تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يىلاننىڭ يىراق يول يۈرەلىشىدەك غەيرەت - شىجائەت بىلەن ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچىمىز

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2025 - يىللىق باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى ئىشەنچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى تەبرىكلەيمىز؛ بىرلىكتە ۋەتەننىڭ روناق تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

يىسى يىلان يىلى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەلق سارىيىدا 2025 - يىللىق باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىللىق، سەمىمىي سۆزى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۈمىدكە تولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، يىلاننىڭ يىراق يول يۈرەلىشىدەك غەيرەت - شىجائەت بىلەن ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشقا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى.

كۆتۈرەڭگۈ روھنى ئۇرغۇتۇپ، پۇختا قەدەم تاشلايمىز

ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان جياچېن ئەجدىھا يىلى بىز كۆتۈرەڭگۈ روھنى ئۇرغۇتۇپ، بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن گۈزەل ھەسەن - ھۈسەننى كۈتۈۋالغان بىر يىل بولدى.

نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يې شياۋگاڭنىڭ قەلبى ھاياجانغا تولۇپ، چوڭقۇر تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ئۇرغۇدى، تۈرلۈك ئىشلار ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھەرقايسى ساھەلەردە كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدۇق.

يىللار تەرتىپ بويىچە ئالمىشىپ، يېڭى شانلىق سەھىپە ئېچىلدى. سەھەردىكى تۇنجى قۇياش نۇرى دېڭىز يۈزىگە چۈشكەندە، تارام - تارام دولقۇنلار جىمىرلىدى، چىڭداۋ پورتى يەنە قوبۇل قىلىش - چىقىرىش مىقدارى ناھايىتى زور بولغان، ناھايىتى ئالدىراش بىر كۈننى باشلىدى.

چىڭداۋ پورتى چيەنۋەن يۈك ساندۇقى پىرىستانىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغىنىدا، «خەلق ھۈنەرۋىنى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن شۈ جېنچاۋنىڭ خىياللىرى يەنە بىر قېتىم ئۆركەشلىدى: «دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماڭا ئۆز قولى بىلەن مېدال بەردى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تېخنىك ئىشچىلارغا بولغان غەمخورلۇقى، ھۈنەرۋەن روھىغا بولغان ھۆرمىتى بىزنى چەكسىز ئىلھاملاندۇردى. باش شۇجى بۇ قېتىمقى سۆزىدە <پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مول بولدى> دېدى، بۇ دەل بىزنىڭ بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى».

بىر يىلنى بېسىپ ئۆتتۇق، قەدىمىمىز تېخىمۇ قەتئىي بولدى. 2024 - يىلى، مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىلىرى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ساقلانما مىقدار سىياسەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قاتار ئاشۇرما مىقدار سىياسەتلىرىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سەيلىسى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شىڭخەينى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى: «دۆلەت روناق تاپسا، كارخانىلارمۇ روناق تاپىدۇ، دۆلەت قۇدرەت تاپسا، كارخانىلار تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. 2024 - يىلى، بىز جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ <مۇقىم بولۇش> ئاساسىنىڭ تېخىمۇ پۇختىلانغانلىقىنى، <ئىلگىرىلەش> قۇۋۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقىنى چىن قەلبىمىزدىن ھېس قىلدۇق، باش شۇجىنىڭ سۆزى غەيرىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى».

ئائىلە بىلەن دۆلەت تەقدىرداش، رىشتى مەھكەم باغلانغان.

يېقىندا، «يۇلتۇزلار جۇڭگودا چاقنىدى، پەن - تېخنىكا كەلگۈسىنى يارىتىدۇ» ناملىق يۈرۈشلۈك كۆرگەزمە ئاۋمېن ئىلىم - پەن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. نېفىت ھەم ئېنېرگىيە چارلاش، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»نى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىلغار تېخنىكا تەتقىقاتى... يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيانقى تۈرلۈك پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاۋمېن شەھەر ئاھالىلىرىنى قەدىمىنى توختىتىپ زەن سېلىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەركەزنىڭ ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.» ئاۋمېن ئىلىم - پەن سارىيىنىڭ باشلىقى شاۋ خەنبىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئاۋمېننى پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ جەھەتتە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ياش ئەۋلادلارنىڭ ۋەتەننىڭ غەمخورلۇقىنى ئۇنتۇماي، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تۇرمۇش قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈپ، باھار بايرىمى كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. جېجياڭدا، 2025 - يىللىق خاڭجوۋ . فۇچۇنشەن تېغى تۇرالغۇسى دۆلەت مودا ئېقىمى باھار بايرىمىلىق پانۇس سەيلىسى جەم بولۇش كېچىسىنى يورۇتتى.

