تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئەڭ ئىللىق بەخت تىلەش، ئەڭ سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باھار بايرىمىدىكى ئىزىنى بويلاپ خەلقنى كۆزلەش ئەسلىي مەقسىتىنى ھېس قىلىش

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

ئىللىقلىق ئەڭ قويۇق بايرام كەيپىياتى، كۆڭۈل بۆلۈش ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەت ئىزھارى.

يىسى يىلان يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

بېيجىڭدىكى خۇتۇڭغا كىرىپ، ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە بەنشىر تۈگدى؛ سەنشى لىنفېنغا كېلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن بايراملىق موما سالدى؛ ئىچكى موڭغۇلدا، چارۋىچىلار بىلەن بىرلىكتە چېلىشىش، ئات بەيگىسىنى كۆرۈپ، ھەر يىلنىڭ مول ھوسۇللۇق يىل بولۇشىنى تىلىدى... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر قېتىملىق كاتتا باھار بايرىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىغا بېرىپ، خەلق تۇرمۇشى ھال - ئەھۋالىنى سوراپ، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى، كۆپچىلىك بىلەن بىللە كېلەر يىللىق تەرەققىياتنى پىلانلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئون نەچچە يىل ھالقىغان باھار بايرىمىدىكى ئىزىنى بويلاپ ماڭساق، خەلق ھاكىمىيىتىنىڭ بەخت مەنزىرىسى، جۇڭگو زېمىنىدىكى تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشلەر كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.

ئىلگىرىكىنى ئەسلەپ، بۈگۈن ئۈستىدە توختىلىپ، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئەسلەپ ئۆتۈش

دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12 - ئايدا، شىمالىي شەنشىدىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك بىپايان ھەم ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.

ئېگىز - پەس تاغ - ئېدىرلار ئارىسىدا، ئەمدىلا كېڭەيتىپ رېمونت قىلىنغان ئاسفالت يول ئەگرى - بۈگرى سوزۇلغان بولۇپ، لياڭجياخې كەنتىگە ئۇدۇل تۇتىشاتتى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە قاتار - قاتار ئېگىز ئېسىلغان قىزىل پانۇسلار يۇرتىغا قايتىپ بايرام ئۆتكۈزمەكچى بولغان كىشىلەرنى كۈتۈۋالماقتا ئىدى.

40 نەچچە يىل ئىلگىرى، يولداش شى جىنپىڭ «خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش» نىشانىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، لياڭجياخېدىن ئايرىلىپ، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا قايتقانىدى. 2015 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، بۇ «سېرىق تۇپراقنىڭ ئوغلى» مۇشۇ يولنى بويلاپ، ئۆزى كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان «ئىككىنچى يۇرتى»غا كېلىپ، يۇرتداشلارنى يوقلىدى.

ھەش - پەش دېگۈچە يەنە ئون يىل ئۆتۈپ، لياڭجياخې يەنە يېڭى قىياپەتكە كىردى. يۇرتداشلار «كەسىپ قاچىسى»نى چىڭ تۇتۇپ، «ساياھەتچىلىك تامىقى» يېدى. كەنتتىكى 900 مودىن ئارتۇق مېۋىلىك باغنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بىر يىللىق ساياھەتچىلىك كىرىمىلا 6 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولدى. «كەنتتىكى ھەممە ئائىلىنىڭ كىرىمى خېلى ياخشى، تۇرمۇشى ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ، باش شۇجىنىڭ يەنە كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، بىزنىڭ بۈگۈنكى ياخشى ئەھۋالىمىز توغرىسىدىكى سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى لياڭجياخې كەنتىنىڭ پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى شى چۇنياڭ.

جىڭگاڭشەن، باجياۋلوۋ ئىنقىلابىي كونا جايلار توپىغا تۇتىشىدىغان تاشيولنىڭ شۇگۇاڭ(تاڭ نۇرى) يولى دېگەن چوڭقۇر مەنالىق نامى بار.

90 نەچچە يىل ئىلگىرى، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار جىڭگاڭشەندە تۇنجى يېزا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى قۇرۇپ، ئۇچقۇننى تۇتاشتۇرۇپ يانغىنغا ئايلاندۇرغان، شۇنىڭدىن تارتىپ جۇڭگو ئىنقىلابى تاڭ نۇرىنى كۈتۈۋالغانىدى.

2016 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىڭگاڭشەنگە كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، باجياۋلوۋ ئىنقىلابىي كونا جايلار توپىنى كۆزدىن كەچۈردى.

«باش شۇجى چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاچ، ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى سورىدى» دېدى جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي مۇزېيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى خۇاڭ جۈنفېڭ ئەسلەپ.

بۈگۈنكى كۈندە، باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، شۇگۇاڭ يولىدا ساياھەتچىلەر ئادەتتىكىدىن تېخىمۇ كۆپەيدى. نۇرغۇن ساياھەتچى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىزىنى بويلاپ، بۇ جايغا كېلىپ قىزىل تارىخنى ئەسلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدى.

ئۆسمۈر بالىلار قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلىرىغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن ئالايىتەن قونچاقلارنى ئېلىپ كەلدى، ھەربىي سەپتىن قايتقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئۇدا بىر نەچچە كۈن بۇ جايغا قايتا - قايتا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى... كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندە خۇاڭ جۈنفېڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ھەر ۋاقىت ئەسكە ئالىدۇ: «جىڭگاڭشەن تېغى ئىنقىلابىي تاغ، جەڭگىۋار تاغ، شۇنداقلا قەھرىمان تاغ، شەرەپلىك تاغ».

«بۇ بىرقانچە يىلدا، ئېكسكۇرسىيەگە كېلىدىغان ياشلار بارغانسېرى كۆپەيدى. بىز چۈشەندۈرۈش مەزمۇنى ۋە نۇقتىسىنى تەڭشىدۇق، ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ جايدا ئادەملەرنى، ماددىي بۇيۇملارنى، روھنى كۆرەلىشىنى، جىڭگاڭشەندىكى قەھرىمانە ئىش ئىزلارنى ۋە شانلىق تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلىشىنى، تارقىتىشى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى خۇاڭ جۈنفېڭ.

ئۇزۇنغا سوزۇلغان قەدىمىي يولنى بويلاپ ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان بېلىق شەكىللىك پانۇسلار جۇلالىق چاقناپ يېنىك تەۋرىنىپ تۇراتتى، بەخت تىلەش مەنىسىدىكى قىزىل شايى لېنتىلار شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى... باھار بايرىمى ھارپىسىدىكى سەنشىنىڭ پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرى قويۇق بايرام تۈسىگە چۆمگەنىدى.

2800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بۇ «تىرىك قەدىمىي شەھەر»گە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت بىلەن نەزەر سالغانىدى.

2022 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىڭشۈنمېن دەرۋازىسىدىن شەھەرگە پىيادە كىرىپ، سېپىلغا چىقىپ قەدىمىي شەھەرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىگە ئېگىزدە تۇرۇپ نەزەر سالدى. شۇ قېتىمقى كۆزدىن كەچۈرۈشتە، باش شۇجى: تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى «بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ بولۇپلا قالماي، يەنە ئەۋلادلارغىمۇ مەنسۇپ» دەپ ئېنىق كۆرسىتىپ، «ئالدىنقىلار بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىقلارنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى.

«باش شۇجىنىڭ تاپىلىشىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالمىدۇق.» پىڭياۋ ناھىيەلىك مەدەنىيەت - ساياھەت ئىدارىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يەن خەيبىن مۇنداق دېدى: قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەسلىي چىنلىقى ۋە مۇكەممەللىكىنى قوغداش ئۈچۈن، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ قوللىشى بىلەن، قەدىمىي شەھەرگە 50 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سەرپ قىلىپ، بۇزۇلغان سېپىل تېمىنى ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا يېڭىلىدۇق ھەم چېڭخۇاڭمياۋ ئىبادەتخانىسى، چىڭشۈگۇەن ئىبادەتخانىسى قاتارلىق قەدىمىي ئىمارەتلەرگە قارىتا قوغداش، رېمونت قىلىشنى قانات يايدۇردۇق.

تارىخىي ئىزنالارنى بىر خىش، بىر كاھىشقىچە قوغداپ، مەدەنىيەت تومۇرى شانلىق سەھىپىسىنى ھەربىر ھۈنەر سەنئەتتە داۋاملاشتۇردى.

خەيخې دەرياسى بويىغا جايلاشقان تيەنجىندىكى ئەڭ بۇرۇن ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سودا توپلاشقان جاي − قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىدا قويۇق بايرام كەيپىياتى ئەۋج ئالغانىدى.

قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن قەدىمىي كوچىدا قارا رەڭدە سىرلانغان ياغاچ ۋىۋىسكىغا ئالتۇن رەڭدە يېزىلغان «ياڭليۇچىڭ رەسىم دۇكىنى» دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. دۇكانغا كىرگەندە، گۈزەللىككە سىمۋول قىلىنغان، تەبرىك تۈسى قويۇق بايراملىق رەسىملەر كىشىگە باھار بايرىمىلىق كەيپىياتنى ھېس قىلدۇراتتى.

تيەنجىن ياڭليۇچىڭ رەسىمخانىسىنىڭ ئالىي ھۈنەر - سەنئەت ئۇستىسى سۇ لىيەن خېرىدارلارغا تونۇشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى: «باھار بايرىمىدا بايراملىق رەسىم چاپلايدىغان كونا ئەنئەنە ئەسلىگە كەلدى، بۇ ئىككى يىلدىكى باھار بايرىمى بىزنىڭ تىجارەت يۇقىرى پەللە مەزگىلىمىز بولدى».

2024 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، «سىزىش، ئويۇش، بېسىش، بوياش، چاپلاش» ھۈنەر - سەنئەت تەرتىپىنى تەپسىلىي كۆردى.

«باش شۇجىنىڭ ياڭليۇچىڭ باھار بايرىمىلىق رەسىملىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. مېنىڭ بۇ تۈرلۈك ھۈنەرگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ياخشى تەشۋىق قىلىش مەسئۇلىيىتىم بار.» ئاشۇ كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە، سۇ لىيەن ھېلىھەم ھاياجانغا چۆمىدۇ.

بىر يىلدىن بۇيان، رەسىمخانا كوللېكتىپى «كونا نۇسخىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» تۈرىگە چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرۈپ، تۇنجى تۈركۈمدە كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان بالىلار تېمىسىدىكى ئالتە پارچە باھار بايرىمىلىق رەسىمنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخىسىنى تاللاپ، ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت ئارقىلىق قايتا ئويۇپ، يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

«بۇ قەدىمىي نۇسخىلار، قەدىمىي رەسىملەرگە يېڭى ھاياتلىق بېغىشلىنىپ، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ جانلىق <مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى>غا ئىمكانىيەت يارىتىلدى. باھار بايرىمىلىق رەسىم ئەمدى پەقەت <باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنلا تەييارلىنىدىغان رەسىم> بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ كۆپ تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى سىڭدۈرۈلدى» دېدى سۇ لىيەن.

قەلبلەرنى تېخىمۇ ئىللىتىپ، تۇرمۇشنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىپ، خەلقنى كۆزلەش يولىنى مېھىر - مۇھەببەتكە تولدۇرۇش

«ئوتلاقتىكى كۆككە تۇتاشقان يول»غا 15 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا قاتار - قاتار قارامتۇل كاھىش، ئاق تاملىق ئىككى قەۋەتلىك كىچىك ئىمارەتلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. تاغدىكى تۇرالغۇلار بىلەن گۈزەل مەنزىرە بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرغان بۇ جاي − خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكۇ شەھىرى جاڭبېي ناھىيەسىنىڭ دېشېڭ كەنتى ئىدى.

«پانۇس ئاستۇق!»

دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12 - ئاي قەھرىتان سوغۇق بولسىمۇ، كەنت ئاھالىسى شۈ خەيچېڭنىڭ ھويلىسى ئىللىقلىققا تولغانىدى. ئۇ قىزىل پانۇسلارنى بىر - بىرلەپ ئاستى، ھويلا بىردىنلا خۇشال كەيپىياتقا تولدى. ئاشخانا ئۆيدە، خوتۇنى بالىلىرى بىلەن كەيكوۋشياۋ، نيەنگاۋلارنى ياغدا پىشۇرۇپ، «ھەر دائىم خۇشاللىق ھەمراھ بولسۇن، يىلمۇ يىل ئامەت كەلسۇن» دېگەن ياخشى تىلەكلىرىنى ئىپادىلەۋاتاتتى.

