تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 3 ـ سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2016 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى 1 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزىنىڭ «ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك» دېگەن قىسمى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىنلا ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئايال ئىشچان، ئەر مەسئۇلىيەتچان بولۇش، ئانا كۆيۈمچان، بالا ۋاپادار بولۇش، قېرىنداشلار ئۆزئارا كۆيۈنۈش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىرىشچان، ئەمەلىيەتچىل، جاپاغا چىداملىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇش، بىلىملىك، قائىدىلىك بولۇش، ئىنتىزامغا، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئائىلە ئىناق بولسا، ھەممە ئىش گۈللىنىش قاتارلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈشىگە تىرەك بولىدىغان مۇھىم مەنىۋى كۈچ، ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. مەيلى دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، بىر جەمئىيەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئائىلىنىڭ تۇرمۇشتىكى يۆلەنچۈكلۈك ئورنىنى ھېچ نەرسە باسالمايدۇ، ئائىلىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىقتىدارىنى ھېچ نەرسە باسالمايدۇ، ئائىلىنىڭ مەدەنىيلىك رولىنى ھېچ نەرسە باسالمايدۇ. ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ مىليونلىغان ئائىلىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ مۇھىم ئاساسىي نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش، كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى باشلانغان جايغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كۆپچىلىكنىڭ ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى. ئائىلە ئىناق بولسا، جەمئىيەت تىنچ بولىدۇ، ئائىلە بەختلىك بولسا، جەمئىيەت بەخت ـ سائادەتكە تولىدۇ، ئائىلە مەدەنىي بولسا جەمئىيەت مەدەنىي بولىدۇ. ئائىلىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان. ھەممە ئائىلە ياخشى بولسا، ئاندىن دۆلەت ياخشى بولىدۇ، مىللەت ياخشى بولىدۇ. دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختى ئابستراكت نەرسە ئەمەس، ئۇ ئاخىرىدا مىليونلىغان ئائىلىنىڭ بەختلىك، كۆڭۈللۈك بولۇشىدا نامايان بولىدۇ، 100 مىليونلىغان خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىدا نامايان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ياخشى بولسا، مىللەت ياخشى بولسا، ئائىلە ياخشى بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئىشقا ئاشقاندىلا، ئائىلە ئارزۇسى ئاندىن ئىشقا ئاشىدۇ. ھەممە ئائىلە ئائىلىسىنى سۆيۈش بىلەن دۆلەتنى سۆيۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئائىلە ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مىللەت ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كۆپچىلىكنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئائىلە كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى دەرسخانا، ئاتا ـ ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى. ئائىلە تەربىيەسىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئەخلاق تەربىيەسى، شۇنداقلا قانداق ئادەم بولۇش تەربىيەسى. ئاتا ـ ئانا ۋە ئائىلە باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياخشى ئەخلاق قارىشىنى بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى ئادەم بولۇشتىكى پەزىلەت ۋە شىجائەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ گۈزەل قەلب يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن دۆلەت ۋە خەلققە ياراملىق ئادەم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەممە ئائىلە سۆزى بىلەن ئۈلگە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرىكىتى بىلەن ئۈلگە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بىلىم ئۆگىتىپ، ئەخلاق ـ پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، بالىلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىشىگە، كىشىلىك ھاياتنىڭ بىرىنچى پەللىسىنى ياخشى بېسىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ئائىلىدە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئائىلە ئەزالىرىنى، بولۇپمۇ ئەۋلادلارنى پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى قىزغىن سۆيۈشكە يېتەكلىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى پائال تارقىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىگە بەخت يارىتىش، باشقىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش جەريانىدا مەنىۋى مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرۈشىگە، مەدەنىي كەيپىيات يېتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كۆپچىلىكنىڭ ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئائىلە ئىستىلى جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئائىلە كىشىلەرنىڭ جىسمانىي قونالغۇسى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى كىشىلەرنىڭ قەلب ماكانى. ھەممە ئائىلە ئېسىل ئائىلە ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىليونلىغان ئائىلىنىڭ ياخشى ئائىلە ئىستىلى ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ياخشى كەيپىياتىغا تىرەك بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئائىلە ئىستىلىنى ياخشى تۇتۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ قىزىل ئائىلە ئىستىلىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى، پەرزەنتلىرىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قېرىنداشلىق مېھرى ئۆتكىلىنى چىڭ ساقلىشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ھەردەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىشى كېرەك، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنى پائال تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك، ھەرقايسى تەرەپلەر تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن غەمخورلۇق قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتى تارماقلىرى بىرتۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى كەڭ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ۋەتەننى، ئائىلىنى سۆيىدىغان، ئۆزئارا ئېجىل ـ ئىناق ئۆتىدىغان، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان سوتسىيالىستىك ئائىلە مەدەنىيلىكى يېڭى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.