تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بارلىق تۈر مۇسابىقە خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە سارىيىدا ئاياغلاشتى.
    بۇ قېتىمقى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە «قار-مۇز قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاسىيا مەركىزىي شەھىرىدە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ماھارەت تەنتەربىيەسى ۋە ئاممىۋى مۇسابىقە تۈرلىرى تەسىس قىلىندى. ماھارەت تەنتەربىيەسى تۈرىدە يەتتە چوڭ تۈر، ئون تارماق تۈر، 180 كىچىك تۈر تەسىس قىلىنىپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن 63 كىچىك تۈر كۆپەيتىلدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە شىخەنزە ۋەكىللەر كوماندىسىدىن كەلگەن 1058 تەنھەرىكەتچى بىر سەھنىدە ماھارەت كۆرسەتتى؛ ئاممىۋى مۇسابىقە تۈرى سەككىز يەككە تۈر ۋە بىر كاتتا بايرام پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر مىللەت قار-مۇز ھەۋەسكارىدىن 
16 مىڭ 833ى قاتناشتى.
    بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىندى.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياغلىشىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئارتىسلىرى «گۈزەل سانجى سىزنى قارشى ئالىدۇ» ناملىق ئۇسسۇلنى ئوينىماقتا.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئارتىسلار «ئون بەش كۈنلۈك ئاي يورۇدى شۇنچە» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئارتىسلار «كۆل بويىدا» ناملىق ئۇسسۇلنى ئوينىماقتا.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئارتىسلار «تىيانشاندا ياڭرىغان ناخشا» ناملىق ئۇسسۇلنى ئوينىماقتا.

 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئاپتونوم رايونلۇق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بايرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.