2017 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپئاق قارلارنى كېچىپ، شۈ خەيچېڭنىڭ ئۆيىگە كىردى. ياڭيۇ تېرىپ قىلغان كىرىمى، بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى، ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىش - دورا خىراجىتى... باش شۇجى مېھمانخانا ئۆيدە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كىرىم - چىقىم ھېساباتى قىلدى. «ئۇ يىللاردا، بىزنىڭ كەنت تېخى ئىنتايىن نامرات ئىدى. ئائىلىمىز ئاران 30 مو يەر تېرىيتتى، بىر يىل ئالدىراش ئىشلىسەكمۇ ھېچقانچە پۇل يىغالمايتتۇق» دېدى شۈ خەيچېڭ.

ئۇ، باش شۇجىنىڭ شۇ كۈنى كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە بېيىش يولىنى پىلانلاپ، كۆپچىلىكنى ياڭيۇ كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۇ، شۈ خەيچېڭ ۋە يۇرتداشلارغا كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدكە تولغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى: «باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىسەك، قاقاس يەردىمۇ <ئالتۇن ھوسۇل> ئالالايمىز».

بۈگۈنكى كۈندە، شۈ خەيچېڭ 120مودىن ئارتۇق يەرنى ھۆددە ئېلىپ، ياڭيۇ قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىدى، يەنە يېڭى تىراكتور سېتىۋالدى. «ئۆزۈمنىڭ يېرىنى پەرۋىش قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەن يەنە بۇ <يېڭى بۇرادەر>نى ھەيدەپ باشقىلارنىڭ يەر ئاغدۇرۇشىغا، ياڭيۇلارنى يىغىشىغا ياردەملىشىمەن، يەنە بىر ئۈلۈش كىرىمىم كۆپەيدى.» شۈ خەيچېڭ ھازىرقى تۇرمۇشىنى تىلغا ئالغاندا، خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالمايلا قالدى، «باش شۇجىغا يەنە بىر قېتىم ئائىلەمنىڭ ھېساباتىنى دوكلات قىلىش پۇرسىتى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

شۈ خەيچېڭ ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر دېشېڭ كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. دېشېڭ كەنتى ياڭيۇ تېرىش، پىششىقلاش، ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ، پۈتۈن كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىلكىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى، بۇ، سەككىز يىل ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپەيدى.

قار - شىۋىرغانغا قارىماي بېيىش يولى ئىزدەشتىكى سەۋەب شۇكى، ئىللىق جۇڭگو يىلى تەسۋىرلەنگەن يۆگىمە رەسىمدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تەبەسسۇمى كەم بولۇپ قالسا بولمايتتى. ھېرىپ - چارچىغىنىغا قارىماي خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشتىكى سەۋەب شۇكى، پۇقرالارنىڭ ھەر بىر قورۇمىسى، ھەربىر ۋاق تامىقىنىڭ قانداق بولۇشى بەختلىك جۇڭگو يىلىنىڭ سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجوۋ شەھىرىنىڭ چېڭگۇەن رايونىدىكى يالغۇز تۇرىدىغان 76 ياشلىق جاڭ شۇيىڭ ئۆيىدىن چىقىپ پىيادە ئون نەچچە مىنۇت مېڭىپلا، مەھەللىدىكى «مەۋھۇم ياشانغانلار ساناتورىيەسى»نىڭ ئاشخانىسىغا كەلدى. ھەر ۋاق تاماقتا ئالتە خىل قورۇمىنىڭ تۈرى يېڭىلىنىپ تۇراتتى، قورۇمىنى خالىغانچە تاللاپ، يەنە بىر قاچا مىفەن ئالسا، بىر ۋاق تاماققا پەقەت سەككىز يۈەنلا كېتەتتى.

«بۇ جايدا تاماق يېسەم ھەم قولايلىق، ھەم ئەرزان، يەپ بولغاندىن كېيىن يەنە كونا بۇرادەرلەر بىللە نومۇر رېپېتىتسىيە قىلالايمىز» دېدى جاڭ شۇيىڭ.

2013 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، بۇ ئاشخانا بىر ئالاھىدە «مېھمان» − باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى. «تاماق مىقدارى يېتەرلىكمۇ» «تازىلىقى پاكىزمۇ»، باش شۇجى ئىنچىكىلەپ سورىدى، يەنە تاماق يېگىلى كىرگەن ياشانغان كىشىگە بىر تەخسە ئىسسىق تاماق ئەكىلىپ بەردى.

