تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بەخت-سائادەت يەتكۈزۈلۈپ، باھار بايرىمى كۈتۈۋېلىندى، «ساقچى-تاراتقۇ»لار بىر نىيەتتە تىنچ-ئامانلىقنى بەرپا قىلدى

https://www.ts.cn/xwzx/shxw/202501/t20250126_26440682.shtml

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن، پىراكتىكانت مۇخبىر شيې يۈشىن فوتوسى ۋە خەۋىرى) 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى T3 ئاۋىياتسىيە بىناسىدا، «ساقچى-تاراتقۇلار قول تۇتۇشۇپ، تىنچ-ئامان ئاۋىياتسىيە پورتى بەرپا قىلىش» باش تېمىسىدىكى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇڭئەنى بىخەتەرلىك بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى. پائالىيەتنىڭ مەقسىتى تېلېگراف ئالدامچىلىقىدىن ساقلىنىش، «ئايروپىلاندا جېدەللىشىش»كە زەربە بېرىش بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، باھار بايرىمىلىق بەخت تىلەپ، يولۇچىلارنىڭ سەپىرىگە ئىللىقلىق ۋە خاتىرجەملىك بېغىشلاشتىن ئىبارەت.

   پائالىيەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى ئايرودۇرۇم گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل خەلق ساقچىسى ئەلقەم ئەنۋەر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە ئىدارىسىنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل خەلق ساقچىسى خۇ جىشەن بىخەتەر سەپەرگە چىقىش بويىچە مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋابلار ئارقىلىق يولۇچىلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولدى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى يولۇچىلار بۆلمىسىنىڭ ئايروپىلان خادىملىرى ئېلىپ كەلگەن كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر «ئايروپىلاندا جېدەللىشىشكە بولمايدۇ» تەربىيە بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا يولۇچىلارغا شادلىق كۈلكىسى ئىچىدە بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئۆگەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى ئايرودۇرۇم گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ جېڭۋېيى لياڭ يۇڭ (ئوڭدىن 1-كىشى) ئاممىغا «福» خېتى يېزىپ بېرىپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى.

1 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، «ساقچى-تاراتقۇلار قول تۇتۇشۇپ، تىنچ ـ ئامان ئاۋىياتسىيە پورتى بەرپا قىلىش» شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇڭئەنى بىخەتەرلىك بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى ئايرودۇرۇم گۇڭئەن ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە ئىدارىسىنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل خەلق ساقچىلىرى نەق مەيداندا بىخەتەر سەپەرگە چىقىش بويىچە مۇكاپاتلىق سوئال ـ جاۋاب پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى، يولۇچىلار بەس ـ بەستە جاۋاب بەردى.

1 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، «ساقچى-تاراتقۇلار قول تۇتۇشۇپ، تىنچ ـ ئامان ئاۋىياتسىيە پورتى بەرپا قىلىش» شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇڭئەنى بىخەتەرلىك بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى ئايرودۇرۇم گۇڭئەن ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورت شۆبە ئىدارىسىنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل خەلق ساقچىلىرى نەق مەيداندا بىخەتەر سەپەرگە چىقىش تەشۋىقاتى قىلماقتا.

1 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، «ساقچى-تاراتقۇلار قول تۇتۇشۇپ، تىنچ ـ ئامان ئاۋىياتسىيە پورتى بەرپا قىلىش» شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇڭئەنى بىخەتەرلىك بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى ئايرودۇرۇم گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل خەلق ساقچىسى ئەلقەم ئەنۋەر نەق مەيداندا بىخەتەر سەپەرگە چىقىش بويىچە مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋاب پائالىيىتىنى قانات يايدۇرماقتا.

   پائالىيەت شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھ)نىڭ خىزمەتچىسى ئۇيۈنچىمىگېنىڭ يېقىملىق يالغۇز كىشىلىك ناخشىسى «ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ» بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن، شىنجاڭ رۇنجياڭ جۇڭگوچە رەسىم ئورنىنىڭ باشلىقى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى ۋېي باۋشەن ئۈجمە دەرىخى قوۋزىقىدىن ياسالغان جۇڭگوچە يۆگىمە رەسىم «بەخت ئىچىدە باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش»نى نەق مەيداندا كۆرسەتتى ھەم يولۇچىلارغا ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى سوۋغا قىلىپ، باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ساياھەتچىلەر قەدىمىنى توختىتىپ بەس-بەستە ھۇزۇرلىنىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى.

