
ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانى (2024 ـ يىلىدىن 2027 ـ يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.
«يىرىك پىلان»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇملۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى.
شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى نىشانلاپ، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ، قوللىنىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، يېزا ئاھالىسى كۆلەملىك نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تۆۋەن چەك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ـ كەنتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پەن ـ تېخنىكا ۋە ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئىككى چاقنى تەڭ ھەرىكەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرى، ئىختىساسلىقلىرى، مەدەنىيىتى، ئېكولوگىيەسى، تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت «بەشنى گۈللەندۈرۈش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئاساسلىق نىشانى: 2027 ـ يىلىغا بارغاندا، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا ئاشۇرۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈپ، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرى پۈتۈن زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان قىلىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ يېزا ئىستىلى، مەدەنىيلىكىنى سىجىل يۈكسەلدۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ يېزا ـ كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ دېھقانلارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، كىرىم سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرگە ۋە ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا قاتلام، تۈر بويىچە يار ـ يۆلەك بولۇش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىش. شەرقىي قىسىمدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلار، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى شارائىتى ھازىرلانغان چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا ـ كەنتلەردە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالدى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش. 2035 ـ يىلىغا بارغاندا، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزىلاردا زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاش.
«يىرىك پىلان»دا يەنە شەھەر ـ يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى تۈرگە ئايرىپ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش؛ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ھەر تەرەپلىمە پۇختىلاش؛ يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېزا ـ كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىش؛ يېزا ـ كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋر مەدەنىي يېزا ئىستىلى يېتىلدۈرۈش؛ يېزا ـ كەنت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش؛ ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش؛ يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.