«باش شۇجى ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى.» گەرچە ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ زىيارەتكە كەلگەن كۆرۈنۈش ئاشخانا مەسئۇلى فۇ ليەنخۇڭنىڭ ھېلىھەم ئېنىق ئېسىدە ئىدى.

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ ئاشخانا كۆپ قېتىم يېڭىلاندى، ياشانغانلار غىزالىنىش رايونىنىڭ كۆلىمى كېڭەيتىلىپلا قالماي، يەنە ئوقۇش رايونى، ئارام ئېلىش رايونى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى. تاماق تىزىملىكى ياشانغانلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، گۆشلۈك ۋە گۆشسىز تاماقلارنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ياغ ۋە تۇزنى ئاز ئىشلىتىش تەلەپ قىلىندى.

«باش شۇجى ئاشخانىمىزغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەندە، ياشانغانلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىغا، كېيىنكى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق ئەتراپتىكى ياشانغان كىشىلەرنى ساغلام يېمەك - ئىچمەك بىلەن تەمىنلەشنى، شۇنداقلا ئۇلارغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى فۇ ليەنخۇڭ.

باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بېيجىڭ شىنفادى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى ئالدىراشلىققا تولغان بولۇپ، تىجارەتچىلەر باھانى كېلىشىۋاتاتتى، ماللارنى يۆتكەۋاتاتتى، ئىنتايىن قىزىپ كەتكەنىدى.

خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم. «كۆكتات» «مېۋە» پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە تۇتىشىدۇ.

لائوستىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ماۋدوۋ تېرىش بازىسىدىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۆكتات سودىگىرى گۇ جىلۇڭ دەرھال باھار بايرىمىلىق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى: «باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئاممىنىڭ كۆكتاتقا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى بولىدۇ، بىز دەم ئالساق بولمايدۇ، بازارنى تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك».

2023 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ توپ سېتىش بازىرىدا داۋاملىق تىجارەت قىلىۋاتقان سودىگەرلەر ۋە باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىۋاتقان ئامما بىلەن سىن ئارقىلىق كۆرۈشتى، گۇ جىلۇڭ دەل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

«باش شۇجى كۆكتات باھاسى ۋە بازارنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، بىزگە مال مەنبەسىنى كېڭەيتىش، تۈرلەرنى بېيىتىش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشنى تاپىلىدى.» گۇ جىلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدا، مەن كوللېكتىپنى يېتەكلەپ بىر تەرەپتىن تېرىقچىلىق كۆلىمىنى تىرىشىپ كېڭەيتتىم، يەنە بىر تەرەپتىن مەھسۇلات سۈپەت ئۆتكىلىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۈم، باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقنى ئارزۇ قىلىمەن.

«يالغۇز مەنلا ئەمەس، شىنفادىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭمۇ غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.» گۇ جىلۇڭ مۇنداق دېدى: مۇشۇ كۈنلەردە، شىنفادى بازىرىدا ھەر كۈنى 20 مىڭ توننا كۆكتات بازارغا سېلىنىۋاتىدۇ، پۇقرالارنىڭ جەم بولۇش تامىقىنى ياخشى يېيىشىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز.

دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى بىپايان زېمىن كۈمۈش لىباسقا ئورالغانىدى، دۆلەت بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلىپ تۇراتتى.

ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئارشەن شەھىرىدىن يولغا چىقىپ چەكسىز ئورمان، قارلىق دالىنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم لۈيىنىڭ سەنجياۋشەن چېگرا مۇداپىئە ليەنى تۇرۇشلۇق جايغا بارغىلى بولىدۇ، بۇ ليەن مۇشۇ جايدا دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغدايدۇ.

سەنجياۋشەن چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ 2 - دەرىجىلىك شاڭشىسى لى چاڭيۆ بىر نەچچە باھار بايرىمىنى ئىش ئورنىدا ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى يەنىلا ئۇنىڭ ھەربىي سەپكە يېڭى كىرگەن چاغدىكى ئاشۇ قېتىملىقى ئىدى.

