تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چېۋەر قوللاردا بېزەك بۇيۇملارنى توقۇپ، قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش

   1-ئاينىڭ 7-كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى تاقۇت كەنتىگە جايلاشقان قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاتۇش ۋېنرۇن قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ئىشچىلار باھار بايرىمىلىق بېزەك بۇيۇملارنى توقۇش بىلەن ئالدىراش بولدى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەر كۈنى 100دىن ئارتۇق باھار بايرىمىلىق بېزەك بۇيۇمى پىششىقلايدۇ، باھار بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ لىن

بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى «پارتىيە ياچېيكىسى + شىركەت + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەنتتىكى ئون كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ كوپىراتىپ پىششىقلىغان باھار بايرىمىلىق بېزەك بۇيۇملار.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.