يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۆت ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى، كۆپ پەن ساھەسىدىكى بوش قالغان ئىش ئورۇنلىرىغا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلماقچى، ئېھتىياجى بار خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر، دەرھال كېلىپ كۆرۈپ بېقىڭلار، كۆڭلۈڭلاردىكىدەك ئىش ئورنى بارمۇ- يوق!
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8- ئوتتۇرا مەكتەپ
1. تەكلىپ قىلىدىغان ئىش ئورنى
تىل- ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئىنگلىز تىلى، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە، تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، ئۇچۇر تېخنىكىسى، ھەممىباب تېخنىكا، پىسخىكا ساغلاملىقى
2. تەكلىپ قىلىدىغان ئوبيېكتلار
ئاسپىرانتلىقتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، يېشى 35 ياشتىن تۆۋەنلەر. ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېشى 45 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك، ئالاھىدە مۇنەۋۋەرلەرگە شەرت مۇۋاپىق كەڭرەك قويۇۋېتىلىدۇ.
3. ئىش ئورنى تەلىپى
بىرىنچى، سىياسىي ئىدىيەۋى ساپاسى ياخشى، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان، جازالانمىغان، ئەخلاقى دۇرۇس، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام، مائارىپنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان بولۇشى كېرەك.
ئىككىنچى، پۇتۇڭخۇا 2- دەرىجە B ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەگە ئېرىشكەن بولۇش، ياخشى تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى بولۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، مۇناسىپ پەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى بولۇشى كېرەك.
4. تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇسۇلى
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلىپ تىزىملىتىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇڭ (قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى تەييارلاپ قويۇڭ)

ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 0991- 2610700 ،2648227 ،2614589، 3250158
5. تەكلىپ قىلىش تەرتىپى
1. قىسقىچە تەرجىمىھال توپلاش ھەم مەكتەپ تەكشۈرۈش باسقۇچى
مەكتەپ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تەكلىپ قىلىش ئۇسۇلى بويىچە قاتتىق تەكشۈرىدۇ.
2. باھالاش باسقۇچى
مەكتەپ تېلېفون بېرىش شەكلى ئارقىلىق قىسقىچە تەرجىمىھالى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىپ كەسپىي باھالاش ۋە يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىشىنى ئۇقتۇرىدۇ. باھالاش مەزمۇنى پەنگە ئالاقىدار بىلىملەردىن يېزىقچە ئىمتىھان، يۈزتۇرا ئىمتىھان، بۆلەك دەرسى بويىچە سىناق تەرىقىسىدە دەرس ئۆتۈش قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قەغەز نۇسخىدىكى قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئېلىپ، ئۇقتۇرۇشتىكى ۋاقىت، ئورۇن بويىچە تەكلىپ قىلىش باھالىشىغا قاتنىشىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12- ئوتتۇرا مەكتەپ
1. تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرى
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىككى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بىر، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى بىر، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىيولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى بىر، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى بىر؛ تولۇق ئوتتۇرا تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بىر؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىياسەت ئوقۇتقۇچىسى بىر.
2. تەكلىپ قىلىدىغان ئوبيېكتلار
2025- يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇغان سىفەن ئوقۇغۇچىلىرى ياكى ئالىي مەكتەپ ئاسپىرانتلىرى. سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم، كەسپىي بىلىم ماھارىتى پۇختا، تېنى ساغلام، مۇناسىپ ئوقۇش باسقۇچىدىكى پەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
3. تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇسۇلى
تىزىملىتىش تور ئادرېسى: https://www.wjx.cn/vm/eHybqOn.aspx
1- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن بۇرۇن تىزىملىتىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇڭ.
4. تەكلىپ قىلىش تەرتىپى
مەكتەپ تەكشۈرۈش باسقۇچى: مەكتەپ تىزىملىتىش ئۇچۇرى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تەكلىپ قىلىش ئۇسۇلى بويىچە تەكشۈرىدۇ.
باھالاش باسقۇچى: مەكتەپ تېلېفون بېرىش شەكلى ئارقىلىق قىسقىچە تەرجىمىھالى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلارغا مەكتەپكە كېلىپ كەسپىي باھالاش ۋە يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرىدۇ. شۇ ۋاقىتتا قەغەز نۇسخىدىكى قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئېلىپ ئۇقتۇرۇش ۋاقتى ۋە ئورنى بويىچە تەكلىپ قىلىش باھالىشىغا قاتنىشىشى كېرەك.
نەتىجە ئۇقتۇرۇشى: كەسپىي باھالاش ۋە يۈزتۇرا ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تېلېفون بېرىش شەكلى ئارقىلىق تەكلىپ قىلىش نەتىجىسىنى ئۇقتۇرىدۇ.
كېلىشىم ئىمزالاش: تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلەر مەكتەپ بىلەن يۈزتۇرا سۆزلىشىدۇ ھەم ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى ئىمزالايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 7- ئوتتۇرا مەكتەپ
1. تەكلىپ قىلىدىغان ئىش ئورنى
تىل- ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئىنگلىز تىلى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى
2. ئاساسىي شەرتلەر
بىرىنچى، ئوقۇش تارىخى تەلىپى: تولۇق كۇرس ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش.
ئىككىنچى، ياش چەكلىمىسى: ئادەتتىكى تەكلىپ قىلىنغۇچىلارنىڭ يېشى 35 ياشتىن تۆۋەن بولۇش؛ ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېشى 45 ياشتىن تۆۋەن بولۇش؛ ئالاھىدە مۇنەۋۋەرلەرگگ شەرت مۇۋاپىق كەڭ قويۇۋېتىلىدۇ.
3. ئىش ئورنى تەلىپى
بىرىنچى، سىياسىي ئىدىيىۋى ساپاسى ياخشى، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان، جازالانمىغان، ئەخلاقى دۇرۇس، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام، مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالايدىغان بولۇش.
ئىككىنچى، پۇتۇڭخۇا 2- دەرىجە B ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۆلچەمگە يەتكەن بولۇش، ياخشى تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇش.
ئۈچىنچى، مۇناسىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى بولۇش.
4. مائاش تەمىناتى
مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنى ياتاق بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەكتەپتە بوش ئىشتات چىقسا، ئەلالىرىنى تاللاپ ئىمتىھان بېرىپ ئىشتاتقا كىرگۈزىدۇ.
5. تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇسۇلى
شەخسىي قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىزنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى پوچتا ساندۇقلىرىغا ئەۋەتىڭ:
تىل- ئەدەبىيات: 1610643619 @ qq.com
ماتىماتىكا: 723112955 @ qq.com
ئىنگلىز تىلى: 1508868493 @ qq.com
تەنتەربىيە: 285549732 @ qq.com
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 8872067 - 0991، 13565859820
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 41- ئوتتۇرا مەكتەپ
1. تەكلىپ قىلىدىغان ئىش ئورنى
تىل- ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، بىيولوگىيە، پىسخىكا، تەنتەربىيە، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت (تەبىئىي پەن تۈرىدىكى كەسىپلەر)، مەكتەپ دوختۇرى (مېدىتسىناغا ئالاقىدار كەسىپلەر).
2. تەكلىپ قىلىدىغان ئوبيېكتلار
2025- يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇغان سىفەن ئوقۇغۇچىلىرى، ئاسپىرانتلار، خىزمەتتىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار.
3. ئىش ئورنى تەلىپى
بىرىنچى، سىياسىي ئىدىيەۋى ساپاسى ياخشى، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان، جازالانمىغان، ئەخلاقى دۇرۇس، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام، مائارىپنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان بولۇش.
ئىككىنچى، پۇتۇڭخۇا 2- دەرىجە B ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەگە ئېرىشكەن بولۇش، ياخشى تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى بولۇش.
ئۈچىنچى، مۇناسىپ پەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى بولۇش.
4. قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئەۋەتىش
مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: ۋاڭ مۇئەللىم 13565860077
ئېلېكترونلۇق پوچتا ساندۇقى: wlmqs41zx @ 126.com (ھۆججەت نامى شەكلى: ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتەپ + كەسىپ + ئوقۇش تارىخى + ئىسىم- فامىلىسى)
مەكتەپ ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى نەنچاڭ يولى شىمالىي 2-كوچا 158- نومۇر
ئەسكەرتىش: تەكلىپ قىلىشتا ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، ھەر قانداق ئۇچۇر مەكتەپنىڭ تېلېفون ئارقىلىق ئۇقتۇرۇشىنى ئۆلچەم قىلىدۇ.