11 يىل بۇرۇنقى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ نۆلدىن تۆۋەن 30 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇققا قارىماي، چېگرا مۇداپىئە سېپىدە چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەردىن ھال سورىدى، يەنە ليەندۈي ئاشخانىسىدا جەڭچىلەر بىلەن بىللە تاماق يېدى.

«شى جۇشى تاماق يېگەچ بىز بىلەن پاراڭلاشتى، ناھايىتى يېقىملىق تۇيۇلدى.» لى چاڭيۆ مۇنداق دېدى: شى جۇشى كېلىۋېدى، «خۇددى ئائىلىمىزدىكىلەر بىزنى يوقلاپ كەلگەندەك ھېس قىلدۇق».

«ناچار تەبىئىي شارائىتقا قارشى كۈرەش قىلىپ، قار - مۇزلارنى كېچىپ، چېگرانى قوغداۋاتىسىلەر،» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئېيتقان بۇ سۆزى لى چاڭيۆنى ھەر ۋاقىت ئىلھاملاندۇرۇپ تۇراتتى. ئۇ ئەسلىدە ئىككى يىلدىن كېيىن ھەربىي سەپتىن قايتىپ داۋاملىق ئوقۇشنى تاماملىماقچى بولغانىدى، بىر يىلنىڭ يېرىمىدا قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان بۇ جايدا يىلتىز تارتىپ قېپقالدى.

بۇ يىللاردا، چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ چارلاش يولى توپا يول، شېغىل يولدىن ئاسفالت يولغا ئۆزگەردى، يىراقتىن سىنلىق كۆزىتىش سىستېمىسى نۆۋەتچى خادىملارنىڭ چېگرا ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىشىگە ياردەم بەردى، جەڭچىلەر تەمىنلىنىدىغان ماددىي ئەشيالار تېخىمۇ موللاشتى.

بۇ يىل باھار بايرىمىدا، لى چاڭيۆ سەپداشلىرى بىلەن توردىن رەڭلىك پانۇس، دۈيليەن سېتىۋالدى، گازارمىدىن باھار بايرىمى تۈسى، ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقى چىقىپ تۇراتتى.

«گەرچە بىز يىراق چېگرا رايوندا بولساقمۇ، لېكىن ھەممىمىزگە مەلۇمكى، جۇڭنەنخەي بىلەن چېگرا مۇداپىئە سېپى زىچ باغلانغان، شى جۇشى بىلەن بىز ئادەتتىكى جەڭچىلەر قەلبداش. بىز چوقۇم ۋەتەن ئۈچۈن پوستتا ياخشى تۇرۇپ، قاراۋۇللۇقنى ياخشى قىلىپ، چېگرانى ياخشى قوغداپ، شى جۇشىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمىز» دېدى لى چاڭيۆ.

يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، غەيرەتنى ئۇرغۇتۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا جاسارەت بىلەن مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈش

سىچۇەن چېڭدۇ شەھەر رايونىنىڭ غەربىدىكى جەنچى كەنتىگە بارىدىغان تەخمىنەن 50 كىلومېتىر يول باشتىن - ئاخىر راۋان ئىدى.

كەنت بېشىدىكى ئازادە جەنچى يولىنى بويلاپ كەنتكە كىرگىنىمىزدە، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ياپيېشىل دەرەخلەر تىكىلگەنىدى، قىپقىزىل پانۇسلار ئېگىز ئېسىلغانىدى، ھەممە ئائىلىنىڭ ھويلىسىغا پارقىراق سۈر گۆش، چۇجۇقلار لىق ئېسىلغان بولۇپ، باياشاتلىققا تولغان باھار بايرىمى مەنزىرىسى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

2018 - يىلى 2 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇشۇ يولنى بويلاپ جەنچى كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

شۇ چاغدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە سىچۇەن كەشتىچىلىكى قاتارلىق قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، يۇرتداشلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، تۇرمۇشنى باياشات قىلىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مەركىزىي ۋەزىپە قىلىش كېرەك» دەپ تاپىلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جەنچى كەنتى پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ماھارەت ئۆگىتىپ، يار - يۆلەك بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدا، جەنچى كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. كەنت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گاۋ دېمىن مۇنداق تونۇشتۇردى: كەنتىمىزدە ئاشلىق قۇرۇتۇش مەركىزى قۇردۇق، ھازىر 3900 توننىدىن ئارتۇق ئاشلىق قۇرۇتۇلدى. يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى، بۇلتۇر كەنتىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمى 40 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

«ياخشى تۇرمۇش كۈرەش قىلىشتىن كەلگەن!» گاۋ دېمىن مۇنداق دېدى: «بىز جەنچى كەنتىدىكىلەر داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق پۇقرالارنى بېيىشقا يېتەكلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داغدام يولىدا ياخشى ماڭىمىز».

