− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا لياۋنىڭغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغانلىقى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□ خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، ليۇ چېڭيوۋ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي
دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، شىمالنىڭ كىچىك يىلى. ئەتىگەندىلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ شىمالغا قاراپ مېڭىپ، شەنخەيگۇەندىن چىقىپ، لياۋنىڭغا كىردى.
پويىز دېرىزىسى سىرتىدا بىپايان زېمىن كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. قىزىل ئىنقىلاب تارىخى، شانلىق قۇرۇلۇش تارىخى، جۇشقۇن ئىسلاھات تارىخىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن قارا تۇپراق يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇپ، يىل ھالقىسىدا ئۈمىدكە تولغان گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغانىدى.
كونا يىلنىڭ ئاخىرلىشىشى يېڭى يىلنىڭ مۇقەددىمىسى، باش شۇجى خەلق ئاممىسى ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكتى.
ئۈچ كۈن ۋاقىتتا، خۇلۇداۋ، شېنياڭ، بېنشىدا دېھقان ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلدى، بازارنى كۆزدىن كەچۈردى، مەھەللىلەرنى كۆردى، زاۋۇت ئۆيلىرىگە كىردى... يىللارنىڭ قەلىمى ئىز قالدۇردى، كۈرەش قىلغان ھەربىر ۋاقىتتىن نۇر چاقنىماقتا. تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەر بۇ دەۋرنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان باش قەھرىمانلىرى.
كۈنلەر، ئايلار ئالمىشىپ تۇردى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قەلىمى رەڭ بېرىپ خەلقنىڭ ھەيۋەتلىك تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ چىقتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەپ، «ۋەتەننىڭ تىنچ ـ ئامان، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادەتلىك» بولۇشى ئۈچۈن گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.
بىر قاتار ئىزلار ئەسلىي مەقسەتنى ئەكس ئەتتۈردى
كۈنتەرتىپ: 1 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، خۇلۇداۋ شەھىرى سۈيجۇڭ ناھىيەسىنىڭ جۇجياگوۋ كەنتى
بۇ قېتىمقى سەپەرگە بۇلتۇر 8 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىكى كەلكۈن ئاپىتى سەۋەب بولغانىدى.
«مەن سىلەرنى ئىزچىل كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم، شۇ مەزگىلدە ھەر كۈنى سىلەرنىڭ بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇردۇم.» لياۋنىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى تۇنجى بېكىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پويىز، ئاپتوموبىلغا ئالمىشىپ، ئەينى چاغدا ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان خۇلۇداۋغا كەلدى.
ۋاقىت توختىماي ئۆتكەن بولسىمۇ، سادىق قەلب ئۆزگەرمىدى. 2024 ـ يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى تيەنجىنگە بېرىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى؛ ۋاقىتنى يەنىمۇ ئالدىغا سۈرسەك، 2023 ـ يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، ئۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان سىچۇەن شىيى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە كۆرۈشتى؛ 2022 ـ يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، سەنشىدىكى كۈزلۈك كەلكۈن ئاپىتى يۈزبەرگەن رايونغا چوڭقۇر چۆكتى... «يېڭى يىل پەيتىدە، مەن يەنىلا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى كۆڭلۈمگە ئەڭ پۈكۈپ كەلدىم».
بىر قاتار ئىزلار 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ئۇيۇل تاشتەك ئەسلىي مەقسىتىنى ئەكس ئەتتۈردى. ۋەزنى ئىنتايىن ئېغىر بولغان «خەلقنى مەركەز قىلىش»قا سانسىزلىغان تەسىرلىك تەپسىلاتلار مۇجەسسەملەنگەنىدى.
جۇجياگوۋ كەنتى ئېگىز ـ پەس تاغلار ئارىسىغا جايلاشقان.
كەنت كادىرى يىراقتىن سايدىكى سىم تاناب تۈۋرۈكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: «بىر كۈندە بىر يىللىق يامغۇر ياغدى، سۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سىم تاناب تۈۋرۈكىنىڭ ئۇچىغا يەتتى».
يول بىپايان دېڭىز ـ ئوكيانغا، كەنت يېگانە ئارالغا ئايلىنىپ قالدى.
دەرەخلەر ئۆرۈلدى، تاشلار دومىلىدى، يۇرتداشلار نۇرغۇن قېتىم ياش تۆكۈپ: «يېرىم ئۆمۈر يىغقان ئۆي بىساتىمىزنى سۇ بېسىپ كەتتى، قاچانمۇ يېڭى ئۆيگە ئىگە بولارمىز؟» دەپ غەمگە چۆمدى. ئاتاكىغا ئۆتكەن ئالدىراش قولۋاقلار، جىددىي ئىشلەۋاتقان قېزىش ماشىنىلىرى، نەق مەيداندىن ئايرىلماي ئىشلەۋاتقان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار... كەلكۈن تېخى يانماي تۇرۇپلا، قايتا قۇرۇش باشلاندى.
قىش كۈنلىرى قۇياش ئىللىق نۇر چېچىپ تۇراتتى. يېپيېڭى ئۆيلەر رەت ـ رەت سېلىنغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزلىك كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، جۇ شىسۈن، ۋاڭ باۋۋېي ئىككى ئائىلىلىكنى ئارقا ـ ئارقىدىن زىيارەت قىلدى.
چۇنليەن، دېرىزە گۈللىرى چاپلانغان، قىزىل پانۇسلار ئېسىلغانىدى، چوڭ قازاندىكى قورۇمىلارنىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، ھەممە يەر بايراملىق كەيپىياتقا چۆمگەنىدى.
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلىسىدىكى باھار بايرىمىلىق ماللارنى ساقلايدىغان چوڭ ئىدىش باش شۇجىنىڭ دىققىتىنى تارتتى: «توڭلىتىلغان نەشپۈت، توڭلىتىلغان گۆش، توڭلىتىلغان بېلىق، يەنە سۇەنسەي بار ئىكەن، ئۆزىمىز چىلىساق ئەڭ ياخشى».
«نيەندۇباۋنىڭ جىلتىسىگە ئىشلىتىلگەن قوناقنى ئۆزۈڭلار تېرىغانمۇ ياكى سېتىۋالغانمۇ؟» باش شۇجىنىڭ بۇ سوئالىدىن يۇرتداشلار يېقىنلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈپ دەرھال: «قارىسى ئاق قوناق ئۇنى، سېرىقى قوناق ئۇنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز تېرىغان» دەپ جاۋاب بەردى.
ئۆينىڭ دېرىزىسى يورۇق، پاكىز ئىدى. بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، سۈيى يوق ھاجەتخانا سۇلۇق ھاجەتخانىغا، قۇدۇق سۈيى تۇرۇبا سۈيىگە ئۆزگەرگەنىدى، تام، ئۆگزىلەرگە ئىسسىقلىق ساقلاش قەۋىتى ئورنىتىلغانىدى. مېھمانخانا ئۆيدە كۆپچىلىك چۆرىدىشىپ ئولتۇراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلكۈن ئاپىتى يۈزبەرگەن چاغدىكى سۈرەتلەرنى قولىغا ئېلىپ تەپسىلىي كۆرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ قايتا سېلىنىدىغان ئۆيلەرگە بېرىدىغان ياردەم پۇلىنىڭ نەقلەشكەن ـ نەقلەشمىگەنلىكىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم مەنبەسىنىڭ ئاساسلىقى قايسىلار ئىكەنلىكىنى ئىنچىكە ئىگىلىدى.
«ھۆكۈمەت 66 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بەردى، ئائىلىمىزدە نوپۇس كۆپ بولغاچقا، بىز ئۆي كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئۆزىمىز يەنە 66 مىڭ يۈەن چىقاردۇق.» ۋاڭ باۋۋېي بىر ـ بىرلەپ ئېنىق ھېسابات قىلىپ بەردى، سۆزلىرىدىن سەمىمىيلىك چىقىپ تۇراتتى، «بۇنداق ئاپەت ئالدىدا سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز، غەمخورلۇقىڭىز بولمىغان بولسا، بىز بۇنداق ئازادە، چىرايلىق ئۆيدە ئولتۇرۇشنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلالمايتتۇق. بىز ئىنتايىن مىننەتدار، يەنە ئىنتايىن تەسىرلەندۇق. مېنىڭ ئازراق يۈرەك سۆزۈم بار ئىدى، لېكىن ئىپادىلىيەلمەيۋاتىمەن».
«خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بېرىش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى. سىلەرنىڭ يەنە قانداق تەلىپىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار بار؟» باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن سورىدى.
«ھېچقانداق تەلىپىمىز يوق. پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ھېچقانداق مەسىلە يوق. تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى، ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز».
ۋاڭ باۋۋېينىڭ خوتۇنى جا ئېنيىڭمۇ تەڭلا مۇنداق دېدى: «ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز!»
باش شۇجى جاۋابەن مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلار بىزنىڭ ئۈمىدىمىز، كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشىپ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزەيلى».
يۇرت ـ ماكاننى قايتا قۇرۇش سۈرئىتىنىڭ تېزلىتىلىشىنىڭ ئارقىسىغا مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ جاسارەت بىلەن تىرەك بولغانلىقى، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكى مۇجەسسەملەنگەن. پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش كۈچى بۇ يەرگە توپلاندى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىشى بۇ جايدا نامايان بولدى. كەنت پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇ جاينىڭ «ۋاقىت بىلەن بەسلىشىش» ناملىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قىسقا فىلىمىنى كۆرۈپ، چوڭقۇر تەسىرلەندى.
8 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، يول، توك، توردىن ئىبارەت ئۈچ «ھاياتلىق لىنىيەسى» جىددىي راۋانلاشتۇرۇلدى؛
9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ئاپەت زىيىنىغا ئۇچرىغان مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوقۇش باشلاندى؛
9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئېتىز يوللىرىنىڭ ھەممىسى رېمونت قىلىنىپ، كۈزلۈك يىغىم مەشغۇلاتىغا كاپالەتلىك قىلىندى؛
10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، 41 ئائىلىلىك يۇرتداش يېڭى ئۆيلەرگە خۇشال ـ خۇرام كۆچۈپ كىردى؛
...
باش شۇجى تەرىپلەپ مۇنداق دېدى: «ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىن ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقىچە، بىر قاتار خىزمەتلەر ناھايىتى ياخشى قانات يايدۇرۇلۇپتۇ، مەن خاتىرجەم بولدۇم».
دائىم غېمىدە بولغىنى باشتىن ـ ئاخىر خەلق بولۇپ كەلدى.
كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، خەۋپنى تۈگىتىش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، ھەربىر ھاياتلىق پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدالدى. ھەر قېتىملىق چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا، جۇڭخۇا مىللىتى خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، يالقۇندا تاۋلاندى.
جۇجياگوۋ كەنتىدە جۇڭگودىكى مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان يېزا ـ كەنتلەرگە ئوخشاش، مورىلاردىن ئىس كۆتۈرۈلدى، دەل ـ دەرەخلەر ياشاردى، ئېرىقتا سۇلار شىلدىرلاپ ئاقتى، توخۇلار چىللىغان، ئىتلار قاۋىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇردى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تولۇق بولۇپ، تۇرمۇشى خاتىرجەملىككە چۆمدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ھاياجانلانغان ھالدا كەلگۈسى ئىستىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ئەتىيازدا بۇ يەرنىڭ تاغ ـ دالىلىرى نەشپۈت چېچىكى، ئۆرۈك چېچىكى، شاپتۇل چېچىكىگە پۈركىنىپ، بەكمۇ گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ. بىز يەنە يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەتىيازدا چېچەك سەيلىسى قىلىش، كۈزدە مېۋە ئۈزۈشنى پىلانلىدۇق. ۋاقتى كەلگەندە تۇرمۇشىمىز چوقۇم ئاپەتتىن بۇرۇنقىدىكىدىنمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ».
ھەممىدە خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلىگەنلەرنى خەلق ھىمايە قىلىدۇ. يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى كەنت بېشىغا يېتىپ كەلدى. جىمجىت تاغلىق كەنت ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، بەزى يۇرتداشلار توختىماي كۈلۈپ كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ كەتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە ئاز بولمىغان تەبىئىي ئاپەت يۈزبەردى، مەن ئاپەتكە ئۇچرىغان بارلىق رايونلارنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىز باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى كۆڭلىمىزگە پۈكىمىز، خەلق ئاممىسى ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كۆپچىلىكنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بولۇپ، چوقۇم كۆپچىلىكنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىگە، يۇرت ـ ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ».
باش شۇجى باشتىن ـ ئاخىر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى، بۇلتۇر يۈننەن جېنشيۇڭ ناھىيەسىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش يۈزبەرگەنلىكى، خەينەن ۋە گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارنىڭ تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى، خۇنەن خۇارۇڭ ناھىيەسى تۇەنجوۋيۈەن دۇڭتىڭخۇ كۆلىنىڭ بىرىنچى سەپ توسمىسىدا يار ئېلىپ كېتىش يۈزبەرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ يىل 1 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرەپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، باش شۇجى يەنە بىرىنچى ۋاقىتتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئادەم ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىشتىن بىخەتەر، ئىللىق ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 1 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، باش شۇجى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئىشلەپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
دۆلەتنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئېغىرچىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. گۈللىنىش مۇساپىسىدە، ھامان ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ياكى مۆلچەرلەش قىيىن بولغان تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلار بولىدۇ، شۇنداقلا ھامان بوران ـ چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە باتۇرلۇق بىلەن يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ دۆلىتىمىز ئاپەت كۆپ يۈزبېرىدىغان دۆلەت، لېكىن بىزدە <ئادەم تەبىئەت ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ> دەيدىغان روھ بار. بۇلتۇر پۈتۈن مەملىكەتتىمۇ سۇ ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى، يەر تەۋرەش، تەيفېڭ بورىنى ئاپەتلىرى كۆپ قېتىم يۈزبەردى، بىز تۈرلۈك خىرىس ۋە سىناقلارغا بەرداشلىق بەردۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، داۋاملىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يېڭى بىر يىلدا يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن».
قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن كەيپىيات ئىشەنچنى نامايان قىلدى
كۈنتەرتىپ: 1 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شېنياڭ دادۇڭ قوشۇمچە يېمەكلىك سودا سارىيى ۋە دادۇڭ رايونى چاڭئەن كوچا باشقارمىسى چاڭئەن ئولتۇراق رايونى
شېنياڭ دادۇڭ قوشۇمچە يېمەكلىك سودا سارىيى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۇنىڭ ئاساسى 1829 ـ يىلىدىكى شياۋدۇڭمېن كۆكتات دۇكىنى بولۇپ، ئۇرۇش ئىس ـ تۈتەكلىرىنىڭ داۋالغۇشلىرىغا گۇۋاھچى بولغان، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش دولقۇنىنى باشتىن كەچۈرگەن.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كېلىشى بىلەن، ئەسلىدىلا ئاۋات بازار قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى. شەھەر ئاھالىلىرى باش شۇجىنىڭ قەدىمىگە ئەگەشتى، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئارقا ـ ئارقىدىن كۆتۈرۈلدى.
يىللار بىر ـ بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە، تۇرمۇش داۋاملاشماقتا.
ئۇن تائاملىرى يايمىسىدا، ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان مانتا قاسقاندىن چىقتى. باش شۇجى تۇرمۇشتىكى ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشتى: «بۇ مانتىدىن بىرنى يېسىلا تويۇپ قالغۇدەك! بىر ھېكايىدىكى: <ئەڭ گۈزەل تۇرمۇش گۆش قىيمىلىق بەنشىر يېيىش ئىدى> دېگەن بىر بۆلەك تەسۋىر ئېسىمدە».
باش شۇجى گوباۋروۋ يايمىسى ئالدىغا كېلىپ، دۇكان ئىگىسىدىن «سودىڭىز ياخشىمۇ» دەپ سورىدى. ئاڭلىسام «ھەر كۈنى ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كېتىدىكەن»، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىرى ئوتنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكىگە، يەنە بىرى دورا ـ دەرمەكنىڭ ئۆلچىمىگە قاراشقا توغرا كېلىدۇ، بەك تاتلىق، بەك چۈچۈمەل بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، تاتلىق ھەم چۈچۈمەل بولمىسىمۇ بولمايدۇ».
باچى شوۋگۇڭچاڭ يايمىسى ئالدىدىمۇ كىشىلەر ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى. باھاسىنى سوراپ، تەمىنلەش ئەھۋالىنى كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تاپىلىدى: «بايرامدا يۇقىرى باھادا سېتىشقا بولمايدۇ، لېكىن تەننەرخ ۋە ئۈنۈمنىمۇ ئويلىشىش كېرەك».
چوڭ ـ كىچىك سومكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان شەھەر ئاھالىلىرىنى كۆرۈپ، ئۇ: «باھار بايرىمىلىق ماللارنى تولۇق تەييارلاپ بولدىڭلارمۇ» دەپ سورىدى؛ كۆزەينەك تاقىۋالغان بالىلارنى ئۇچراتقاندا، «سىرتتا چېنىقىشنى كۈچەيتىش»نى تاپىلىدى؛ بازار باشقۇرۇش خادىملىرىنى كۆرگەندە، «يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىڭلار» دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجى شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن «ھارپا كېچىسى تامىقىنى قانداق يېيىش» دېگەن تېمىدا پاراڭلاشقاندا: «شەرقىي شىمالنىڭ ھارپا كېچىسى تامىقىدا ھەممىڭلار سۇەنسەي بەيروۋ، توخۇ ـ موگۇ دۈملىمىسى تەييارلامسىلەر؟ شەرقىي شىمالنىڭ بۇ قورۇمىلىرىنى مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن» دېدى قىزغىنلىق بىلەن.
بىرنەچچە بالا شادلىق ئىچىدە «شى بوۋا»سىغا كەمپۈت سوۋغا قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ ھەربىر بالىنىڭ بىر تالدىن كەمپۈتىنى قوبۇل قىلدى: «سىلەرنىڭ كەمپۈتىڭلارنى مەن قوبۇل قىلدىم، سىلەرنىڭ كەمپۈتىڭلارنى يېسەم كۆڭلۈم تولىمۇ خۇش بولىدۇ. سىلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، تۇرمۇشىڭلارنىڭ خۇددى كەمپۈتكە ئوخشاش شېرىن ۋە گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
تۇرمۇش قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمۈپ، باھار بايرىمى كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. شەھەر ئاھالىلىرى باش شۇجىغا: «كۈندە بايرام ئۆتكۈزگەندەك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ھېچنېمىمىز كەم ئەمەس» دېدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋابەن مۇنداق دېدى: «يېمەك ـ ئىچمەك نۇقتىسىدىن قارىغاندا ھەقىقەتەن شۇنداق، لېكىن باھار بايرىمىدا تەبرىكلەش كەيپىياتى تېخىمۇ جانلىنىدۇ. بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىپ، ئىلگىرىكى ئەسلىمىلەر يادىمغا يەتتى. <كۆكتات>، <ئاشلىق>، <مېۋە> خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. پۇقرالارنىڭ بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزۈشى بىر يىلنىڭ ياخشى باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ».
مەھەللە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاخىرقى ئۇچى، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەشنىڭ بارومېتىرى.
شېنياڭ قەدىمىي شەھەر، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىر ئۇچى خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىگە تۇتىشىدۇ، يەنە بىر ئۇچى شەھەر تەرەققىياتىغا چېتىلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالدىنقى قېتىم لياۋنىڭغا كەلگەندە، يەنە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى نەق مەيداندا كۆرگەنىدى. «ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش» ئۇنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئويلىنىشى ئىدى.
قۇرۇلغىنىغا 30 نەچچە يىل بولغان دادۇڭ رايونى چاڭئەن كوچا باشقارمىسى چاڭئەن مەھەللىسىدە ۋاقىت تۈرلۈك ئىزلارنى قالدۇرغانىدى. ئالدىنقى ئىككى يىلدا، ئولتۇراق رايوننىڭ كۆمۈر، سۇ، توك، ئىسسىقلىق، «ئىچكى ھالىتى»، «سىرتقى كۆرۈنۈشى» بىر ـ بىرلەپ ئۆزگەرتىلىپ، كونا قىياپىتى يېڭىلاندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ تۆت ئەۋلاد بىللە تۇرىدىغان لاڭ سۇلەننىڭ ئۆيىگە كىردى. سافادا 82 ياشلىق لاڭ سۇلەن باش شۇجىغا يېقىن ئولتۇرۇپ، سۆز ئارىلىقىدا باش شۇجىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتتى.
كىرىمى ۋە چىقىمىنى سورىدى، باش شۇجى كۆڭۈل بۆلۈپ: «سىلەرنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىڭلاردا يەنە قانداق قىيىنچىلىقلار بار؟» دەپ سورىدى.
كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش، مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئېرىشىش تۇيغۇسى بولىدۇ. «مەھەللە بىز ياشانغانلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.» لاڭ سۇلەن مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە قاراپ قايىل بولۇپ ماختىدى.
باش شۇجى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەھەللە خىزمىتى ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشى. مەھەللە خىزمىتى يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر ـ بىرىگە باغلايدۇ، لېكىن نەزەرىنى ئاساسىي قاتلامغا قارىتىشى كېرەك. <يۇقىرىدىكى مىڭ تال يىپ>مۇ خەلق ئۈچۈن، ئەڭ ئاخىرىدا خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ <ياشانغانلار، بالىلار>نى ياخشى ئاسراش كېرەك. قولۇم ـ قوشنىلارنىڭ سىلەرگە باش بارمىقىنى چىقىرىشى سىلەرگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى باھا».
ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشتە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىلدى.
كونا تۇرخۇنلاردا سانائەت شەھىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى ساقلاپ قېلىندى، پار قازان ئۆيى مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە ئۆزگەرتىلىپ، توردا ئالقىشلانغان داكا جايغا ئايلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزگە كىرگەندە، بەزىلەر چۇنليەن يېزىۋاتاتتى، بەزىلەر يۇڭ يىپتا گۈل ياساۋاتاتتى، يەنە بەزىلەر ناخشا ئېيتىش ماھارىتى، سەھنە سۆزى، ھەرىكەت ۋە چىراي ئىپادىسى، چامباشچىلىق ماھارىتى كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى.
بىر مەھەللە ئاھالىسى يېڭىلا يېزىپ بولغان چۇنليەننى ئېلىپ، باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «<ئائىلە ئىناق، قوشنىلار ئېجىل ئۆتسە، ھەممە خۇشاللىققا چۆمىدۇ، دۆلەت قۇدرەت تاپسا، خەلق باي ـ باياشات بولسا، مەڭگۈ خاتىرجەملىك بولىدۇ.> ›شاد ـ خۇراملىققا چۆمۈش، مەڭگۈ خاتىرجەم ئۆتۈش>، بۇ دەل سىزنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىڭىزدە ئېيتقان سۆزلەر».
بىر توپ بالىلار بەس ـ بەستە «شى بوۋا»سىغا ئۆزلىرى توقۇغان جۇڭگو تۈگۈچىنى تونۇشتۇردى:
«مەن خاسىڭ توقۇدۇم، ھەممە ئىشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، «مەن تاۋار لېنتا تۈگۈچى توقۇدۇم، ئۇنىڭ مەنىسى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش، خاتىرجەملىك، بەخت، خۇشاللىق»...
مەيىن شامال كۆتۈرۈلدى، يۇقىرى پەللىگە قاراپ ئىلگىرىلەش كەيپىياتى نامايان بولدى. باھار بايرىمىدا مەدەنىيەت تومۇرى ئۈزۈلمەي داۋاملاشتى، خۇاشيا زېمىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:
«جۇڭگونىڭ بۇ ئەنئەنىۋى ھۈنەر ـ سەنئىتىگە بالىلارمۇ ۋارىسلىق قىپتۇ. جۇڭخۇا 5000 يىللىق مەدەنىيلىكىگە نۇرغۇن گۈزەللىكلەر مۇجەسسەملىگەن، بۇ، بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. بىز پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى نەزەرىدىن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك».
مەھەللىدىكى پېنسىيەگە چىققان خادىملار نەي تەڭكەش قىلىنغان «قامچا ئوينىتىپ ئاتنى چاپتۇرۇپ ئاشلىق توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇش» ناملىق مۇزىكىنى بىرلىكتە ئورۇنلىدى، مېلودىيەسى يېقىملىق بولۇپ، ساداسى قۇلاق تۈۋىدىن كەتمەيتتى.
«ئائىلە، دۆلەت ئىناق كەيپىياتقا چۆمدى. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان شەكىللەنگەن بايرام ئۆتكۈزۈش مەدەنىيەت ئەنئەنىسى جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭگولۇقلار، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان مەنىۋى رىشتە. بايرامنى ياخشى ئۆتكۈزۈڭلار، ھەممىلا جاي باھار بايرىمى كەيپىياتىغا چۆمسۈن».
«مەن بالىلارنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئۇلارنى كۆرسەملا خۇشال بولىمەن. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا كۆپچىلىككە، ياشلارغا تايىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك».
بۇ مۇنبەت تۇپراق تارىخىي سەۋرچانلىققا گۇۋاھ بولدى
كۈنتەرتىپ: 1 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېنشى، ئەنشەن پولات ـ تۆمۈر گۇرۇھىغا قاراشلىق بېنشى پولات تاختا ماتېرىياللىرىنى سوغۇق پىروكاتلاش باش زاۋۇتىنىڭ 3 ـ سوغۇق پىروكاتلاش زاۋۇتى
بۇ دەل شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش پەيتى.
ئالدىنقى قېتىم لياۋنىڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ ئارىدىن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى. خېيلۇڭجياڭدا يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقىنىغىمۇ ئارىدىن پەقەت بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەنىدى. نېمە ئۈچۈن «شەرقىي شىمالغا كۆپرەك كېلىمەن؟» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەرنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن».
كەسىپنى گۈللەندۈرۈش بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاچقۇچ.
بۇ يەر يېڭى جۇڭگو سانائىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ، ئىلگىرى جۇمھۇرىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا شانلىق سەھىپە قالدۇرغان. ھالبۇكى، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش چوڭ دولقۇنى مەۋج ئۇرغان، شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويلىرىدا پاراخوتلار بەس ـ بەستە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتقان پەيتتە، شەرقىي شىمالنىڭ قەدىمى سەل ئاستىلاپ قالغانىدى.
بۇ قارا تۇپراق قاتتىق ئويغا چۆمۈپ، قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكەندەك ئۆزگىرىش ياساشقا ھازىرلاندى.
ئالدىنقى قېتىم شەرقىي شىمالغا بارغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭدا «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى»نى راۋاجلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك ـ تۈمەن قىياپىتىنى كۆرسىتىپ بەردى. لياۋنىڭمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتتى. خەلق ئىگىلىكىدىكى 41 سانائەت چوڭ تۈرىنىڭ 40ى لياۋنىڭدا بار بولۇپ، ئىلگىرى يېڭى جۇڭگونىڭ سانائەت تارىخىدا مىڭدىن ئارتۇق بىرىنچىلىكنى ياراتقانىدى.
ئەنئەنىۋى كەسىپلەر يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قانداق راۋاجلاندۇرىدۇ؟
بېنشى، ئەنشەن پولات ـ تۆمۈر گۇرۇھىغا قاراشلىق بېنشى پولات تاختا ماتېرىياللىرىنى سوغۇق پىروكاتلاش باش زاۋۇتىنىڭ 3 ـ سوغۇق پىروكاتلاش زاۋۇتى بۇ ھەقتە ئىزدەندى.
ئالىچىپار زاۋۇت ئۆيلىرىگە قاينام ـ تاشقىنلىق يىللاردىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ۋە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش خاتىرىلەنگەنىدى. ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى كارخانا قايتا تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى.
100 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ كارخانا يېڭىدىن «ئاقىل چوڭ مېڭە» مەركەزلىك تىزگىنلەش مەركىزى قۇردى. بۇ يەردە ئېكران ھەرىكەتچان يېڭىلىنىپ، سانلىق مەلۇماتلار ماس ھەمبەھرىلىنىپ تۇراتتى. باش شۇجى ئېكرانغا قارىغاچ، پۈتۈن زاۋۇتنىڭ سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئېلىپ كەلگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلىدى:
مەھسۇلات مىقدارى %25 ئاشتى، ئېنېرگىيە سەرپىياتى %30 تۆۋەنلىدى، ئەمگەك ئىشلەپچقىرىش ئۈنۈمدارلىقى %65 ئۆستى، مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %10تىن كۆپرەك ئۆستى. بىر ئۇرۇق يۆتكىلىپ، پۈتۈن تاختا شاھمات جانلاندى.
يەنە سېخقا كەلدى.
ئىلگىرى پولات ئورىمىنى ئوخشاش بولمىغان ئىش تەرتىپلىرى ئارىسىدا يۆتكەشتە ئادەم كۈچىگە تايىنىپ باغلاش، چۇۋۇشقا توغرا كېلەتتى. كارخانا مەسئۇلى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ يېنىدىكى بوش قالغان ئاددىي ئۆيلەرنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئۇ يەردە ئىشچىلار نۆۋەتچىلىك قىلاتتى، ھازىر رەقەملەشتۈرۈش كۈچ قوشۇپ، خادىملار ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئۈنۈم ئۆستۈرۈلۈپلا قالماي، مەشغۇلات خەۋپ ـ خەتىرىمۇ تۆۋەنلىتىلدى».
كۆز ئالدىدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى دۇنيا بويىچە ئەڭ كەڭ ئەنلىك سوغۇق پىروكاتلانغان تاختا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ماڭغاچ كۆردى. ئورالمىنى ئېچىش، يۇيۇش، قۇرۇتۇش، پىروكاتلاش − مېخانىك بىلەكنىڭ ھەرىكىتى رەتلىك، بىردەك بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم دەل جايىدا ۋە ئەپچىل ھەرىكەت قىلاتتى.
دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى قانچىلىك يۇقىرى، تېخنىكىدا يەنە قانداق كەمتۈكلۈكلەر بار، مەھسۇلاتنىڭ بازار ئىستىقبالى قانداق... باش شۇجى تەپسىلىي سورىدى.
«يېڭىلىق ياراتمىساق ئارقىدا قالىمىز، يېڭىلىق يارىتىش ئاستا بولسىمۇ ئارقىدا قالىمىز»، ئىلگىرى شەرقىي شىمالغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغان چاغلارنى ئەسلىسەك، باش شۇجى يېڭىلىق يارىتىشنى باشتىن ـ ئاخىر گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ كەلگەنىدى. سېخقا بىر قاتار مەھسۇلات تىزىلغان، سوغۇق پىروكاتلاپ ئىسسىق پىرېسلاپ شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى چىداملىق پولات، سوغۇق پىروكاتلاپ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر پىرېسلانغان كەڭ ئەنلىك تاختا... يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، يەنىلا «چەت ئەل مىخى، چەت ئەل سەرەڭگىسى، چەت ئەل ئاپتوموبىلى» ئىشلىتىلەتتى. نەچچە ئون يىلدا، يېڭى جۇڭگو تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ نەچچە يۈز يىللىق سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تاماملاپ، تۈرلىرى تولۇق، مۇستەقىل، مۇكەممەل بولغان زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يەرشارىۋى ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندى.
تارىختىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر دېڭىزنىڭ تامچىسىدەك كىچىك ئۆزگىرىشلەردىن بارلىققا كەلگەن. ئالدىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ياش تېخنىكا تايانچلىرى، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىگە قاراپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «بېنشى پولات تاختا ماتېرىياللىرىنى سوغۇق پىروكاتلاش باش زاۋۇتىنىڭ 3 ـ سوغۇق پىروكاتلاش زاۋۇتى دۆلىتىمىزدىكى كونا كارخانا بولۇپ، بۇ يىللاردا ياشلىق باھارى ئۇرغۇماقتا! سىلەر بۇ يەردە خىزمەت قىلىپ، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈڭلار. پولات ـ تۆمۈر كەسپى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئۇل كەسپى، ئەمەلىي ئىقتىساد خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئۇلى. داۋاملىق تىرىشىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تۆھپە قوشۇڭلار».
1 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭنى «يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە دادىل ئالدىدا مېڭىڭلار» دەپ رىغبەتلەندۈردى. تەكىتلىگەن بىرقانچە جەھەتتىكى خىزمەت تەلىپىدە، «ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش»نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى.
باش شۇجى بېنشى پولات تاختا ماتېرىياللىرىنى سوغۇق پىروكاتلاش باش زاۋۇتىنىڭ 3 ـ سوغۇق پىروكاتلاش زاۋۇتىدا ئويلىغانلىرى، ھېس قىلغانلىرىنى يەنە بىر قېتىم سۆزلىدى:
«كونا كارخانىلارنىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈشكە، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشقا، يېشىللاشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەرگىزمۇ <تۆۋەن دەرىجىلىك كەسىپ>، <ئارقىدا قالغان كەسىپ> دەپ قاراپ بىراقلا چېكىندۈرۈشكە بولمايدۇ، بولمىسا يېڭى ـ كونا قۇۋۋەتنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئاغرىقىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن».
تىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سەرپىياتى سانلىق مەلۇماتلىرى ئوخشاشلا كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
«تەرەققىيات ۋەزىپىسى قانچە ئېغىر بولغانسېرى، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشقا شۇنچە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.» پۈتۈن ئۆلكىنىڭ %88.5 بولغان ئەلا سۈپەتلىك ھاۋا نىسبىتىنى كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرىكى لياۋنىڭ شېنياڭنىڭ تيېشى رايونىدىكى ئاشۇ ئېگىز تۇرخۇنلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، شۇنداقلا ئىس ـ تۈتەككە تولغان ئاسماننى ئەسكە ئالدى، «قىش كۈنلىرى كىشىلەر قېقىلىپ يۆتىلىپ كېتەتتى».
ئىلگىرى بېنشى پولات تاختا ماتېرىياللىرىنى سوغۇق پىروكاتلاش باش زاۋۇتىنىڭ 3 ـ سوغۇق پىروكاتلاش زاۋۇتىمۇ شۇنداق ئىدى. خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئاق ئاياغ كىيىشكە پېتىنالمايتتى، ئىشقا بېرىپ ـ كەلگۈچىلا ئايىغى مەينەت بولۇپ كېتەتتى. بۈگۈننى ئۆتمۈشكە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
دۆلەتنى ئىدارە قىلىش چاڭنىڭ تارىسىنى تەڭشىگەنگە ئوخشايدۇ، تارىلار بىر ـ بىرىگە تەڭكەش بولۇپ، ئۇدارلىرى جىپسىلاشقان بولىدۇ. لياۋنىڭغا قويۇلغان تەلەپ شۇكى، مەيلى «پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشنى تۇتۇش» بولسۇن ياكى «شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇش» بولسۇن ۋە ياكى «مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش» بولسۇن، «ئومۇمەن پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە يېقىندا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك».
شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش جاپالىق چېنىقىشقا تولغان، ئۇ ۋاقىتنىڭ كۈچ سىنىشىشى، مەنىۋى جەھەتتىكى تىركىشىش، ئادەمنىڭ ئىلگىرىلىشى. ئۇزۇن سەپەردە پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك، شۇنداقلا تارىخىي سەۋرچانلىق بولۇش كېرەك.
«ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يىراقنى كۆزلىدى. چىدامچانلىقنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بۆسۈش ھاسىل قىلىش غەيرىتى، ئىجاد قىلىش ئەقىل ـ پاراسىتىنى سىڭدۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىشنى پۇختا، ئەتراپلىق قىلىدىغان تۆۋەن چەك بولۇشى، يالغۇز قالغاندىمۇ ئېھتىياتچان بولىدىغان، ئۇششاق ئىشلاردىمۇ بىپەرۋارلىق قىلمايدىغان سەگەكلىك بولۇشى كېرەك.
دوكلات بېرىش يىغىنىدا، بۈگۈنكى لياۋنىڭنىڭ ئالما كەسپى باش شۇجىغا لياۋنىڭ ـ شېنياڭ جېڭىدىكى بىر قىزىل ھېكايىنى ئەسلەتتى. ئەينى چاغدا، جىنجوۋنىڭ يېزىلىرىدا ئالمىلار پىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەربىي يۈرۈشتە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى ئاچارچىلىق، ئۇسسۇزلۇققا چىدىيالماي قالغان بولسىمۇ، لېكىن بىر تال ئالمىنىمۇ ئۈزمىگەنىدى. «ماۋ جۇشى <يېمەسلىك ناھايىتى ئالىيجانابلىق، ھالبۇكى يېيىش ناھايىتى شەرمەندىلىك، چۈنكى بۇ خەلقنىڭ ئالمىسى> دېگەن». باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق ئالمىنى بىز ھازىرمۇ يېسەك بولمايدۇ».
بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2 ـ قېتىم لياۋنىڭدا بۇ ھېكايىنى سۆزلىشى، ئالدىنقى قېتىم يەنىلا لياۋنىڭ ـ شېنياڭ جېڭى خاتىرە سارىيىدا سۆزلىگەنىدى. پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق خەلقنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرگەندە، خەلق رايى مايىل بولىدۇ، يول داغدام بولىدۇ.
باھار يېڭى ئۈمىدكە تولغان. ئۈمىدكە تولغان مۇنبەت تۇپراقتا، مىڭلىغان ئائىلىلەر تېرىقچىلىق قىلىدۇ، بارلىق شەيئىلەر ئۆسىدۇ، مىڭلىغان جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر، تۈرلۈك جەبر ـ جاپا بولىدۇ، لېكىن جاسارەتكە تولۇپ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلساق، ئىستىقبالىمىز پارلاق بولىدۇ. يولنى توغرا تاپقان ئىكەنمىز، قەتئىيلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك، شۇندىلا يول بويى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئوتقاشتەك جۇلالىنىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 1 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)