پانۇس سەيلىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى خاڭجوۋ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پانۇس سەيلىسى مەيدانىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە لىنىيەسى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى.

نى پىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى خاڭجوۋ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى چىڭيۈن توك بىلەن تەمىنلەش ئورنى ئۇنىۋېرسال بەنىنىڭ بەنجاڭى، شۇنداقلا باھار بايرىمى مەزگىلىدە نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان خادىملارنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە بايراملىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، بۇنىڭدىن بىز ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇق. سانسىز كىشى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقارغاچقىلا، ئۆتكەن بىر يىلدا قىممەتلىك ھاسىلاتلارغا ئېرىشەلىدۇق. مەنمۇ ئىش ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇشىغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ باھار بايرىمىنى ئىناق، ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن».

ئېتىقاد، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، يېپيېڭى مەنزىل ئاچىمىز

يېڭىدىن سېلىنغان قۇراشتۇرما ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، زۆرۈر ماددىي ئەشيالار تارقىتىپ بېرىلدى... باھار بايرىمى ھارپىسىدا، شىزاڭدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن دىڭرى رايونىدا ئۆتكۈنچى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى يەنىلا جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەندى.

چاڭسو يېزىسى زاسۈن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سىرېن دوجىنىڭ ئۆيىنى ئىككى مەش تەڭلا ئىسسىتىپ تۇراتتى، قىشتىكى قاتتىق سوغۇقنى ھېس قىلغىلى بولمايتتى.

«باش شۇجى سۆزىدە يەنە شىزاڭنىڭ قاتتىق سوغۇق بولىدىغان، ئوكسىگېن كەمچىل دىڭرى رايونىدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى، بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق.» سىرېن دوجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بولسىلا، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق!»

خۇبېي ئۆلكىسى شيەننىڭ شەھىرى جيايۈ ناھىيەسىنىڭ پەنجياۋەن بازىرىدا ئون چاقىرىملىق كۆكتات كارىدورى يېشىللىق بىلەن تولغانىدى. ئېتىز قىرىدا، لىق كۆكتات بېسىلغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئاستا - ئاستا قوزغىلىپ، يىراق جايلاردىكى تاماق ئۈستىلىگە بايراملىق مەززىلىك تائاملارنى يەتكۈزۈشكە ئاتلاندى.

پەنجياۋەن بازىرى شياۋجياجوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يې شياڭسۇڭ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ جاينىڭ كۆكتات تېرىقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى، باش شۇجىنىڭ <نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك> دېگەن بۇ سۆزىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. باش شۇجىنىڭ سۆزى مېنى شۇنداق ئىشەنچكە ئىگە قىلدىكى: يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسەكلا، تۇرمۇشىمىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ».

ھازىر دەل باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئالدىراش مەزگىلى. جېجياڭ خاڭجوۋدىكى شياۋشەن خەلقئارا ئايروپورتىدا نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. تاموژنا خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، چېگرادىن كىرگەن نۇرغۇن يولۇچى «ئاپتوماتىك» تاموژنىدىن ئۆتۈشنى تېز تاماملىدى.

شياۋشەن ئايروپورتى تاموژنىسى ساياھەت تەكشۈرۈش 2 - بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ پېڭ يېڭى يىلغا نەزەر سېلىپ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، بىز <ئاقىل تاموژنا> قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن سىجىل ياخشى پايدىلىنىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرسەك، چوقۇم خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە كۈچ قوشالايمىز».

ھەممىدە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىگەنلەرنى خەلق ھىمايە قىلىدۇ.

ئەنخۇي تۇڭچېڭدىكى ليۇچىشياڭ كوچىسىدا ئۆزئارا يول قويۇش ئائىلە ئىستىلى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى. ليۇچىشياڭ كوچىسى بىلەن بىر يول ئايرىلىپ تۇرىدىغان ۋېنچاڭ كوچا باشقارمىسى شىيۈەن مەھەللىسىدە ھەممە ئائىلە ئىناق بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى.

«باش شۇجى سۆزىدە <دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مىزان بىلەن بولۇر، خەلققە پايدىلىق ئىش قىلىش ھەممىنىڭ ئاساسىدۇر> دەپ تەكىتلەپ، بىز مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ياخشى بېجىرىشكە ئىلھاملاندۇردى. بىز داۋاملىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى يېڭى دەۋردىكى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ئىناق جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك قىلىشىمىز، ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى ۋېنچاڭ كوچا باشقارمىسى شىيۈەن مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چياۋ لىجۈەن.

ئۇلۇغۋار نىشانغا يۈزلىنىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

گۇيجوۋدىكى قاتمۇقات تاغلار ئارىسىدا، «جۇڭگو تيەنيەن» سامانيولىغا نەزەر سېلىپ تۇراتتى. ئارىلىقى ئانچە يىراق بولمىغان تاغ چوققىسىدا، تۇنجى يادرولۇق سەپ سىناق ئۈلگە ئۈسكۈنىسى جىددىي تەڭشىلىۋاتاتتى.

رادىيو ئاسترونومىيە ساھەسىدە سىجىل ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش ئۈچۈن، «جۇڭگو تيەنيەن» كوللېكتىپى دىيامېتىرى 40 مېتىر كېلىدىغان رادىيو تېلېسكوپ توپىنى جىددىي قۇرۇپ، «جۇڭگو تيەنيەن»گە قوشۇپ يادرولۇق سەپ تەشكىللەۋاتىدۇ.

«يىل بويى ئارام ئالماي، كېچە - كۈندۈز چىڭ تۇرۇپ ئىشلەش ئارقىلىق <جۇڭگو تيەنيەن>نىڭ ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. 2025 - يىلى <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، بىز قىلچىمۇ بوشاڭلىق قىلساق بولمايدۇ.» جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ پېڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ سۆزى كوللېكتىپىمىزنىڭ جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى، بىز ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىستىلىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمىزنى قوشىمىز.

ئارزۇنى نىشانلاپ ماڭغانلارنىڭ ئۈمىدى يەردە قالمايدۇ. باھار بايرىمى ھارپىسىدا، خەينەن دەنجوۋدىكى ياڭپۇ پورتىدا پەيتنى قولدىن بەرمەي ئالدىراش ئىشلەۋاتقان مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى.

«<يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك>، باش شۇجىنىڭ بۇ تاپشۇرۇقى بىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت يۆنىلىشىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» دەنجوۋ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، ياڭپۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن ياڭ مۇنداق بىلدۈردى: «2025 - يىلى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى تاموژنىنى يېپىق يۈرۈشتۈرۈشنى باشلايدۇ. بىز باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تاموژنىنى يېپىق يۈرۈشتۈرۈشتىكى <1 - نومۇرلۇق قۇرۇلۇش>نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى نۇقتىلىق پورتلارغا تۇتىشىدىغان دېڭىز يولى لىنىيەلىرىنى پائال كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە ئېچىۋېتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتىمىز».

ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى(پونكىتى)دىن 115ى قۇرۇلدى، بەش مەكتەپ يېڭىدىن سېلىندى ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ سېلىندى، «ئىككى يېقىن ئەتراپتا بولۇش» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمى 45 مىڭ كىشىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى... ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلىگەندە، چۇڭچىڭ شەھىرى جيۇلۇڭپو رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چىن چاڭدې گەپنى شۇنداق باشلىدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ <ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك> دەپ كۆرسىتىپ، بىزنىڭ يېڭى بىر يىللىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىمىزنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. جيۇلۇڭپو رايونىمىز تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولغان ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرىدۇ» دېدى چىن چاڭدې.

ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، شان - شەرەپ ھەربىر دادىل، مەسئۇلىيەتچان كۈرەش قىلغۇچىغا مەنسۇپ.

يەنە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى خېيلۇڭجياڭ خاربىندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەركىن قار تېيىلىش بويىچە بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش تەنھەرىكەتچىسى شۈ مېڭتاۋ مۇسابىقە ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىقنى قىلماقتا.

«باش شۇجى سۆزىدە <دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى> دەپ ماختىدى. تەنھەرىكەتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدۇق، دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈش ئېتىقادىمىز تېخىمۇ چىڭىدى.» شۈ مېڭتاۋ مۇنداق دېدى: «نەتىجە ئۆتمۈشكە ئايلاندى، يەنە يېڭى شەرەپ قۇچۇش ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ تىرىشىشىمىز كېرەك. مەن روھىمنى ئۇرغۇتۇپ خىرىسقا يۈزلىنىپ، تېخىمۇ ئەلا ئىپادەم ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرىمەن».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.