تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى تەشكىللەپ، قىشلىق تەتىلدە توردا 12 مەيدان خادىم تەكلىپ قىلىش مەخسۇس پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ

    ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىل كۆزنەك مەزگىلىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنى 2025-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، «قىشلىق تەتىلدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەلبلەرنى ئىللىتىش ھەرىكىتى»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.

   ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، دۆلەت داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى 12 مەيدان نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ توردا خادىم قوبۇل قىلىش مەخسۇس پائالىيىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە ئاممىۋى پاراۋانلىقى فوندى «ئۇلۇغۋار ئىرادە بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىشقا ياردەم بېرىش پىلانى» مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش تور سۇپىسى توردا تەربىيەلەش دەرسلىكىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ.

   ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «ئالاقە تورى + ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش» ئاممىۋى پاراۋانلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش دەرسى قاتارلىق بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى كەسىپ پىلانلاش مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشىگە بىرلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش، قىسقىچە تەرجىمىھال تەييارلاش، يۈزتۇرا ئىمتىھانغا يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەت ئىزدەش ماھارىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قاراتمىلىق  ھالدا «بۇلۇت دەرسخانىسى»، «بۇلۇت يېتەكچىلىكى» بىلەن تەمىنلەيدۇ. قىشلىق تەتىلدە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىپ يۇرتىغا قايتىش كۆزنەك مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، پەن-تېخنىكا باغچە رايونى، پىراكتىكا بازىسى، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ پىراكتىكا ئەمەلىيىتى، جەمئىيەتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا پائال تەشكىللەيدۇ. (مۇخبىر دىڭ ياسۇڭ).

مەنبە: «خەلق گېزىتى» (2025-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى  13-بەت)

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.