− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2025 - يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئورتاق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ يانەن، خې مېڭشۇ
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2025 - يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى.
دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق خادىملىرى، خۇاچياۋ - خۇارېنلار، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كۈچكە تولغان بولۇپ، قەلبلەرنى روھلاندۇرىدۇ، يىلاننىڭ يىراق يول يۈرەلىشىدەك غەيرەت - شىجائەت بىلەن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىمىز.
تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى قەلبلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ
«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولدۇق» «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندى» «سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق» «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتتۇق»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە ئۆتكەن بىر يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى خۇلاسىلەندى، مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بۇنىڭدىن چوڭقۇر پەخىرلەندى.
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ.» ياۋروپادا ياشاۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان گىرېتسىيە خۇاچياۋ - خۇارېنلار باش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى زوۋ يۇڭ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن بىر يىلدا، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، مەملىكەت سىرتىدا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەردىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر شۇنى تولۇق بىلدۈردىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش تارىخىي مۇساپىسىدە، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق، بىز ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، ۋەتەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشنى خالايمىز».
رۇسىيە موسكۋادىكى بېرېلاست ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسىدىكى يادرولۇق تۈگۈنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇلتۇر 2300 قېتىم يۈك ساندۇقى نۆۋەتچى پويىزى مەشغۇلاتىنى تاماملىدى، مەشغۇلات مىقدارى تىجارەت باشلانغان تۇنجى يىلى بولغان 2020 - يىلىدىكىدىن بەش ھەسسە ئاشتى. بۇ ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى زوۋ گۇاڭيۈ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە ئۆتكەن بىر يىلدا جۇڭگو تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تۈرىگە قاتناشقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن. «يىل بويى چەت ئەلدە تۇرۇپ خىزمەت قىلىش ماڭا ۋەتىنىمىزنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىمىز ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشى چەت ئەلدە تۇرۇپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى، بىزنى تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئۆز كۈچىمىزنى قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى».
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى كۆزدە تۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ يەرشارىۋى تەرەققىياتتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى تەكىتلەندى.» كېنىيە خۇاچياۋ - خۇارېنلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى گاۋ ۋېي مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتى، جۇڭگو - كېنىيە مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز ئافرىقىدا تۇرۇپ، ۋەتىنىمىزگە رىشتە باغلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ يېڭى بىر يىلدا گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز».
فىرانسىيەدىكى جۇڭگولۇق ئالىملار، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جياڭ يىمېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە: ئۆتكەن بىر يىلدا جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇپ تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى، مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر ھاياجانلاندىم. دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشى ياش ئەۋلادلارغا ياخشى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بەردى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ سەھنە ھازىرلىدى. «بىز پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن جۇڭگولۇق تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىدىن ئۆگىنىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىش روھى، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئىلىم - پەن تەتقىقاتىغا ئاتلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ياشلىق باھارىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشىمىز».
بىرازىلىيە رىئودې ژانېيرو كاتولىك دىنى داشۆسى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورئاشتى ئاسپىرانتى جاڭ شۈەي ۋەتەننىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. «مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى تەپسىلىي ئوقۇپ، چوڭقۇر ئىلھاملاندىم. 2024 - يىلى جۇڭگودا چوڭ ئىشلار، خۇشاللىنارلىق ئىشلار ئۈزۈلمىدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى تەبرىكلەندى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقى تەبرىكلەندى... بۇلتۇر يەنە جۇڭگو - بىرازىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، بىرازىلىيەدىكى نۇرغۇن ساۋاقداش جۇڭگوغا ئىنتايىن قىزىقىدۇ، بەزىلەر جۇڭگوغا بېرىپ ئوقۇماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بىرازىلىيەنىڭ ھەممە يېرىدە جۇڭگو كارخانىلىرى بار، جۇڭگونىڭ يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرى بىرازىلىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى، جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلىرى بىرازىلىيە ياشلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!»
ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز
باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بىز تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدۇقكى، ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر، توسالغۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، بىزنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش تارىخىي مۇساپىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ. بىز پەقەت ئېتىقاد، ئىشەنچتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەت، مەسىلىلەرگە ئۆزىمىزنى قاچۇرماي بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا چېكىنمەي تاقابىل تۇرساقلا، چوقۇم ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچالايمىز!
