تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

​بىر ئائىلىدىكى تۆت جان قار تېيىلىش مەيدانىدا باھار بايرىمى ئۆتكۈزدى

قار تېيىلىشقا مەپتۇن بولۇپ قېلىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلىش

​بىر ئائىلىدىكى تۆت جان قار تېيىلىش مەيدانىدا باھار بايرىمى ئۆتكۈزدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ

«ئاپا، سىز ئۇكامنى ئېلىپ دەسلەپكى دەرىجىلىكلەر قار تېيىلىش يولىدا بىر قېتىم تېيىلىپ كېلىڭ، مەن دادام بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر قار تېيىلىش يولىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تېيىلىپ كېلەي، ئاندىن بىز مومامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ھارپا كېچىسى تامىقى يەيلى.» باھار بايرىمىنىڭ ھارپىسى، نارات خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر قار تېيىلىش يولى يېنىدا، ئون ياشلىق ليۇ يىچېن ئاپىسىنى ئۆزىنى كۆپرەك مەشىق قىلدۇرۇشقا كۆندۈردى. يېرىم ئاي ئىلگىرى، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق 2 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش تۈرى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشقانىدى. ئۇلار بۇ يىل باھار بايرىمىنى قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ۋاقىتنى ئازراقمۇ ئىسراپ قىلغۇسى كەلمىدى، چۈنكى باھار بايرىمىدىن كېيىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ياش - ئۆسمۈرلەر قار تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلەتتى، شۇڭا ئۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كۆپرەك مەشىق قىلىپ، نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلدى.

ليۇ يىچېن ئائىلىسىدىكى تۆت جان نارات خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ دائىملىق مېھمىنى، قار تېيىلىش مەيدانىدىكى تىرېنېرلاردىن تارتىپ خىزمەتچىلەرگىچە ھەممىسى قار تېيىلىشقا مەپتۇن بولۇپ قالغان بۇ بىر ئائىلىدىكى تۆت جاننى ياخشى تونۇيدۇ. قار پەسلى يېتىپ كەلسىلا، ئۇلار جۈمە كۈنى كەچتە غۇلجا شەھىرىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ 200 كىلومېتىر يول يۈرۈپ كۈنەس ناھىيەسىگە قار تېيىلغىلى كېلىدۇ ۋە ئىككى كۈن تېيىلىپ، يەكشەنبە كۈنى قايتىپ كېتىدۇ. «2018 - يىلىدىكى قار پەسلى ليۇ يىچېن ئۈچۈن تۇنجى قار پەسلى بولدى، بىز ئۇنىڭغا تىرېنېر تەكلىپ قىلىپ بەردۇق، ئېرىم ئىككىمىز قار تېيىلىش تاختىسىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئۇنىڭ يېنىدا تەڭ ئۆگەندۇق، شۇنداق قىلىپ بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان قوش تاختىدا قار تېيىلىشقا باشلىدۇق» دېدى ليۇ يىچېننىڭ ئاپىسى ۋاڭ خۇيجۈن.

دەسلەپتە ئوغلى ئەڭ تېز ئۆگىنىۋالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن دادىسى ئۆگىنىۋالدى، ئاپىسى ۋاڭ خۇيجۈن ئاتا - بالا ئىككىيلەننىڭ ئۆگىنىش سۈرئىتىگە سەل يېتىشەلمەي قالدى. «ئۇلار ئىككىسى ھەرىكەتنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن ماڭا ئۆگەتتى، ھەر قېتىم قار تېيىلىش مەيدانىدىن ئۆيگە قايتقاندا، ئېرىم ئاپتوموبىل ھەيدەيدۇ، ئوغلۇم ئىككىمىز سىندا تېيىلىش ھەرىكىتىنى قايتا - قايتا كۆرىمىز، ئوغلۇم خاتالىقىمنى تۈزىتىپ بېرىدۇ» دېدى ۋاڭ خۇيجۈن.

قار تېيىلىش سەۋەبىدىن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ نۇرغۇن ئورتاق سۆز تېمىسى بار بولدى، ئوغلى ئاپىسىنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلىدى، ئاپىسى بىلەن دادىسى كەمتەرلىك بىلەن ئوغلىدىن بىلمىگەنلىرىنى سورىدى. «يان تېلېفوننى قويۇپ، تەبىئەتكە قۇچاق ئاچتۇق، ئوغلۇمدىن بىلمىگەنلىرىمىزنى سورىدۇق، مېنىڭچە بۇ دەل ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھ بولۇشى، بۇمۇ ئېرىم ئىككىمىزنىڭ ئوغلىمىزغا ھەمراھ بولۇپ قار تېيىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىزنىڭ سەۋەبى» دېدى ۋاڭ خۇيجۈن.

2019 - يىلى 9 - ئايدا، ۋاڭ خۇيجۈننىڭ كىچىك ئوغلى تۇغۇلدى، شۇ قار پەسلىدە چوڭ ئوغلىغا ھەمراھ بولۇپ قار تېيىلىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپە ئېرىگە يۈكلەندى. 2020 − 2021 - يىللىق قار پەسلىدە ۋاڭ خۇيجۈن ئاندىن قار تېيىلىش مەيدانىغا قايتىپ كەلدى. ئاكىسى قار تېيىلىشنى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇلارنىڭ كىچىك ئوغلىمۇ ئۈچ ياشتىن باشلاپلا قار تېيىلىش مەيدانىدا ئوينايدىغان بولدى، ئۇنىڭ تۇنجى قار تېيىلىش تاختىسى يەككە تاختا ئىدى. «بۇ ئىككى يىلدا ھەممەيلەن يەككە تاختىدا قار تېيىلىشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، شۇڭا كىچىك ئوغلۇمغا يەككە تاختىدا قار تېيىلىشنى ئۆگەتمەكچى بولدۇق، ئويلىمىغان يەردىن بىر قار پەسلى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، كىچىك ئوغلۇمنىڭ يەككە تاختىدا قار تېيىلىشنى ئۆگىنىشىدە ئىلگىرىلەش بولمىدى، ئۇ ئاكىسى تېيىلىۋاتقان قوش تاختىغا قىزىقىپ شۇنىلا ئۆگەنمەكچى بولدى.» كىچىك ئوغلىنى ماقۇل كەلتۈرەلمىگەن ۋاڭ خۇيجۈن يەنە ئۇنىڭغا قوش تاختا ئالماشتۇرۇپ بەردى ۋە كىچىك ئوغلىغا تېخىمۇ ياخشى ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن، قايتىدىن قار تېيىلىشقا باشلىدى، «بۇ قېتىم مەن كىچىك ئوغلۇم بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، قوش تاختىدا قار تېيىلىشقا ياخشى ئاساس سېلىش ئۈچۈن ھەربىر سائەتلىك دەرسنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كىچىك ئوغلۇم بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلدىم».

بۈگۈنكى كۈندە، كىچىك ئوغلىمۇ قوش تاختىدا قار تېيىلىشنى ئۆگىنىۋالدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى پات - پات تەڭ قار تېيىلاتتى، بۇمۇ نارات خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدىكى بىر مەنزىرە بولۇپ قالدى. ۋاڭ خۇيجۈن ئائىلىسىنىڭ بىرلىكتە قار تېيىلىشى ئىلى ئوبلاستىدا قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ ئادەتتىكى كىشىلەر قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا يۈزلىنىپ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى ياقتۇرۇپ قالدى. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ئاپتونوم رايونلۇق 2 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئىلى ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن 61 تەنھەرىكەتچى قاتنىشىپ، دالىدا قار تېيىلىش، تېز سۈرئەتتە قار تېيىلىش قاتارلىق يەتتە تۈردىكى مۇسابىقىدە بەسلەشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.