تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

​قارلىق دالىدا ياڭرىغان داستان

«چاقناپ تۇرغان چىراغلار، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن شىنجاڭ» قار - مۇز فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئەسەرلىرىدىن تاللانما​

قارلىق دالىدا ياڭرىغان داستان

«تاغدىكى ئائىلە»

«قىشتىكى موگۇيچېڭ»

«چۈش كەبى مەنزىرە»

«مۇزتاغلار ئاتىسىنىڭ يارقىن پەيتى»

شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە قار - مۇز بايلىقى ئەڭ مول رايونلارنىڭ بىرى، كۆز يەتكۈسىز قار - مۇز بىلەن قاپلانغان گۈزەل مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى ئادىمىيەت ساياھەتچىلىكى ۋە تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھەتچىلىكى، قار - مۇز مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتى يېقىندا بىرلىكتە «چاقناپ تۇرغان چىراغلار، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن شىنجاڭ» قار - مۇز فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. بۇ مۇسابىقە كامېرا ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى خاتىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى، مەدەنىيەت ساياھىتىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنلىكى، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكى ۋە خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيىتىنىڭ چاقناپ تۇرغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

مۇسابىقىگە ئەسەر قوبۇل قىلىش قىزغىن داۋاملاشماقتا! ھازىر مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنى تاللاپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.

بۇ ساننىڭ ئاپتورلىرى: جاڭ شىئەن، نيې زىجۈن، شۈ فەن، ياڭ شياۋچيەن

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.