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بىزگە ئوخشاش مەملىكەت سىرتىدا تۇرۇۋاتقان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىغا چوڭقۇر ئىلھام بولدى.» جۇڭگو تۆمۈريولى پاي چەكلىك شىركىتى ۋېنگىرىيە - سېربىيە تۆمۈريولى تۈر دىرېكتورلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لۇ خۇەيمىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋېنگىرىيە - سېربىيە تۆمۈريولى جۇڭگو - ۋېنگىرىيە دوستلۇق كۆۋرۈكى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو ئۆلچىمى ۋە جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم سۇپا. ئۆتكەن بىر يىلدا، قۇرۇلۇش كوللېكتىپى قۇرۇلۇش شارائىتى مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئۇلى، رېلىس، كۆۋرۈك - سۈڭگۈچ قاتارلىق ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. كاتتا باھار بايرىمى يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ تۈرنى بۇ يىل پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ۋېنگىرىيە - سېربىيە تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قۇرۇلۇش توختىتىلماي، داۋاملىق جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىندى».
خەيشىن جەنۇبىي ئافرىقا سانائەت باغچىسى تېلېۋىزور زاۋۇتىنىڭ جۇڭگولۇق ئىنژېنېرى موۋ شىڭ مۇنداق دېدى: «مەملىكەت سىرتى تۈرىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىيات، گۈللىنىشكە تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. گەرچە باھار بايرىمىدا ئائىلەمدىكىلەر بىلەن جەم بولالمىغان بولساممۇ، شۇنى ئوبدان بىلىمەنكى، باشقا دۆلەتتىكى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، دەل تىرىشىپ كۈرەش قىلىش روھىنىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشى».
جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يېشىل يىپەك يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاڭخەي ئېلېكتىر گۇرۇھى دۇبەي ماكتۇم قۇياش ئېنېرگىيەسى باغچىسىنىڭ 4 - قارارلىق يورۇقلۇق ئىسسىقلىقى، يورۇقلۇق ۋولت ئۇنىۋېرسال توك تارقىتىش تۈرىدىكى بارلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى بۇلتۇر 2 - ئايدا ئېلېكتىر تورىغا ئۇلىنىپ توك تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم سودا خاراكتېرلىك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. تۈر دىرېكتورى جاۋ خۇي مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بىزنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە ئىلھاملاندۇردى. بىز قۇياش ئېنېرگىيەسى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ۋە يېشىل مېتانول قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردا قوللىنىلىشىنى داۋاملىق تۈردە پائال كېڭەيتىپ، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز».
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىشەنچ ۋە كۈچ تارقىتىپ، خەلقئارادىكى جۇڭگو تىل - يېزىقى مائارىپى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بارلىق كەسىپداشلارنى رىغبەتلەندۈرمەكتە.» مالايسىيادىكى مالايا داشۆ كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ جۇڭگو تەرەپ مۇدىرى جاۋ ۋەنجېن مۇنداق دېدى: «بىز داۋاملىق بوشاشماي تىرىشىپ، تىل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىدىيە جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىق تەرەققىياتىغا جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى قوشىمىز».
چۇنليەن چاپلاندى، پانۇسلار ئېسىلدى، 3 - تۈركۈمدە جۇڭگونىڭ ۋانۇئاتۇغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى تۇرۇشلۇق جايغا پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلدى. بۇلتۇر 12 - ئايدا ۋانۇئاتۇدا 7.3 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، داۋالاش ئەترىتى بىرىنچى ۋاقىتتا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە ئاتلاندى. ئەترەت باشلىقى چېن مۇلېي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇش، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش ئېتىقادىنى يەنىمۇ چىڭىتتى. «بىز تىرىشىپ شۇ جايدىكى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، شۇ جاينىڭ داۋالاش - پەرۋىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ۋانۇئاتۇ داۋالاش سىستېمىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشىمىز».
جۇڭگودىن 23 - تۈركۈمدە لىۋانغا بارغان تىنچلىق ساقلاش قىسمى قۇرۇلۇش شۆبە ئەترىتىنىڭ شۆبە ئەترەت باشلىقى شيۇڭ چاۋچۇن مۇنداق دېدى: كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقان ۋەتىنىمىز خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ مۇستەھكەم تايانچى بولۇپلا قالماي، يەنە خەلق ئارمىيەسىنىڭ بۇرچنى ئادا قىلىشتىكى كۈچلۈك ئارقا تىرىكى. بارلىق تىنچلىق ساقلاش ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، تىنچلىق ساقلاش بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كۈچىنى قوشىمىز.
يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى سەھىپىنى ئورتاق پۈتىمىز
2025 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: يىلاننىڭ يىراق يول يۈرەلىشىدەك غەيرەت - شىجائەت بىلەن، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۈمىدكە تولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتىمىز.
ئالاقە تورى ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى گۇرۇھى مالدىۋې ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاۋ گۇاڭيۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو - مالدىۋې ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تۈرتكىسىدە، بېيجىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى گۇرۇھى ۋېلانا خەلقئارا ئايروپورتى، سۇ ئۈستى ئايروپىلانى ئاۋىياتسىيە بىناسى ھەم ئايروپورت قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملىدى. «يېڭى بىر يىلدا، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى چۆرىدەپ، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىمىز، بۇرچىمىزنى داۋاملىق ھەقىقىي ئادا قىلىپ، <جۇڭگو نام كارتىسى>نى نۇرلاندۇرۇپ، جۇڭگو - مالدىۋې دوستلۇقىنى پۈتۈپ چىقىش، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز».
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.» جۇڭگو گاڭۋەن شىركىتى ئوتتۇرا شەرق رايونى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ جىيۈەن مۇنداق دېدى: دېڭىز پورتى پىرىستانىدىن قۇملۇق، چۆللۈككىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تۈر قۇرۇلۇشى قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا قېنىق، رەڭدار سەھىپە پۈتتۇق. «2025 - يىلى <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى. مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، يىلاننىڭ يىراق يول يۈرەلىشىدەك غەيرەت - شىجائەت بىلەن، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەملىكەت سىرتىدىكى يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىمىز».
بېلارۇسىيە جۇڭگو كارخانىلىرى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشما باشلىقى جاڭ جاۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - بېلارۇسىيە دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىككى تەرەپلىك ئالماشتۇرۇش كۈنسېرى قويۇقلاشتى. «يېڭى بىر يىلدا، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھى بويىچە، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ تۇتاشتۇرۇش، ۋاسىتىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، بېلارۇسىيەدىكى جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، بېلارۇسىيەدىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىمىز».
كاتتا باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگونىڭ ماۋرىتانىيەگە ياردەم بېرىۋاتقان چارۋىچىلىق تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ خۇڭئېن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى يەنىلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى − «بەخت ئوتى» چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتى، «ئوت - چۆپ شاھى» سۆسۈن چېچەكلىك بېدە بۇ جايدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلگەنىدى، تەجرىبە سۈت كالىلىرىنىڭ مۆرىگەن ئاۋازلىرى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ، بىپايان قۇملۇققا ھاياتىي كۈچ قوشقانىدى. يېڭى بىر يىلغا نەزەر سېلىپ، جاڭ خۇڭئېن مۇنداق دېدى: جۇڭگو - ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىقى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا چىقتى، جۇڭگو - ئافرىقا چارۋىچىلىق ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، مەن ماۋرىتانىيەنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە كېڭەيتىپ، دۆلەتنىڭ چەت ئەلگە ياردەم بېرىش ئىشلىرى ئۈچۈن ئازغىنە بولسىمۇ كۈچ قوشۇپ، «سەھرايى كەبىر قۇملۇقىغا كۆپرەك يېشىللىق قوشۇش»نى ئۈمىد قىلىمەن.
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بىز مەملىكەت سىرتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدۇردى.» ياپونىيە شەرقىي شىمال داشۆسى ئاسپىرانتلار شۆيۈەنىدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ليۇ جېڭ مۇنداق دېدى: «يېڭى بىر يىلدا، بىز خەلقئارا ئالماشتۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىمىز. ئىشىنىمىزكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسى مۇقەررەر ئىشقا ئاشىدۇ!»
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)