
1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خېنەن يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى رەڭلىك چىراغلار.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇ دامىن خەۋەر قىلىدۇ) 1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، شەھەر ئاھالىسى جاڭ خۇڭشيا ئۈرۈمچى شەھىرى خېنەن يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، كۆۋرۈك ئاستىدىكى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەرەخلەرگە رەڭگارەڭ پېلەكسىمان شارچە چىراغلارنىڭ ئېسىلغانلىقىنى كۆرۈپ، يان تېلېفونىنى ئېلىپ، بۇ گۈزەل مىنۇتلارنى سۈرەتكە تارتىۋالدى، «بىر كېچىدىلا رەڭلىك پېلەكسىمان شارچە چىراغلار دەرەخ شاخلىرىغا لىققىدە ئېسىلىپتۇ، ناھايىتى گۈزەل، بىردىنلا بايرام كەيپىياتى ھەممە يەرنى قاپلاپتۇ».
1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى خېنەن يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگە كېلىپ، كۆۋرۈك ئاستىدىكى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەرەخلەرگە ھەر خىل رەڭدىكى پېلەكسىمان شارچە چىراغلارنىڭ ئېسىلغانلىقىنى، بەزى دەرەخ شاخلىرىغا كىچىك چىراغلار يۆگەلگەنلىكىنى، رەڭلىك چىراغلار، دەرەخ شاخلىرىغا يۆگەلگەن كىچىك چىراغلارنىڭ دەرەخكە ئېسىلغان چوڭ قىزىل پانۇسلار بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، ئىنتايىن گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىنى نامايان قىلغانلىقىنى كۆردى.

1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خېنەن يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئەتراپىدا، رەڭلىك چىراغلار بىلەن دەرەخلەرگە ئېسىلغان قىزىل پانۇسلار كېچىنى تېخىمۇ جەلپكارلىققا ئىگە قىلغانىدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى
ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولىنى بويلاپ جەنۇبقا تەخمىنەن 1.9 كىلومېتىر كېلىدىغان سۇجوۋ يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئاستىدىكى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەرەخلەرگە نۇرغۇن پېلەكسىمان شارچە چىراغلار ئېسىلغان، بەزى دەرەخلەرگە چىراغلار يۆگەلگەن بولۇپ، رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇرغان كېچىلىك مەنزىرە شەھەر ئاھالىلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى)نىڭ باھار بايرىمىلىق كەيپىيات يارىتىشقا مەسئۇل خادىمى تۇڭ دەنخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولى بويىدىكى سەندۇڭبېي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، جۇجياڭ يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، گۇاڭخۇي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، خەلق يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، خۇالىڭ گۇرۇھى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، شىنيى يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، سۇجوۋ يولى ئۆتۈشمە كۆرۈكى، خېنەن يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى قاتارلىق سەككىز نۇقتىلىق كۆۋرۈك رايونى، 13 جايدىكى كىچىك مەنزىرە رايونىدا يورۇتۇش، گۈزەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېشىللىق ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىي 30 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق پېلەكسىمان شارچە چىراغ، 20 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق دەرەخكە يۆگىلىدىغان چىراغ، 600 يۈرۈشتىن ئارتۇق LED مۇز چىۋىقلىق چىراغ، 150 يۈرۈشتىن ئارتۇق پىرويېكسىيەلىك چىراغلارنى ئېسىپ، قويۇق بايرام كەيپىياتى ياراتتۇق.
نۆۋەتتە، ھەرقايسى باغچىلارغا 92 مىڭ 700دىن ئارتۇق پانۇس، 13 مىڭ 800 چاقپەلەك ئېسىلدى، 10 مىڭدىن ئارتۇق شايى گۈل باغلاندى، 41 مىڭ 600دىن ئارتۇق تەقلىدىي گۈل باغلاندى. «ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولىغا رەڭلىك پانۇس ئېسىش ۋە باغچىغا پانۇس ئېسىش، رەڭلىك بايراقلارنى باغلاش، شايى گۈللەرنى باغلاش، تەقلىدىي گۈل شاخلىرىنى باغلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بايرام كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى قويۇق بايرام كەيپىياتىدا جەم بولۇپ ئىللىق، تىنچ-ئىناق باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى تۇڭ دەنخۇا.

1-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سەندۇڭبېي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى رەڭلىك چىراغلار.
تاڭ نا فوتوسى

1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خېنەن يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى رەڭلىك چىراغلار.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى

1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سۇجوۋ يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى رەڭلىك چىراغلار.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى

1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سۇجوۋ يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى رەڭلىك چىراغلار.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى

1-ئاينىڭ 19-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق باغچىسىدا باغلاپ قويۇلغان شايى گۈل ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى

1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق باغچىسىدا پانۇسلار ئېگىز ئېسىلدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى

1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىغا پانۇسلار ئېسىلىپ، ئەتراپ بايرام كەيپىياتىغا تولدى.
سۈن شىياڭ فوتوسى

1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شياۋلۈگۇ ئېكولوگىيە باغچىسىدىكى رەڭلىك چىراغلار.
لى زىشو فوتوسى

1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شياۋلۈگۇ ئېكولوگىيە باغچىسىدىكى رەڭلىك چىراغلار.
شۆ يى فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






