ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش شەرتى:
1. سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقانلار
2. ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىن باشقا سەۋەب بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈزۈلۈپ قالغانلار
3. ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان ھەم خىزمەت ئىزدەش تەلىپى بارلار
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەرتلەرنى بىرلا ۋاقىتتا قاندۇرىدىغان ئىشسىزلار
ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بېجىرىش ئاپپاراتلىرىغا
ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
دىققەت! ئىشسىزلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئىشسىزلىقنى ماس قەدەمدە تىزىملاتسا بولىدۇ، ئايرىم بېجىرىش ھاجەتسىز.

ئىشسىزلار
ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ياكى كىملىكى ئارقىلىق
ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنى بىر قېتىمدىلا ئالالامدۇ ياكى ئايغا بۆلۈپ ئالامدۇ؟ خىزمەت تېپىپ بولغان بولسا، ئېلىپ بولالمىغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىنى يەنە ئالغىلى بولامدۇ؟
ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئايغا بۆلۈپ تارقىتىلىدۇ

ئىشسىزلار قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن
ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش توختىتىلىدۇ
ھەمدە باشقا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشمۇ توختىتىلىدۇ
ئىشسىزلار قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن يەنە ئىشسىز قالغاندا:
ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى قايتا ھېسابلىنىدۇ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتىنى ئالدىنقى قېتىم ئىشسىز قالغاندا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان، تېخى ئالمىغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنىڭ مۇددىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھېسابلاشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 24 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى