تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش مەيدانىدا تىرېنېرلىق قىلىۋاتقان «يەتتە ئالتۇن گۈل»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

ئىشىكى ئالدىدىكى قار تېيىلىش مەيدانىدا قازان قاتلىمىسى سېتىش ئارزۇگۈل ئەيسانى ئەڭ خۇشاللاندۇرىدىغان ئىش. بىر كۈن ئىشلەپ 200 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىش، يەنە قار تېيىلىش تىرېنېرلىرىنىڭ قار تېيىلىش يولىدا قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى باشلاپ ئۇچقاندەك تېيىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش ئۇنى خۇشال قىلاتتى، ھاياجانلاندۇراتتى.

ئارزۇگۈلنىڭ ئۆيى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزىسى توسما كەنتىدە، 2019 ـ يىلى، ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى كىچىك تاغدا قار تېيىلىش مەيدانى ياسالدى. «قار تېيىلىش مەيدانى ياسالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئادەم قار تېيىلغىلى كېلىدىغان بولدى، يەنە قار تېيىلىش تىرېنېرلىرىمۇ بار. قار تېيىلىدىغانلار كۆپەيگەنسېرى، ھەر خىل پائالىيەتلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.» ئۇ قىشتىكى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ بازاردىنمۇ ئاۋاتلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ كىچىك يايمىسىنى بازاردىن قار تېيىلىش مەيدانى ئەتراپىغا كۆچۈرۈپ كەلدى.

ئارزۇگۈلنىڭ ئۆيى ئالدىدىكى قار تېيىلىش مەيدانى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى چۈەنيۈ شىڭكۇڭ قار تېيىلىش مەيدانى بولۇپ، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قار تېيىلىش مەيدانى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بەدەل ساياھەت قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرغان. بۇ شىركەتنىڭ تەشۋىقات خادىمى ما ۋېنيۆنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قار نىسبەتەن ئاز ياغىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭدا، پەقەت مۇشۇ قار تېيىلىش مەيدانىدىلا يۇقىرى دەرىجىلىك قار تېيىلىش يولى بار بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ھەم ئەتراپتىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى نۇرغۇن قار تېيىلىش ھەۋەسكارى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىدىكەن.

ئارزۇگۈلنى ھەيران قالدۇرغىنى يەككە تاختا ياكى قوش تاختا كۆتۈرۈپ، كۇرسانتلارنى باشلاپ قار تېيىلىش جابدۇقلىرى زالىغا كىرىپ چىقىۋاتقان قار تېيىلىش تىرېنېرلىرىنىڭ بىر توپ ياش قىزلار ئىكەنلىكى بولدى. ئۇلار بوش ئاۋازدا سۆزلىگىنى بىلەن، جابدۇنۇپ قار تېيىلىش يولىغا چىققاندا، خۇددى قانات چىقارغاندەك ئەركىن پەرۋاز قىلاتتى.

قار تېيىلىش جابدۇقلىرى زالىدىكى بىر كىچىك قارا دوسكىغا «قار تېيىلىش مەكتىپى» دەپ يېزىلغانىدى. مۇخبىر شەخسىي تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغان سەككىز قار تېيىلىش تىرېنېرىنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرىنىڭلا ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىنى، قالغان يەتتىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ 2000 ـ يىللاردا تۇغۇلغان قىزلار ئىكەنلىكىنى ھەمدە ھەممىسىنىڭ توردا ئىشلىتىدىغان يېقىملىق نامى بارلىقىنى كۆردى. ئارزۇگۈلنىڭ نەزەرىدە ئۇلار خۇددى گۈلدەك ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، قار تېيىلىش مەيدانىدىكى «يەتتە ئالتۇن گۈل» ئىدى.

«يەتتە ئالتۇن گۈل» پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆت ئۆلكىدىن كەلگەن، تىرېنېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى «چيۇچيۇ»نىڭ ئەسلىي ئىسمى چېن مېينىڭ بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «يېشىمنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماڭ، لېكىن قار تېيىلغىنىمغا ئون يىل بولدى. ئون يىل ئىلگىرى، مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىن چىقىپ قار تېيىلىشنى ئۆگەنگەن، بۈگۈنكى كۈندە، مەن دۆلەتلىك 1 ـ دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى، قار تېيىلىش تىرېنېرى گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ جەنۇبىي شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ قار تېيىلىشنى ئۆگىتىۋاتىمەن. ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدە بۇ جايدا چوقۇم بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرى بارلىققا كېلىدۇ».

چېن مېينىڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ۋە شىنجاڭ سىفەن داشۆ تەنتەربىيە شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. ئۇ داشۆدە ئوقۇشتىن ئىلگىرى زادىلا قار تېيىلىپ باقمىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەنھەرىكەت تالانتى ۋە قەيسەر ئىرادىسىگە تايىنىپ، قار تېيىلىش تىرېنېرى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى بىر چوڭ تىپتىكى قار تېيىلىش مەيدانىدا تىرېنېر بولغان.

چېن مېينىڭنىڭ خىزمەتدىشى، تىرېنېر «شياۋخېي»نىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە: ئۇ «چيۇچيۇ» بىلەن كىچىكىدىن باشلاپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، «چيۇچيۇ» ئۇنى قار تېيىلىش تەنھەرىكىتى يولىغا باشلاپ كىرگەن. بۇلتۇر قىش كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى چۈەنيۈ شىڭكۇڭ قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئەسلىھەلىرىنىڭ بارغانسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقانلىقى، كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقىسى ۋە ئاممىنىڭ قار تېيىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، يۇرتىدىكى قار تېيىلىش مەيدانىغا قايتىپ كېلىشنى قارار قىلغان، «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز» دېدى «شياۋخېي».

چېن مېينىڭنىڭ باشقا خىزمەتداشلىرىمۇ ئۇنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن كەلگەن. «مەن شىئەن چەت ئەل تىلى داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە قار تېيىلىشقا مەپتۇن بولۇپ قالدىم، 2022 ـ يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ قار تېيىلغاندا <چيۇچيۇ> بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە بولۇپ، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور» دېدى شەنشىدىن كەلگەن تىرېنېر «شياۋزى».

تىرېنېر «شۇنشۇن» بىلەن تىرېنېر «چۇڭچۇڭ» شىنجاڭ قومۇلدىن كەلگەن، تىرېنېر «شياۋشياۋ» خۇبېي ۋۇخەندىن كەلگەن، تىرېنېر «شياۋجاۋ» سىچۇەن چېڭدۇدىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەمدىلا داشۆ پۈتكۈزگەن، بەزىلىرى ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغان، لېكىن ھەممىسى ئورتاق قىزىقىش ۋە ئىرادە بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇ قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىپ تىرېنېر بولدى.

نۇرغۇن قار تېيىلىش تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرى ھەرقايسى جايلاردىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، تەرەپ ـ تەرەپتىن كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى تونۇشقاندىن كېيىن دائىم ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. «چيۇچيۇ»نىڭ قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ۋىيشىن توپىدا 300دىن ئارتۇق قار تېيىلىش ھەۋەسكارى بار، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى چۈەنيۈ شىڭكۇڭ قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىدىغان قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قار تېيىلىش تىرېنېرلىرى قوبۇل قىلىدىغان كۇرسانتلارمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، ئۇنىڭ قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى دوستلار چەمبىرىكى تېز سۈرئەتتە كېڭەيمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.