تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىنى بىر قېتىملىق ئوتتۇرا ۋە ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى «مۇبارەكلەپ كېلىدۇ»

  بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئۈرۈمچىدە قۇياش ئوبدان پارلاپ، كۆپكۆك ئاسمان خۇددى نەپىس Windows تەگلىك يۈزىگە ئوخشاپ قالدى، كوچا بويلىرىدىكى چوڭ دەرەخلەرگە ئېسىلغان كىچىك پانۇسلار ۋە باشقا بېزەك بۇيۇملار كوچىغا قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتى قوشتى.

   باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدە ھاۋا داۋاملىق ئوچۇق بولامدۇ؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

  مۆلچەرلىنىشىچە، باھار بايرىمى مەزگىلىدە (1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە) ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلىدىكەن. 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، 4-3 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، داۋانچىڭ رايونىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، سەككىز بال ئەتراپىدا قىيپاش غەرب ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قار-شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەردە تېمپېراتۇرا 5~3 تۆۋەنلەيدىكەن.

  باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى باشقا ۋاقىتلاردا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايون، ناھىيەلىرىدە ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شەھەر رايونى، مىدۇڭ رايونى ۋە گەنچۈەنباۋدا بەزىدە تۇمان كۆرۈلىدىكەن، شامال كۈچى كۈچلۈك بولمايدىكەن، ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا ئازراق داۋالغۇش بولىدىكەن، ئەتىگەن ۋە كەچتە تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن.

  باھار بايرىمى مەزگىلىدە، شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 3-~6-، تۆۋەن تېمپېراتۇرا 12-~16-، نەنسەن تاغلىق رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 2-~9-، تۆۋەن تېمپېراتۇرا 11-~18- بولىدۇ.

   ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن دائىم تۇتۇق-تۇمانلىق ھاۋارايىمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدىكەن، تېمپېراتۇرا بەزىدە يۇقىرى، بەزىدە تۆۋەن بولىدىكەن، تۇغقان يوقلىغىلى بارغاندا قېلىنراق كىيىنىش، بەدەننى ئىسسىق تۇتۇش كېرەك ، پوسما، پەلەي، شارپىلارنىڭ بىرەرسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.

  ​ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان دوستلارنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشكە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، باھار بايرىمىدا يولۇچى توشۇش جەريانىدا تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، سوغۇقتىن ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنىدۇ، شۇڭا چوقۇم قېلىن كىيىنىپ، بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قار-شىۋىرغاندىن ئالاھىدە ھوشيار بولۇپ، يوللارنىڭ مۇز تۇتۇش خەۋپ-خەتىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.