
1 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئونسۇ بازىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما كوچا ئويۇنى قويۇپ، كاتتا باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى. شۇ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى 2025 ـ يىللىق «گۈللەنگەن دەۋردە يېڭى يىلنى قەدىمىي تۈستە تەبرىكلەش، باھار بايرىمىنى شاد ـ خۇراملىق ئىچىدە قۇتلۇقلاش» پانۇس ـ كۆرەك پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، جاھاننى لەرزىگە سالىدىغان داقا ـ دۇمباق ساداسى ئىچىدە، ھەر مىللەت ئامما خەلق ئۆرپ ـ ئادەت ـ مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.□يەن شوۋلىن فوتوسى

1 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قار تېيىلىش مەيدانىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگوۋ بازىرىنىڭ پىڭشىلياڭ كەنتىگە جايلاشقان ئۈرۈمچى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا، نۇرغۇن كىشىلەر باھار بايرىمىنى قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈشنى تاللىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى