1 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدا يەتكۈزىدىغان سەككىز تۈرلۈك تەدبىرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خۇشال ـ خۇرام باھار بايرىمى كەيپىياتى يارىتىپ، شەھەر ئاھالىسى، ساياھەتچىلەرگە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلىرىنى سۇنىدىكەن.
تەدبىردە، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، باھار بايرىمى كەيپىياتىنى ئاشۇرۇپ، تەنتەربىيە مەيدان ـ سارايلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسى، تۆمۈريول خۇايۈەن مەدەنىيەت مەيدانى ۋە ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە «داقا-دۇمباق چېلىش ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويناش» بويىچە كوچا ئويۇنى قويۇپ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەرقايسى مەنزىرە رايونى، باغچا، مەيدان، كوچىلاردا كوچا ئويۇنى قويۇش ۋە پانۇس سەيلىسى قىلىش، باھار بايرىمىلىق چۇنليەن يېزىش، تۆمۈر ئۇچقىنى چىقىرىش، خەنفۇ كىيىم ـ كېچەك كۆرىكى قاتارلىق خەلق ئۆرپ ـ ئادەت مەدەنىيىتى پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ.
باھار بايرىمى، يۈەنشياۋ بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن شەھەردىكى ئاساسلىق يول، مەيدان، باغچا، كوچىلاردا چىراغ نۇرى بايرام ئەندىزىسى يولغا قويۇلۇپ، شىداچياۋ، يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى، گاۋتيې رايونى قاتارلىق رايونلاردا باش تېمىلىق چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى قانات يايدۇرۇلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي، شەھەرلىك كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت مەركىزى كۆرگەزمىخانىسى قاتارلىق شەھەرگە قاراشلىق 22 ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان ـ سارىيى، خۇڭسەن تەنتەربىيە مەيدانى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى قاتارلىق ئىككى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تەنتەربىيە مەيدان - سارىيى بايرام، دەم ئېلىش مەزگىلىدە ھەقسىز سىرتقا ئېچىۋېتىلىدۇ.