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، «ساقچى-تاراتقۇلار قول تۇتۇشۇپ، تىنچ ـ ئامان ئاۋىياتسىيە پورتى بەرپا قىلىش» شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇڭئەنى بىخەتەرلىك بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھ)نىڭ خىزمەتچىسى ئۇيۈنچىمىگې «ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا.

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، «ساقچى-تاراتقۇلار قول تۇتۇشۇپ، تىنچ ـ ئامان ئاۋىياتسىيە پورتى بەرپا قىلىش» شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇڭئەنى بىخەتەرلىك بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەدىنە ئابلىز يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل «56 مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرى»نى ئوينىماقتا.

«ساقچى-تاراتقۇلار قول تۇتۇشۇپ، تىنچ ـ ئامان ئاۋىياتسىيە پورتى بەرپا قىلىش» شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇڭئەنى بىخەتەرلىك بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئاينۇر نەق مەيداندىكى يولۇچىلارغا ئىسكىرىپكا بىلەن يالغۇز ئورۇنلانغان نادىر مۇزىكا «قاردىكى ۋالىس»نى ئېلىپ كەلدى.

   يولۇچىلار بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت بىزنى بىخەتەر سەپەرگە چىقىشتىكى قىممەتلىك بىلىملەرگە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كاتتا باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە ئائىلە ئىللىقلىقىنى ۋە مەدەنىيەتنىڭ چوڭقۇر ئاساسىنى ھېس قىلدۇردى. «مەن بۇ ئالاھىدە تىلەكلەر بىلەن يۇرتۇمغا قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندىم، گۈزەل شىنجاڭغا باھاردا يەنە قايتىپ كېلىمەن» دېدى يولۇچى لى يۈشىن.

   بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى ئايرودۇرۇم گۇڭئەن ئىدارىسى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ < گۇرۇھ > چەكلىك شىركىتى) مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورت شۆبە ئىدارىسى، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

   ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2025-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملاردا 46 مىڭ ئايروپىلان قېتىم ئۇچۇش-قونۇشنى تاماملاش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، يولۇچى توشۇش مىقدارى 5 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن. شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشتىكى مۇھىم ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ 72 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، «ساقچى-تاراتقۇلار قول تۇتۇشۇپ، تىنچ ـ ئامان ئاۋىياتسىيە پورتى بەرپا قىلىش» شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇڭئەنى بىخەتەرلىك بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، خەتتاتلار يولۇچىلارغا «» خېتى يېزىپ بەرمەكتە.

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، «ساقچى-تاراتقۇلار قول تۇتۇشۇپ، تىنچ ـ ئامان ئاۋىياتسىيە پورتى بەرپا قىلىش» شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇڭئەنى بىخەتەرلىك بىلىملىرى تەشۋىقات پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، يولۇچىلار ساۋما قىلىپ «» خېتىنى ئالماقتا.

   «يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئايرودۇرۇم گۇڭئەنلىرى ئاشكارا ساقچى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل چارلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، نۇقتىلىق ۋاقىت بۆلىكى ۋە نۇقتىلىق رايونلارنى چۆرىدىگەن ھالدا نۇقتىلىق چارلاش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.» ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى ئايرودۇرۇم گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ جېڭۋېيى لياڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دېدى: بىرلىشىپ ۋەزىپە ئۆتەش، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنسىز تىجارەت قىلىشنى كۆپ تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئايرودۇرۇملارنىڭ ئامانلىقى ۋە سەپەرگە چىقىش مۇھىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يولۇچىلارنىڭ قايتىش سە]پىرىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ھەربىر يولۇچىغا ھەر قېتىملىق سەمىمىي مۇلازىمەت جەريانىدا شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇڭئەنىنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرىمىز.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.