ئاپتونوم رايوننىڭ 2025 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى بېكىتىلدى، تۆۋەندىكىدەك ئېلان قىلىندى.
بىرىنچى، گۈزەل سەنئەت ۋە لايىھەلەش تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى
تولۇق كۇرسنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى: ئومۇمىي نەتىجىسى 180 نومۇردىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولۇش، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى پەننىڭ نەتىجىسى 60 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس)نىڭ لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى: ئومۇمىي نەتىجىسى 170 نومۇردىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولۇشى كېرەك.
ئىككىنچى، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى (تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس دەپ ئايرىلمايدۇ)
مۇزىكا ئورۇنداش تۈرى (ناخشىلىق مۇزىكا يۆنىلىشى) كەسپىنىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسى 170 نومۇردىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولۇشى كېرەك
مۇزىكا ئورۇنداش تۈرى (چالغۇ يۆنىلىشى) كەسپىنىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسى 170 نومۇردىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولۇشى كېرەك
مۇزىكا مائارىپى تۈرى (ناخشا ئاساسىي تۈرى)نىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسى 170 نومۇردىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولۇشى كېرەك
مۇزىكا مائارىپى تۈرى (چالغۇ ئاساسىي تۈرى)نىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسى 170 نومۇردىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولۇشى كېرەك.
ئۈچىنچى، دىكتور ۋە رىياسەتچىلىك تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى
تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسقا ئايرىلمايدۇ، ئومۇمىي نەتىجىسى 185 نومۇردىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولۇشى كېرەك.
تۆتىنچى، خەتتاتلىق تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھان لاياقەتلىك نومۇر چېكى
تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسقا ئايرىلمايدۇ، ئومۇمىي نەتىجىسى 190نومۇردىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولۇشى كېرەك.
بەشىنچى، ئۇسسۇل تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى
تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسقا ئايرىلمايدۇ، ئومۇمىي نەتىجىسى 145 نومۇردىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولۇشى كېرەك.
ئالتىنچى، رول ئېلىش (رېژىسسورلۇق) تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى (تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس دەپ ئايرىلمايدۇ)
تىياتىر، كىنو، تېلېۋىزىيە رېژىسسورلۇق يۆنىلىشىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى 185 نومۇردىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولۇشى كېرەك
تىياتىر، كىنو، تېلېۋىزىيە ئاكتيورلۇق يۆنىلىشىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى 185 نومۇردىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولۇشى كېرەك
كىيىم - كېچەك ئاكتيورلۇق يۆنىلىشىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى 180 نومۇردىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولۇشى كېرەك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. مۇناسىپ كەسپىي نەتىجىسى لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكىدىن يۇقىرى بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر نەتىجە قەغىزىنى ئېلىپ ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر تەشكىللىگەن مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش - قاتناشماسلىقنى ئۆزى قارار قىلسا بولىدۇ.
2. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش-قىلىنماسلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى بىرتۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپى، مەدەنىيەت دەرسىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپى، ئارزۇ تولدۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئارزۇ تولدۇرغان مەكتەپ (كەسىپ)نىڭ قوبۇل قىلىش قائىدىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ چوقۇم بۇ كەسىپكە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى