تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى سەھنىسىگە يەنە چىقتى

سۇناي ئاۋازى ياڭرىشى بىلەن پەن-تېخنىكا سەھنىگە چىقتى!

 كۆزنى ئەڭ قاماشتۇرىدىغان شەرقىي شىمال ئۇسلۇبى بىلەن ئەڭ قالتىس ماشىنا ئادەم ئۇچراشقاندا

ئەنئەنىۋىلىك بىلەن مودا ئېقىم ئۇچراشقاندا

قانداق ئۇچقۇن چاچرايدۇ

1-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ

«2025-يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»دە

ئىجادىي يۇغۇرما ئۇسسۇل «ياڭ BOT»

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى سەھنىسىدە ئورۇنلىنىپ

ياڭگېر ئۇسسۇلىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى

بۇ ئۇسسۇلنى شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدىكى جاڭ پېڭ، لى مېڭيۈ ئىجاد قىلغان

شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ئۇسسۇل شۆيۈەنىنىڭ 16 ئوقۇغۇچىسى

بىلەن خاڭجوۋ يۈشۇ پەن-تېخنىكىسى بىرلىكتە ئورۇنلىغان بولۇپ

كامالەتكە يەتكەن ئۇسسۇل سەنئىتى بىلەن

ئەنئەنىۋىلىك ۋە زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىرلەشتۈرۈلگەن سەنئەت شەكلى ئارقىلىق

پۈتۈن يەر شارىدىكى خۇارېنلارغا

ئىدىيەۋىلىككە، بەدىئىيلىككە، ھۇزۇرلىنىشچانلىققا ئىگە

ھەم يېڭى دەۋر پەن-تېخنىكا تۇيغۇسىغا تولغان باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى كاتتا زىياپىتى ھازىرلاپ بەردى

ئىگىلىنىشىچە

2024-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا

شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ئۇسسۇل شۆيۈەنىدىكى 19 نەپەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى

شىنجاڭدىن يولغا چىقىپ بېيجىڭغا بېرىپ

2025-يىللىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئاساسىي مەيدان سەھنىسىگە تەييارلىق قىلغان

ھالبۇكى، بۇ شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى سەھنىسىگە تۇنجى قېتىم چىقىشى ئەمەس

شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى سەھنىسى نەق مەيدانى (ماتېرىيال سۈرەت)

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ فوتوسى

     2024-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھارپا كېچىسى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «2024-يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» قەشقەر شۆبە مەيدانى سەھنىسىدە، ئۇسسۇل باش نازارەتچىسى جاڭ پېڭ، رېژىسسور لى مېڭيۈ قاتارلىق شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدىن كەلگەن 90 نەپەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە قەشقەر شۆبە  مەيدانىنىڭ رىياسەتچىسى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى دىلدار شۆھرەت ۋە شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدە ئوقۇغان مەكتەپداشلاردىن دىلرابا، يۈ مېڭلۇڭ قاتارلىقلار گۈللەنگەن دەۋرنى شادلىق ئىچىدە كۈيلەپ، شىنجاڭنى ئۇسسۇل ئارقىلىق شادلىقىغا چۆمدۈردى، كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى، نەپىس ئۇسسۇل قىياپىتى بىلەن ئانار قىزارغان، كۈنلەر ياخشىلانغان، شىنجاڭ گۈزەللەشكەن يېڭى دەۋردىكى يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.