تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئۆپكىڭىز ساغلام بولسا ھەقىقىي ساغلام بولىسىز! قىشلىق تەتىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئۆپكىنى قوغداشقا دائىر بۇ تەدبىرلەر بىلىۋېلىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ) قىشلىق تەتىل يېتىپ كەلدى، باھار بايرىمىنىڭ قەدىمىمۇ بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا، بۇ دەل ئائىلىدىكىلەر جەم بولىدىغان، سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىدىغان ياخشى ۋاقىت. قىشلىق تەتىل ۋە باھار بايرىمى مەزگىلىدە سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلغاندا، قانداق قىلغاندا ئۆپكىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ يېقىندا مۇخبىر بۇ ھەقتە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 4-دوختۇرخانا (ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى) نەپەس كېسەللىكلىرى 2-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋراچ بەي ۋېنمېينى زىيارەت قىلدى. 

​    جۇڭگو تېبابىتىدە ئۆپكە ھاۋانى سۈمۈرۈپ نەپەسلىنىشكە ياردەم بېرىدۇ، بۇرۇننى ئېچىپ نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ، تەبىئەت دۇنياسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ، دېيىلىدۇ. قىش پەسلىدە سىرتتا ھەرىكەت قىلغاندا ئىسسىنىشقا دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ باش، بويۇن ۋە دۈمبە قىسمىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ جايلار ئاسانلا سوغۇق ھاۋانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. سىرتقا چىققاندا باش كىيىم كىيىپ، شارپا ئوراپ، سوغۇق شامال تېگىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

    يەنە بىر ئەپچىل چارە بار، ئۇ بولسىمۇ يىڭشياڭ پەللىسىنى دائىم بېسىپ تۇرۇش، بۇ پەللە بۇرۇن قانىتىنىڭ سىرتقى گىرۋىكىنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان. ھەر كۈنى بىگىز بارماق بىلەن يىڭشياڭ پەللىسىنى بىر-ئىككى مىنۇت يېنىك ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، بۇرۇنغا ھاۋا ئۆتۈشۈپ، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ۋاقىت بولسا، ھەر كۈنى بىرنەچچە قېتىم كۆپرەك بېسىپ بەرسە بولىدۇ. 

    يېمەكلىك جەھەتتە، گۈلسامساق، ئاق مور، نەشپۈت قاتارلىق ئۆپكىنى سىلىقلاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، بىر قاچا ئىسسىق گۈلسامساق، ئاق مور ئۇمىچىنىڭ ئاشقازىنىڭىزغا كىرگەن چاغدىكى پۈتۈن بەدەن قىزىپ، ئۆپكە نەملەشكەن تۇيغۇ نېمىدېگەن ياخشى-ھە! 

    بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىلمىي مۇداپىئە كۆرۈش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش كېرەك. سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلغاندا، ماسكا تاقاش ئاچقۇچ. ئۇ ھاۋادىكى بۇلغىمىلار، چاڭ-توزان ۋە كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنى سۈزۈۋېلىپ، ئۆپكىنىڭ غىدىقلىنىشىنى ئازايتىدۇ. مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاپ ھەرىكەت قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. سەھەردە تېمپېراتۇرا تۆۋەن، ھاۋا سۈپىتى نىسبەتەن ناچار بولىدۇ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن كېيىن ياكى چۈشتىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشنى تاللاشقا بولىدۇ. بۇ چاغدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ، ھاۋا سۈپىتىمۇ نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ، ھەرىكەت قىلغاندا كىشىگە تېخىمۇ راھەتلىك ھېس قىلدۇرىدۇ.

    ھەرىكەت شەكلى جەھەتتە، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت، مەسىلەن: ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار يۈرەك، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىدۇ. لېكىن ھەرىكەتنى تەدرىجىي كۈچەيتىش، زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھەرىكەت قىلغاندا نەپەسلىنىش رىتىمىغا دىققەت قىلىش، ئامال بار بۇرۇن بىلەن نەپەس ئېلىپ، ئېغىزدىن نەپەس چىقىرىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ھاۋانى بۇرۇن بوشلۇقىدا ئالدىن قىزدۇرۇپ ۋە نەملەشتۈرۈپ، ئۆپكىنىڭ غىدىقلىنىشىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. 

   ئاخىرىدا كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، قىش پەسلىدە ئۆي ئىچى بىلەن سىرتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولىدۇ، نۇرغۇن كىشى ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئۇزاق ۋاقىت چىڭ تاقىۋالىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ، ئۆپكىگە پايدىسىز. شۇڭا، ھەر كۈنى قەرەللىك ھالدا دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، ھاۋانىڭ ساپلىقىنى ساقلاڭ، ئىشنى كۈندىلىك ئىنچىكە ھالقىلاردىن باشلاپ، ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، قىشتىكى خۇشاللىقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىڭ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.