«يېڭى يىلنىڭ بېشى ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىش پەيتى.» يىل ئالمىشىدىغان پەيت دەل يېڭى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىدىغان، يېڭىدىن يولغا چىقىدىغان ۋاقىت.

جياڭشى تۇپرىقىدا، چوڭ - كىچىك كوچىلار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. جياڭشى نەنچاڭغا جايلاشقان خۇارۈن جياڭجۇڭ ۋەنلى ياسىمىچىلىق بازىسى(جياڭجۇڭ ياۋگۇ)نىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، 100دىن ئارتۇق مېخانىك بىلەك بىر كۆتۈرۈلۈپ بىر پەسىيىپ مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، شوپۇرسىز AGV ئاپتوموبىللىرى بەلگىلەنگەن لىنىيەنى بويلاپ يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتاتتى.

2016 - يىلى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭجۇڭ ياۋگۇغا بېرىپ، مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە سۈپەت تەكشۈرۈش - ئۆلچەش مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق تاپىلىدى: «جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۆھىرى، چوقۇم ئۇنى ياخشى قوغداش، ياخشى قېزىش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك».

بۇ، بازىنىڭ باش دىرېكتورى جۇڭ جىجيەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ ۋەزىنلىك تاپشۇرۇقى ئۇنىڭغا «جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەردى».

«كارخانا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق نۆۋەتتە جياڭجۇڭ ياۋگۇنىڭ قاتتىق ھالەتتىكى دورىلارنى ياساش سېخىدا، دانچىلەشتۈرۈش، ئارىلاشتۇرۇش، تابلېتكىلاشتۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئىش تەرتىپلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇدا ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى %15 ئۆسۈپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتتى. يېڭى بىر يىلدا، بىز ئالاقىدار تېخنىكىلارنى تېخىمۇ كۆپ دورا ياساش كارخانىلىرىغا كېڭەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى ياساش كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى جۇڭ جىجيەن يېڭى يىللىق پىلاننى تىلغا ئالغاندا تولۇق ئىشەنچ بىلەن.

ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، قاتمۇقات تاغلارنىڭ ئىچكىرىسىدە، «جۇڭگو تيەنيەن» FASTغا بارىدىغان يول ئەگرى - بۈگرى سوزۇلۇپ ياتاتتى.

باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، FAST نەق مەيداننى قوغداش مەسئۇلى لېي جېڭ يەنىلا خىزمەت ئورنىدا ئالدىراش بولۇپ، تېلېسكوپنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتاتتى.

«ھەر قېتىم دۆلەت بويىچە باھار بايرىمى بىردەك تەبرىكلىنىدىغان كۈنلەردە، مەن ھەمىشە <تيەنيەن ئاتىسى> نەن رېندۇڭ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ چوڭ ئائىلە ئۈچۈن كىچىك ئائىلىنى قۇربان قىلىشتەك ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئويلاپ قالىمەن. بۇ مېنى مەيلى قانچىلىك قىيىن، قانچىلىك جاپالىق بولسۇن، چوقۇم <تيەنيەن>دە يىلتىز تارتىپ، <تيەنيەن>نى قوغداشقا ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ» دېدى لېي جېڭ.

2021 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «جۇڭگو تيەنيەن» تۈرىنىڭ مەسئۇلى ۋە پەن تەتقىقات تايانچلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىكنى «نەن رېندۇڭ ئەپەندىنى ئۈلگە قىلىپ، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ، ئەگىشىپ يۈگۈرۈشتىن تەڭ يۈگۈرۈش، يېتەكلەپ يۈگۈرۈشكە ئۆتۈشنى تېزلىتىش»كە رىغبەتلەندۈردى.

سانسىزلىغان «نەن رېندۇڭ»نىڭ چىڭ ساقلىشى ۋە كۈرەش قىلىشى «جۇڭگو تيەنيەن»نىڭ دائىملىق مۇقىم يۈرۈشۈشى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. 2024 - يىلى 11 - ئايغىچە، «جۇڭگو تيەنيەن» بايقىغان ئىمپۇلس يۇلتۇزى سانى 1000دىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدە خەلقئارادىكى باشقا تېلېسكوپلار بايقىغان ئىمپۇلس يۇلتۇزى سانىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى.

«<جۇڭگو تيەنيەن> دۆلىتىمىز رادىيو ئاسترونومىيە تەتقىقات ساھەسىدە يېتىشىۋېلىشتىن يېتەكلەپ يۈگۈرۈشكە ئۆتۈشتەك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، بىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ يولدا راۋان ماڭالايدىغانلىقىمىز، ياخشى ماڭالايدىغانلىقىمىزنى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ بەردى!» يېڭى بىر يىلدا، لېي جېڭ تېلېسكوپنى قوغداش خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەپ، يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا تەلپۈنىدىغان چوڭ دۆلەت مۇھىم قورالىنىڭ تېخىمۇ «قۇلىقى ئۆتكۈر، كۆزى روشەن» بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئاپتوموبىل يۈننەن تېڭچۇڭدىكى ئەگرى - بۈگرى تاغ يولىنى بويلاپ ماڭماقتا، سىمولا ۋازۇ كەنتى دەل تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئىدى.

گۈرۈچ قوتۇرمىچى پىشۇرۇش ۋازۇلارنىڭ يېڭى يىللىق ئەنئەنىسى. ھەر قېتىم مۇشۇ ۋاقىتتا، كەنت ئاھالىسى لى فاشۇن دائىم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بەختمۇ بولسۇن، خۇشاللىقمۇ بولسۇن» دېگەن سۆزىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.

2020 - يىلى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لى فاشۈننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، يۇرتداشلار بىلەن بىللە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. لى فاشۇن باش شۇجىنى بىللە گۈرۈچ قوتۇرمىچى پىشۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

«باش شۇجى ناھايىتى ئىنچىكە، ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ ياسىدى، ياساپ بولغاندىن كېيىن يەنە كۈلۈپ تۇرۇپ، <بەخت خېتىنى چېكىپ بولدۇم، ئەمدى خۇشاللىق خېتىنى چېكەي، بەختمۇ بولسۇن، خۇشاللىقمۇ بولسۇن> دېدى. بىز ھەممىمىز چاۋاك چېلىپ كەتتۇق» دېدى لى فاشۇن ئەسلەپ.

ئەينى يىلى ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان قىزى لى ليەنخۇەن ھازىر ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزدى؛ ئەينى يىلى ئەسكەر بولۇپ ئارمىيەگە قاتناشماقچى بولغان ئوغلى لى ليەنبىننىڭ قىسىمدا ھەممە ئىشلىرى ياخشى ئىدى. لى فاشۇن مۇنداق دېدى: باش شۇجى بالىلارنى «ئىرادىلىك ئادەم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ» دەپ رىغبەتلەندۈردى. بۇ ئارزۇغا ئىنتىلىش كۈچى.

بۈگۈنكى كۈندە سىمولا ۋازۇ كەنتى يېشىل تاغلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئۆيلەر رەتلىك ئىدى، تۈرلۈك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى گۈللەپ ياشنىماقتا ئىدى. كەنت ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى، 2024 - يىلى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 2019 - يىلىدىكى 14 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك بولۇشتىن، 2024 - يىلى 24 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى.

باھار بايرىمى يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، كەنت ئاھالىلىرى پانۇس ۋە چۇنليەن بىلەن كەنتنى بېزەپ يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى. كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئېيتىپ بەرگەن «ئاۋا خەلقى يېڭى ناخشا ئېيتىدۇ» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى.

«كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ پارلاق نۇرى چېگرا رايوننى يورۇتتى، تاغ - دەريالار شادلىققا تولۇپ، كىشىلەر خۇشاللىققا چۆمدى. سوتسىيالىزم ياخشى، بەخت كۆۋرۈكى بەرپا قىلدى. ھەي... يول ماڭغانسېرى كېڭەيدى، بارغانسېرى كېڭەيدى...»

جاراڭلىق ناخشا ساداسى يۇرتداشلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ، يېشىل تاغنى بويلاپ جۇڭگو زېمىنىغا كەڭ تارقالدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.