− 2024 - يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇاڭ يۆ، دۇڭ بوتىڭ، ۋاڭ مىڭيۈ
2024 - يىلىنىڭ ئاخىرى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىلدى.
يىغىندا دىققەت يەنە بىر قېتىم ئىستىل قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، 2024 - يىللىق شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
«شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمى يەنىمۇ نامايان قىلىندى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، قىلچە بوشاشماي ئىستىلنى تۇتۇپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى مول نەتىجىلەر ۋە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ شەكىلۋازلىق ئىللەتلىرىنى تۈگىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇپ ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كەڭ كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسەتتى، يېتەكلەپ تۈرتكە بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى
2024 - يىلى 3 - ئايدا، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخىرلىشىپ بىر ھەپتە بولمايلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئالايىتەن يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
گاڭجۇڭپىڭ كەنتى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ھويلىسىدا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۇەن دېشى باش شۇجىغا ئۆزى بىۋاسىتە ھېس قىلغان ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلدى: «كەنت پارتىيە ياچېيكىمىزدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 38 ۋىۋىسكا بار ئىدى، ھازىر پەقەت 12سىلا قالدى».
ۋىۋىسكىنىڭ ئازىيىشى بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكى يېنىكلىدى. باش شۇجى بېشىنى لىڭشىتىپ مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، قوشۇنلارنى خىل، مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچام قىلىپ، بۇ خىزمەتنى ئۇزاققىچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك، دەپ ئېنىق تەلەپ قىلدى.
ھەربىر سۆز جاراڭلىق، ۋەزىنلىك بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىزچىل تۈردە شەكىلۋازلىقنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق تۈزەش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى كۈچلۈك غەيرىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.
ئۆتكەن بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا كۆپ قېتىم يېزا - كەنت، مەھەللە قاتارلىقلارغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلدى.
چۇڭچىڭدا مەھەللە مەلۇمات جەدۋىلىنى كۆرگەندە، چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، ھەممىلا ئىشنى ئاساسىي قاتلامغا يۈكلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قايسى خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشىدا مەسئۇلىيەت ئىش تۈرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك».
چىڭخەيدە ئۆگىنىش - تەربىيەسى توغرىسىدا توختالغاندا، ئەستايىدىللىق بىلەن مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك».
گەنسۇدا يۈكنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمىنى سورىغاندا، ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «پايدىلىق ئىشلارنى ياخشى قىلىش، ئەھمىيەتسىز كۈچ سەرپ قىلىشنى ئازايتىشتا يۇقىرى - تۆۋەن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ».
...
باش شۇجى شى جىنپىڭ جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىىسىدا قايتا - قايتا يۆنىلىش كۆرسەتتى، يولنى ئايدىڭلاشتۇردى، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2024 - يىلى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئىسلاھات يېڭى سەھىپىسىنى يەنە ئاچتى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئاچقۇچلۇق بىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى.
ئاچقۇچلۇق يىلدا ئاچقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنداق تەكىتلىدى.
ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، خىرىس قانچە كەسكىن بولغانسېرى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنىڭ قوغدىشى شۇنچە زۆرۈر، مىخ قېقىش روھى بىلەن شەكىلۋازلىقنى سىجىل تۈزەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شۇنچە زۆرۈر.
ساختىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش.
بۇ بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ باھالاش - تەكشۈرۈش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مۇرەككەپ بولۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇش، «بېزەش شامىلى» ئاساسىي قاتلامغا يامراش، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىۋېلىپ «كۆل قېزىپ مەنزىرە بەرپا قىلىش»نى تۈزەش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، شەكىلۋازلىقنى سىجىل تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك ۋە مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولۇشنىڭ مەنبەسى نەزەرىيە جەھەتتە سەگەك بولۇشتا.
بۇ بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلاردا، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدا مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك»؛
«توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، شەكىلۋازلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك»؛
«راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەرگە ئىپادە بىلدۈرۈشكە بېرىلىپ كېتىدىغان، تۆۋەندىكىلەرگە مەسئۇل بولمايدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئويلاشمايدىغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك»؛
...
بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلىدى، سۆزلىرى مەردانە ۋە جاراڭلىق بولدى. بىر قاتار مۇھىم بايانلاردا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەكىلۋازلىق ئىللەتلىرىنى يىپىدىن - يىڭنىسىگىچە بىلىدىغانلىقى، شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە بولغان چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشى، يىراقنى كۆرەرلىكى نامايان قىلىندى.
ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا خەلقنىڭ ئارزۇسى.
ئېتىز - ئېرىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلدى، مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، مائارىپ تەرەققىياتىنى قەلبىگە پۈكتى، سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلدى ... باش شۇجى شى جىنپىڭ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولۇش سەپىرىدە، خەلق ئاممىسى ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق رايىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولدى.
2024 - يىلى كەچ كۈز مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جەنۇب سەپىرىدە خۇبېيغا باردى. شيەننىڭ شەھىرى جيايۈ ناھىيەسىنىڭ پەنجياۋەن بازىرى سىيى كەنتى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، تامغا چاپلانغان «ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىش تۈرلىرى تىزىملىكى» باش شۇجىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
«ئىلگىرى ئاممىنىڭ ئىش قىلىشى كۆپرەك تەلەپ قىلىناتتى، ھازىر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاممىغا كۆپرەك ئىش بېجىرىپ بېرىدىغان، مۇلازىمەت قىلىدىغان بولدى، بۇ بىر تۈپ ئۆزگىرىش.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى سىجىل يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك».
بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنى قەلبىگە پۈكۈپ، كادىرلارغا كۆيۈنۈپ، ئىستىلنى چىڭ تۇتۇپ، كونا ئىللەتلەرنى كۈچەپ تۈگىتىپ، شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئاساسىي قاتلامنى چۈشەكتىن بوشىتىپ، يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان، كادىرلارنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئەمەلىي ئىشلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق تىكلىدى.
ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، قاتتىق ۋە ئەمەلىي بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ ماھىيەتتىن تۈزەشكە قاراپ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولدى
2024 - يىلى 8 - ئايدا، مەركەز قاتلىمىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىنىدا مۇنداق روشەن سىگنال قويۇپ بېرىلدى: «ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق بولۇش تەلىپى ئارقىلىق شەكىلۋازلىقنى سىجىل تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك».
قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشتىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تۈزىتىشكىچە، ئىدىيەۋى تەربىيەگىچە... بىر يىلدىن بۇيان، مەركەز قاتلىمىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قويۇۋەتمەي قاتتىق تۇتۇپ، بوشاشماي دائىم تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارارى»دا «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك» دەپ ئېنىق تەلەپ قىلىندى.
2024 - يىلى 8 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە»نى بېسىپ تارقىتىپ، تۇنجى قېتىم پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى شەكلىدە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان تۈزۈم قائىدىسىنى تۈزۈپ ئېلان قىلدى.
كىچىك ئەقىل بىلەن كونكرېت، ئاددىي ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، چوڭ ئەقىل بىلەن تۈزۈم ئورنىتىپ ئېقىمغا يېتەكچىلىك قىلغىلى، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلىغىلى بولىدۇ.
يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»دا «ھۆججەتنى ئىخچاملاش، يىغىننى ئازايتىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈگىمەس ھۆججەت تارقىتىپ، ئۈزۈلمەس يىغىنلارنى ئېچىش» «نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەردە قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش، ئىز قالدۇرۇشقا زىيادە بېرىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىش» قاتارلىق قىلمىشلار جازالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى؛ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ «يۈكنى يېنىكلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» قىسمىدا، مەھەللە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت ئىشلىرى، مېخانىزم ۋىۋىسكىسى ۋە ئىسپات ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئۇزاق مەزگىللىك پىلان تۈزۈش، ئاساسنى كۆزلەش.
ئۆتكەن بىر يىلدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، ئۈنۈملۈك تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى مۇقىملاشتۇرۇپ تۈزۈم قائىدىسىگە كۆتۈرۈپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تولۇق ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە يېنىكلىتىشكە تېگىشلىك يۈكنى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
2024 - يىلى 11 - ئايدا، مەركەز قاتلىمىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ئىشخانىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بىرلىكتە شۇ يىلى 5 - تۈركۈمدىكى شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تىپىك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى.
ئاپەتنى تۈگىتىشكە ماھىر كىشى ئاۋۋال ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ تاپىدۇ، كېسەلنى داۋالاشقا ماھىر كىشى ئاۋۋال كېسەلنىڭ مەنبەسىنى تۈگىتىدۇ. شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە، جەزمەن ئۇنىڭ ئىدىيە تۈگۈنىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش كېرەك.
2024 - يىلى 4 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلدى، ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دەل يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» بولدى.
بۇنىڭغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: «باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، شەكىلۋازلىقنى سىجىل تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك».
ئاساسنى پۇختىلاپ قۇۋۋەتنى توپلىغاندىلا، روھ ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.
بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى شەكىلۋازلىقنى سىجىل تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئارقىلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.
چۈشەكتىن بوشىتىش ئارقىلىق كۈچ قوشۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى
2024 - يىلى شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك، ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر يىل بولدى.
ئاچقۇچلۇق پەيتنى دەل جايىدا تېپىپ، نىشانلىق تۈزەشنى يولغا قويۇش، ماھىيەتتىن تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا كۈچ قوشۇش، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، روھنى ئۇرغۇتۇش... ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۈكنى يېنىكلىتىش بىلەن كۈچ قوشۇشقا ماس قەدەمدە كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۈكنى يېنىكلىتىش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جۇشقۇنلۇقىنى ئۇرغۇتتى.
ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى −
«ئىلگىرى مەھەللە ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ھەر خىل ۋىۋىسكىلار ئېسىلغان بولۇپ، ئىش بېجىرگىلى كەلگەندە قايسى ئىشخانىغا بارساق ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيتتۇق. ھازىر ئىشىك ئالدىدىكى ۋىۋىسكىلار ئازايدى، بىز ئىش بېجىرگەندە بىۋاسىتە زالغا بارساقلا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈتۈۋالىدىغان ئادەم بار.» نەنجىڭ شەھىرى پۇكوۋ رايونىنىڭ چياۋلىن كوچا باشقارمىسى بەيخې مەھەللىسى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، ئاھالە ۋاڭ جۈندې خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر ئىش بېجىرىش كۆپ قولايلاشتى.
بۇ، جياڭسۇنىڭ دىققەتنى كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلاردىكى شەكىلۋازلىقنى تۈزەشكە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. دىققەت «ۋىۋىسكا ئېسىشتىكى قالايمىقان ئەھۋاللار»دىن ئىبارەت بۇ گەۋدىلىك مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئارقىلىق مەسىلە تۈزىتىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى چىگىش ئىشلار تۈگىتىلىپ، يۈك يېنىكلىتىلىپ، يەڭگىل جابدۇنۇپ ئاتلىنىشقا كۈچ قوشۇلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، بىرنى بايقىسا بىرنى تۈزەش كېرەك؛ بەلگىلىك تىپىكلىككە، ئومۇمىيلىققا ئىگە مەسىلىلەرگە قارىتا، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مەخسۇس تۈزەش ۋە ئېنىقلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك.
ئاساسىي قاتلامدىكى «ئاغرىق نۇقتا» دەل تۈزەشتىكى «نىشان». بۇيرۇق تاغدەك مۇستەھكەم، مەركەز قاتلىمىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)نىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.
گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، ئىستىلدىكى ئىللەتلەرگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى دادىل ئىشلەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يۈكنى تاشلاپ ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ كۈچ قوشۇش ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ جاسارەت ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى −
«بىر توردا بىرتۇتاش باشقۇرۇش» «بىر جەدۋەلدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشتىن مەمۇرىي ئىشتات جەھەتتە «يۇقىرىنىڭكىنى ئازايتىپ تۆۋەننىڭكىنى تولۇقلاش» سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كۈچىنى تولۇقلاشقىچە؛ كادىرلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)لارنىڭ «پۇشتەك چېلىپ» ئورۇنلاشتۇرۇش ھوقۇقى، تەكشۈرۈپ باھالاش ھوقۇقى، كادىرلار ئىشلىرى بويىچە تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى داۋامىدىكى «سۆز ھوقۇقى»نى كۈچەيتىشكىچە... ئۆتكەن بىر يىلدا، بىر قاتار تەدبىرلەر ئاساسىي قاتلامغا كۈچ قوشۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ جاسارەتكە ۋە ئىشەنچكە ئىگە قىلىپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق روھنى ئۇرغۇتتى، كۈرەش ئىرادىسىنى قوزغاتتى.
ھەقىقەت ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش جەريانىدا، ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىش، ئاساسىي قاتلامغا غەمخورلۇق قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت خىزمەت يۆنىلىشى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سىجىل كۈچەيتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ سىياسەت، بايلىق ۋە كۈچ ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈلۈپ، ھوقۇقنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ كۈچ قوشۇش ئۈنۈمىنى تەدرىجىي گەۋدىلەندۈرۈش، ئاساسىي قاتلامدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىلدى.
ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ.
سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئىدىيەۋى ئۇلنى مۇستەھكەملەش، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش... يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، پەقەت سىجىل كۈچەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، ئاندىن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تولۇپ تاشقان روھىي قىياپەت، پۇختا خىزمەت ئىستىلى بىلەن، پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ خىزمەتكە ئاتلىنىپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
2025 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. ئېغىر ۋەزىپە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرماقتا، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، سالماقنى كېمەيتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، قىلچە توختاپ قالماي شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش جەزمەن كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىق كۈچى بىلەن، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)