
1-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدىكى ۋېيلەي يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا سارىيى يېشىللىققا تولغان بولۇپ، خىزمەتچى خادىملار كۆكتات رەتلەش بىلەن ئالدىراش ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تۆت پەسىلدە ئۆستۈرۈش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك پەرۋىش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى يەنە يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەت، تەتقىقات-ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، بىر قاتار يېزا ئىگىلىك ساياھىتى ۋە تەتقىقات-ئۆگىنىش تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.
(ئىختىيارىي مۇخبىر تاۋ ۋېيمىڭ)

خىزمەتچى خادىملار كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

خىزمەتچى خادىملار ئالدىراش شوخلا ئۈزمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى