تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

كۆركەم شىنجاڭ تاغلىرى | قىشتىكى نارات قار بىلەن سىزىلغان خىيالىي تۈسكە تولغان مەنزىل

    1-ئاينىڭ 9-كۈنى، بىر مەيدان قاردىن كېيىن، نارات يايلىقى خۇددى تەبىئەت كۆڭۈل قويۇپ ئويۇپ ياسىغان قار-مۇزدىكى سىرلىق مەنزىلگە ئوخشاپ قالغان بولۇپ، كۈمۈش لىباس كىيىپ، جىمجىتلىققا ۋە ساپلىققا تولغانىدى. قاتار-قاتار دەرەخلەر خۇددى ئاپئاق لىباس ئارتىۋالغاندەك، مەرۋايىتتەك پارقىراپ، تەبىئەت سوۋغا قىلغان ئاق رەڭلىك كىمخاب تونغا ئوخشايتتى، خۇددى قىروۋ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغاندەك، ھەر بىر سۇڭ يەر قىشنىڭ رومانتىكلىقى ۋە شېئىرىي تۈسىنى نامايان قىلاتتى. چەكسىز ئاپئاق قارلىق دالىدا، دەل-دەرەخلەرنىڭ سايىسى خۇددى تۇپراققا يېيىلغان بىر پارچە سىياھ يۆگىمە رەسىمگە ئوخشاش كىشىنى خىيالىي تۇيغۇغا ئېلىپ كىرەتتى. بۇ قار-مۇز دۇنياسىدا چارۋىچىلارنىڭ قىشلىق تۇرالغۇسى تولىمۇ چىرايلىق زىننەتلىنىپ، بۇ جىمجىتلىققا تولغان ئاق رەڭلىك تۇپراققا قاينام-تاشقىنلىققا تولغان تۇرمۇشنىڭ ئىللىقلىقى ۋە جانلىقلىقى قوشۇلغانىدى. 

(كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جاڭ ۋېنتىڭ، لى جىنۋېي، شياۋ يىخۇڭ)      

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.