تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەممە ئائىلىگە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىش

1 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، سانجى شەھىرى دەنبا بازىرىدىكى 220 كىلوۋولتلۇق چاڭنىڭ تىرانسفورموتور پونكىتىدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى سانجى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ يۈرۈشتۈرۈش ـ ئاسراش خادىملىرى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم بېسىم ئۆزگەرتىش ئۈسكۈنىلىرىنى چارلاپ تەكشۈرمەكتە. □ تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

1 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، ئاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىنىڭ سېسترالىرى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى پەرۋىش قىلماقتا. □ باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

باھار بايرىمى مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان ئائىلىلەر ئورتاق تەبرىكلەپ جەم بولىدىغان كۈن. ھەممە ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداپ، دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ خۇشال ـ خۇرام، ئىناق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئەمگەكچى ئىش ئورنىدا ئۈن ـ تىنسىز چىڭ تۇرۇپ، بايرامدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى. ئۇلار ئاددىي خىزمەت ئورنىدىكى قالتىس قەھرىمانلار بولۇپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق جەم بولۇش چىرىغىنى ياندۇردى، ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇشى دۆلەتكە بولغان ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەت.

110 مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغۇچىلار: «تىنچ ـ ئامانلىق غەمگۈزارى» بولدى

ھارپا كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ساقچى بۇيرۇق بۆلۈمىنىڭ 110 قوماندانلىق ئىشخانىسىدا، خەلق ساقچىسى خەن فاڭ ۋە خىزمەتداشلىرى تىڭشىغۇچ تاقاپ، جىددىي خىزمەت ھالىتىگە كىرىپ، «تىنچ ـ ئامانلىق غەمگۈزارى» بولدى.

1 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى سائەت 18دە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرىدىكى چې X ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، ئوغلۇم يان تېلېفون ئويناش سەۋەبىدىن مەن بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىپ، قېيداپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، دېدى. خەن فاڭ دەرھال ئۈرۈمچى ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى يۇڭفېڭ ساقچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتى، خەلق ساقچىلىرى ئاممىۋى سىننى تەكشۈرۈپ، ساقچى كۈچىنى تەشكىللەپ ئىزدەپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن شۇيشىگوۋ ـ بەنفاڭگوۋ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ كۆۋرۈك سۈڭگۈچىدىن بالىنى تاپتى. خەلق ساقچىلىرىنىڭ تەسەللى بېرىشى، تەربىيە بېرىشى بىلەن بالا خاتالىقىنى تونۇدى، خەلق ساقچىلىرى ھەمراھ بولۇپ ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چېھرىدە قايتىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىنغاندا، شەھەردە رەڭگارەڭ ساليۇتلار ئېتىلدى، خەن فاڭ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشقىمۇ ۋاقتى يەتمىدى. 1 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى سەھەر سائەت 3تە، خەن فاڭ ۋاڭ Xنىڭ ياردەم تەلەپ قىلغان تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى، قارشى تەرەپ قورسىقىنىڭ ئاغرىپ ماڭالماي قالغانلىقىنى ئېيتتى. خەن فاڭ خەلق ساقچىلىرىنى چاقىردى ھەم 120گە تېلېفون بەردى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى نەنگۇەن ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى ۋە تېببىي خادىملار دەرھال يېتىپ كەلدى، خەلق ساقچىلىرى ۋاڭ Xكە ھەمراھ بولۇپ دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئائىلىسىدىكىلەر يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئايرىلدى.

خەن فاڭ تۇرۇشلۇق بەن ـ گۇرۇپپا باھار بايرىمى ھارپىسى سائەت 10دىن باشلاپ باھار بايرىمىنىڭ 1 ـ كۈنى سائەت 10غىچە نۆۋەتچىلىك قىلىپ، 50 قېتىمغا يېقىن ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ، ھەممىسىنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلدى. خەن فاڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ ھارپا كۈنى جەمئىيەت ئەھۋالى ياخشى بولدى، ياردەم تەلەپ قىلىش تۈرىدىكى ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئەھۋالى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئازايدى، كۆپچىلىك گەرچە ئالدىراش بولساقمۇ، كۆڭلىمىز خاتىرجەم، خۇشال بولدۇق.

خەن فاڭ مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغۇچى بولغان 15 يىلدىن بۇيان، ھەر قېتىملىق ھارپا كېچىسىنى خىزمەت ئورنىدا ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭ ئېرىمۇ ساقچى بولۇپ، شۇ كۈنى كەچتە ئوخشاشلا ئىش ئورنىدا ئىشلىدى، قىزى بوۋا ـ مومىسىنىڭ ئۆيىدە ھارپا كېچىسى تامىقى يېدى.

خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى: ۋەتەن ئۈچۈن پوستتا تۇردى

كاتتا باھار بايرىمىدا، جەم بولىدىغان چاغدا، خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى جەڭ ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن «بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بولالماسلىقى بەدىلىگە تۈمەن ئائىلىنى جەم قىلىش»تىن ئىبارەت ئۆزىنى بېغىشلاش سەھىپىسىنى پۈتتى.

پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىدە يىل بويى قار ـ شىۋىرغان چىقىپ تۇراتتى. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر قار ـ شىۋىرغانغا قارىماي، چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى؛ جيالېۋەن چېگرا مۇداپىئە ليەنى جيالېۋەن دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان، بۇ جاينىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ، كىلىماتى ناچار بولۇپ، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر دەريا ۋادىسىدا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، چېگرانىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

تاڭ سەھەردىكى تۇنجى قۇياش نۇرى چېگرا ئۆتكىلىگە چۈشكەندە، ئاقسۇ شۆبە ھەربىي رايونى يېڭىئاۋات چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ چارلاش شۆبە ئەترىتى جابدۇقلىرىنى رەتلەپ، پەيجاڭ ۋاڭ زېفېڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 32 ئايلانما تاغ يولى، تىك يار ۋە تۆگە جىلغىسى قاتارلىق خەتەرلىك، قىيىن يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتۈپ، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى نۇقتىغا بېرىپ چارلىدى.

قاتار ـ قاتار ھەربىي گازارمىلاردىكى «ھارپا كۈندىكى قاراۋۇل» «يىل ھالقىغان قاراۋۇل»نىڭ ھەممىسى ئوفىتسېرلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «پاتېنتى» ئىدى، بۇمۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئالاھىدە «باھار بايرىمىلىق ئۆرپ ـ ئادەت». شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم بىرلەشمە تۇەنىنىڭ شاۋشياۋسى ۋاڭ لۇڭ ئەستايىدىللىق بىلەن سەپدىشىنىڭ قولىدىن مىلتىقنى ئېلىپ، مەزمۇت، كۈچلۈك قەدەم بىلەن قاراۋۇللۇق ئورنىغا چىقتى.

دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قاراقۇرۇم تېغىدا تۇرۇشلۇق شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۇەنى بىر مەيدان ئەمەلىي ئەسكەر، ئەمەلىي جابدۇق دالا مەشىقى تەشكىللەپ، ھەقىقىي تاقابىل تۇرۇش، ئەمەلىي مەشىق قىلىش داۋامىدا قىسىم ئۇرۇش تەييارلىقىنىڭ تۈجۈپىلىشىش، ئۆلچەملىشىشكە قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى. مەلۇم ليەننىڭ ليەنجاڭى نۇرەخمەت ئەخمەت مۇنداق دېدى: بىز غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى تاۋلاپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى باھار بايرىمىنى ئىناق، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

تېببىي خادىملار: ئاغرىقلارنىڭ ساغلاملىقىنى كېچىلەپ قوغدىدى

1 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 ـ دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش . جاراھەت مەركىزىدە، جىددىي داۋالاش ـ قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل سېستراسى چېن جۈەن ئالدىراش ھالدا ئاغرىقلارنى كۆرۈنىدىغان بۆلۈملەرگە ئايرىۋاتاتتى.

باھار بايرىمى مەزگىلىدە، دوختۇرخانىغا كېلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلار ئىدى. بۇ ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دوختۇرخانا نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرغاندا ئىستاژى ئۇزاق دوختۇر، سېسترالارنىڭ نىسبىتىنى كۆپەيتتى. شۇ كۈنى سائەت 12لەردە، قۇتقۇزۇش بۆلۈمى قەشقەردىن كەلگەن 65 ياشلىق ئېغىر ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقىنى كۈتۈۋالدى، يۆتكەش داۋامىدا ئاغرىق ھوشىنى يوقاتقانىدى. جىددىي داۋالاش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جۇ يۇڭ قاتارلىق تېببىي خادىملار دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىشىپ، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىنى ئورناتتى، بەلغەمنى تارتتى، پارامېتىرنى تەڭشىدى، 20 مىنۇتتىن كېيىن ئاغرىقنىڭ قېنىدىكى ئوكسىگېننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى ئۆرلىدى.

ھارپا كۈنى، بۇ مەركەزدىكى 100 دىن ئارتۇق تېببىي خادىم ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇلار زىچ ماسلىشىپ، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى جىددىي قۇتقۇزدى.

قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ سىرتىدا، ئائىلە تەۋەلىرى تىت ـ تىت بولۇپ ساقلاپ تۇراتتى، سېسترالار قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇراتتى. جىددىي داۋالاش جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە سېپى، تېببىي خادىملارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھارپا كېچىسى ئاغرىقلارنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان كېچە. يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىنغاندا، ئۇلار يەنە يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىزمەتنى باشلىدى.

مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى: شەھەرنى پاكىز، رەتلىك قىلدى

1 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، چوڭ ـ كىچىك كوچىلارغا پانۇس ۋە رەڭلىك لېنتىلار ئېسىلدى، كۇچا شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى باغ ـ ئورمان كۆكەرتىش مۇھىت تازىلىقى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى جەمىلەم نىياز تاڭ ئېتىشى بىلەنلا تازىلىق قوراللىرىنى ئېلىپ خىزمەت ئورنىغا كېلىپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن ئالدىراش تازىلىق قىلدى، شەھەر پاكىز، رەتلىك قىياپىتى بىلەن سەپەرگە چىققان ۋە ئۆيىگە قايتقانلارنى كۈتۈۋالدى.

«باھار بايرىمى مەزگىلىدە، بايراملىق پائالىيەتلەر كۆپىيىپ، ئەخلەت مىقدارىمۇ مۇناسىپ ئاشتى، كۆپچىلىكنى رەتلىك، پاكىز مۇھىت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بىز ئازراق جاپا تارتساق ھېچقىسى يوق.» جەمىلەم مۇنداق دېدى: مېنىڭ مۇھىت تازىلىقى خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقىنىمغا ئون يىل بولدى، باھار بايرىمىدىن ئىلگىرى مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن باھار بايرىمىنىڭ 1 ـ كۈنى ئىش ئورنىغا بالدۇر كېلىپ، ئامما سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن مۇھىت تازىلىقىنى ياخشى قىلىشنى مەسلىھەتلەشكەنىدۇق.

«كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەن يېڭى بىر يىللىق تۇرمۇشقا نىسبەتەن تېخىمۇ ئۈمىدكە تولدۇم.» جەمىلەم مۇنداق دېدى: مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم كۇچا شەھىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولۇپ، چوڭ ـ كىچىك كوچىلارنىڭ گۈزەل قىياپىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىدۇق.

ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خىزمەتچىلىرى: بايرامدا توك بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى

1 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، قومۇلدا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، سوغۇق شامال نەشتەردەك سانجىلاتتى. «ئۈسكۈنىلەر نورمال يۈرۈشۈۋاتىدۇ، مەن مۇناسىۋەتلىك لىنىيەلەرنى قايتا تەكشۈرۈپ باقاي» دېدى 800± كىلوۋولتلۇق تىيانشان تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتى يۈرۈشتۈرۈش 2 ـ بەنىنىڭ نۆۋەتچىسى سۇڭ رۇڭشىن خىزمەتدىشىغا. ئۇلار سوغۇق شامالغا قارىماي توك تەقسىملەش ئۆيىگە بېرىپ، ھەربىر ئۈسكۈنىنىڭ يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتىنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ، باھار بايرىمىدا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە ئالاھىدە كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

قومۇلنىڭ جەنۇبى − جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى مۇھىم يول بولۇپ، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تومۇرى. 800± كىلوۋولتلۇق تىيانشان تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتى دەل بۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چوڭ تومۇرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوت ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىرنى بىرلەشتۈرۈپ سىرتقا يەتكۈزۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان.

باھار بايرىمى مەزگىلىدە، توك يەتكۈزۈلىدىغان جايلارنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 800± كىلوۋولتلۇق تىيانشان تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بايرام مەزگىلىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە يۈرۈشتۈرۈش ـ ئاسراشنى قانات يايدۇردى. يۈرۈشتۈرۈش ـ ئاسراش خادىملىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرا، ماشىنا ئادەم قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، نۇقتىلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئالاھىدە كۆزىتىپ ۋە تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ئۈسكۈنىلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

«بايرام مەزگىلىدە تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىكى يۈرۈشتۈرۈش ـ ئاسراش خادىملىرى ئىش ئورنىدا 24 سائەت چىڭ تۇردى.» 800± كىلوۋولتلۇق تىيانشان تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ لىمىڭ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش مەيدانلىرىغا قارىتا بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ ۋە نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، نۇقتىلىق لىنىيە ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كۆزىتىشنى تاماملاپ، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق چوڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن بىخەتەر، ئىشەنچلىك تەمىنلىشىگە ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلدۇق.

(مۇخبىر سۈي يۈنيەن، قاتناشقان مۇخبىرلار ياڭ شۇخەن، سۇ لۇپىڭ، چېن چياڭۋېي، سى لۇلۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن كەي)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.