تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

دولان قويى باقمىچىلىقى ئۇنىڭ يىللىق كىرىمىنى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى

  1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ لەڭگەر يېزىسى جەپەر كەنتىدە، باقمىچى ئەيساجان موللىروزى 270 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ كىرگۈزگەن دولان نەسىللىك قويىنى كۆرسەتمەكتە.

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى ۋە خەۋىرى) «بۇ پاقلانغا ئۈچ ئايدىن ئاشتى، ھازىر 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلغا ساتقىلى بولىدۇ!»، دېدى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، كورلا شەھىرى لەڭگەر يېزىسى جەپەر كەنتىدىكى ئەيساجان موللىروزى خۇشال ھالدا.

   2023 - يىلى، ئەيساجان قەشقەردىن دولان قويى كىرگۈزۈپ باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. دولان قويى جۇغى چوڭ، ئەي بولۇشى تېز، بالدۇر يېتىلىدىغان، كۆپ تۆللەيدىغان ھەمدە كۆپىيىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان بىر خىل ئەلا نەسىل، لېكىن بېقىش شارائىتىغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى. ئەيساجان ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلاش، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئىلمىي ئۇسۇلدا دولان قويى بېقىشنىڭ بىر يۈرۈش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى، ئۇ يەنە 270 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ نەسىللىك دولان قويىدىن بىرنى سېتىۋالدى. ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش ئارقىلىق، ئەيساجاننىڭ ھازىر 48 دولان قويى بار بولۇپ، پاقلانلارنى سېتىپ چىقىرىپ، شۇنداقلا نەسىللىك قوينى نەسىللەندۈرۈپ، يىللىق كىرىمىنى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى.

  1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، باقمىچى ئەيساجان موللىروزى دولان قويىغا يەم بەرمەكتە.

   1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، باقمىچى ئەيساجان موللىروزىنىڭ دادىسى دولان قويىغا يەم بەرمەكتە.

  1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، باقمىچى ئەيساجان موللىروزى دولان قويىغا يەم - خەشەك تەييارلىماقتا.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.