تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

​شى جىنپىڭ سۆز قىلدى

​پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى

​لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى

1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2025 - يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2025 - يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2025 - يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان جياچېن ئەجدىھا يىلى بىز كۆتۈرەڭگۈ روھنى ئۇرغۇتۇپ، بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن گۈزەل ھەسەن - ھۈسەننى كۈتۈۋالغان بىر يىل بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز تەمكىن تاقابىل تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدۇق.

لى چياڭ كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالى چىراغ نۇرلىرى چاقناپ، ئىللىق كەيپىياتقا تولغانىدى، ھەر ساھە زاتلاردىن بولۇپ 2000دىن ئارتۇق كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى، نەق مەيداندا خۇشال ۋە ئىناق بايرام كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زالغا كىرىپ، كۆپچىلىككە سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىك بىلەن ئۆزئارا ئەھۋال سورىشىپ، باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ساقلانما مىقدار سىياسەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قاتار ئاشۇرما مىقدار سىياسەتلىرىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مول بولدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندۇرۇلدى. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى قىياپەت نامايان بولدى. يەرشارىغا نەزەر سالساق، دۆلىتىمىز يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور. بىز تۈرلۈك ئىشلارنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق. خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈردۇق ۋە ياخشىلىدۇق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدۇق ۋە كېڭەيتتۇق. تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەرگە كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، شىزاڭدىكى قاتتىق سوغۇق بولىدىغان، ئوكسىگېن كەمچىل دىڭرى رايونىدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە قانات يايدۇردۇق. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلىدۇق، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى چوڭقۇر پەخىرلەندۈردى. بىز جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشتۇق. بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتتۇق، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردۇق، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتتۇق، پارتىيە رەھبەرلىكى پۇختا، كۈچلۈك بولۇپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى سىجىل ياخشىلىنىپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلەندى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىسى ناھايىتى ئالاھىدە بولدى، نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. بىز تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدۇقكى، ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر، توسالغۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، بىزنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش تارىخىي مۇساپىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ. بىز پەقەت ئېتىقاد، ئىشەنچتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەت، مەسىلىلەرگە ئۆزىمىزنى قاچۇرماي بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا چېكىنمەي تاقابىل تۇرساقلا، چوقۇم ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچالايمىز!

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2025 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. بىز يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر ۋە تاشقى زەربىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. بىز «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى تۈزۈپ، ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى بېجىرىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە، يىلان ھوشيارلىق، ئەقىل - پاراسەت ۋە ھاياتىي كۈچنىڭ سىمۋولى، مول ھوسۇل، قۇت - ئامەت ۋە بەخت - سائادەت دېگەن مەنالارغا ئىگە. يىسى يىلان يىلىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يىلاننىڭ پۇتى بولمىسىمۇ يىراق يول يۈرەلىشىدەك غەيرەت - شىجائەت بىلەن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۈمىدكە تولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغا قاتناشتى.

كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ھەم بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، داڭلىق مۇتەخەسسىس - ئالىملار ھەم پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.