىپقىزىل جۇڭگو تۈگۈچى، پانۇسلار بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشۇپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى، قار تېيىلىش جابدۇقلىرى زالىدىكى ئالتۇن تۇخۇم چېقىش پائالىيىتى خۇشال باھار بايرىمى كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى. ئالتۇن تۇخۇم چېقىشقا قاتناشقان قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى، ساياھەتچىلەر ھەقسىز قار تېيىلىش بېلىتى، سەيلە قىلىش ئاسما ۋاگونى بېلىتى قاتارلىق باھار بايرىمىلىق سوۋغاتلارغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايتتى، ئىستىراھەت رايونى يەنە قەلەم، سىياھ، قەغەز، سىياھدان بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى 福 (بەخت) خېتى يازسا، چۇنليەن يازسا بولاتتى. بەش ياشلىق خۇاڭ چېنشى جياڭشىدىن شىنجاڭغا كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ قارنى تۇنجى كۆرۈشى، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم قار تېيىلىشى ئىدى. «قار تېيىلىش مەيدانى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭغا كېلىپ بىر ئۆزگىچە بايرام ئۆتكۈزدۇق» دېدى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ شىنجاڭغا كېلىپ قار تېيىلىپ باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزگەن ئانىسى. بۇ ئىستىراھەت رايونى داڭلىق ماركا مەركىزىنىڭ دىرېكتورى جۇاڭ خۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئىستىراھەت رايونىمىزنىڭ خېرىدار مىقدارى ھەر كۈنى تەخمىنەن 12 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئادەتتىكىدىن %40كە يېقىن كۆپەيدى.

يىلان يىلىدىكى باھار بايرىمىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردا مەدەنىيەت ـ ساياھەت پائالىيەتلىرى قانچىلىك قىزىدى؟ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەشۋىقات ـ ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە، بۇ مەركەز شىنجاڭ ئاقىل مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەنزىرە كۆرۈنۈشىنى قوللىنىپ ئاستا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق كۆرگەزمە قىلىش، تەشۋىق قىلىش تۈرىگە مەسئۇل.

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەر كۈنى ئاستا بىۋاسىتە كۆرسىتىش بار. شىنجاڭ بويىچە 40 نەچچە لىنىيەدە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىنلىق ئاستا بىۋاسىتە كۆرسىتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى، بۇ، دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، نۇقتىلىق 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، كېچىلىك ئىقتىساد كوچا رايونى، ۋاڭخۇڭ داڭلىق داكا نۇقتىسى، ۋاڭخۇڭ تاشيول قاتارلىق پۈتۈن شىنجاڭ خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىدى. باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئاستا بىۋاسىتە كۆرسىتىش نۇقتىلىرى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ «قار ـ مۇز بىلەن قاپلانغان تۇپراقتا باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش» ئەمەلىي ئەھۋالىنى تولۇق ئويلىشىپ، كۈندۈزى نۇرغۇن داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى، بولۇپمۇ قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا قارىتا ئاستا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلىپ بارسا، كېچىدە خوتەن تۇەنچېڭ مەنزىرە رايونى قاتارلىق كېچىلىك ئىقتىساد كوچا رايونلىرىنى تاللاپ ئاستا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلىپ باردى. «ئاستا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەممىلا جايدا شاد ـ خۇرام كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇرغان بولۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمى پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلىكنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتتى. بىز يەنە ئاستا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ياخشى ۋەزىيەتنى، شىنجاڭدىكى قار ـ مۇز بىلەن قاپلانغان تۇپراقتا باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزگەن كاتتا ئەھۋالنى تېخىمۇ ياخشى تارقاتتۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تەشۋىقات ـ ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىمى.

ئاستا بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈشلەردىن باشقا، شىنجاڭ ساياھىتى تېخىمۇ قىزىپ كەتتى، تېخىمۇ رەڭدار بولدى.

1 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنىدىن 1 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە، خوتەن ۋىلايىتى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 379 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.23 ئاشتى؛ ساياھەتچىلەر چىقىم قىلغان خىراجەت 253 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.89 ئاشتى. «باھار بايرىمى مەزگىلىدە، خوتەن ۋىلايىتى ئۆز جاي ساياھىتى، ئەتراپ ساياھىتى، قىسقا مۇساپىلىك ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىنى ئاساسلىق ساياھەت شەكلى قىلىپ، قار ـ مۇز ساياھىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش ساياھىتى، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار ساياھىتى، كېچىلىك ئىقتىساد ئىستېمال ساياھىتى قاتارلىقلارنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتى 700 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق تۈرلۈك مەدەنىيەت ـ ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 338 مىڭ 700 ئادەم قېتىم قاتناشتى. باھار بايرىمى مەزگىلىدە مول پائالىيەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكىنى ناھايىتى ياخشى تەشۋىق قىلدى، ساياھەتچىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.» خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى كەسىپ تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئەسقەر ئەبەيدۇللا مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇنىڭدىن باشقا، خوتەن ۋىلايىتى يەنە ئون نەچچە تۈرلۈك مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئېتىبار بېرىش تەدبىرىنى يولغا قويدى، بۇ، كىرىش بېلىتى ھەققىنى كېمەيتىش ـ كەچۈرۈم قىلىش، مېھمانسارايلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ساياھەت ئىستېمالىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

قار ـ مۇز بىلەن قاپلانغان تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىمۇ باھار بايرىمى مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. ئەنئەنىۋى شىر ئۇسسۇلى، مىللەتلەر ناخشا ـ ئۇسسۇلى، شىچۈ تىياتىرى قاتارلىقلار مەنزىرە رايونىدا نۆۋەت بىلەن ئوينىلىپ، تەرەپ ـ تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. مەنزىرە رايونى يەنە خەت تېپىش تېپىشمىقى، قاردا پۇتبول ئويناش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، موتورسىز مۇز ئۈستى تۈرلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىپ، ساياھەتچىلەرنى قار ـ مۇز خۇشاللىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 1 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى بىر كۈندىلا مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 11 مىڭ 832 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34 ئاشتى.

باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى قالتىس ئاۋاتلىشىپ كەتتى. ھەرقايسى جايلاردىكى باھار بايرىمىلىق پائالىيەتلەر، مەسىلەن: پانۇس كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۆمۈر ئۇچقۇنى چىقىرىش ئويۇنى، كوچا ئويۇنى كۆرسىتىش قاتارلىقلار زور تۈركۈم ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. كۇچا شەھىرىنىڭ رەستە ساياھەت ـ ئىستىراھەت كوچا رايونى، شايار ناھىيەسىنىڭ تاچيەنچېڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق جايلارغا پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى دەرىجىسى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى تۇنجى كىچىك يۇقىرى پەللىنى كۈتۈۋالدى، تىيانشان توفېڭ قار تېيىلىش مەيدانىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ خەلق ئۆرپ ـ ئادەت مەدەنىيىتى پائالىيىتى قاتارلىقلار ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. 1 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنىدىن 31 ـ كۈنىگىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 540 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.76 ئاشتى؛ ساياھەتچىلەر چىقىم قىلغان خىراجەت 334 مىليون 781 مىڭ 900 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.81 ئاشتى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت بازىرى قالتىس قىزىپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.