تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى ساقچى تۈرلىرى پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمىنى تەبرىكلىدى

1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شىخو شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى سەپەرگە چىقىش قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلماقتا. □ لى رېنشى فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۈي يۈنيەن، ۋاڭ نا، ياڭ شۇخەن

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى ساقچى تۈرلىرى پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، 5 - قېتىملىق جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمىنى تەبرىكلەپ، پۈتۈن ساقچىلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇشتەك جاراڭلىق قەسىمىنى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن ئەمەلدە كۆرسەتتى.

1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى 5 - قېتىملىق جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ساقچى بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، 2024 - يىللىق شىنجاڭ گۇڭئەن خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرى، يارقىن نۇقتىلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، 2024 - يىللىق شىنجاڭدىكى «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى»نى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى ھەم 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە گۇڭئەن ئورگانلىرىدا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان 100 ياردەمچى ساقچىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلەپ، گۇڭئەن قوشۇنىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئۇرغۇتتى. ھەرقايسى جايلاردىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى ساقچى بايرىقى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش، ساقچى گازارمىسىنى ئېچىۋېتىش كۈنى، شەرەپ بىلەن پېنسىيەگە چىقىش مۇراسىمى ۋە مول، رەڭدار مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، ساقچىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

يېقىندا، شىنجاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى «ساقچىلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنۈپ ساداقەتنى تاۋلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ تىنچ - ئامانلىقنى قوغداش»نى باش تېما قىلىپ، 5 - قېتىملىق جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمىنى تەبرىكلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى ساقچى بايرىقى بېرىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى تەكرارلاش ئارقىلىق، نازارەت ئورگىنى ھەرقايسى جايلاردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىلەن ماس قەدەمدە ساقچى بايرىقى ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلگەن خەلق ساقچىلىرىغا ساقچى ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى ۋە خەلق ساقچىلىرىنىڭ شەرەپ بىلەن پېنسىيەگە چىقىش مۇراسىمىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان كادىر - ساقچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنى يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەڭ كادىر - ساقچىلارنى غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، سادىق ساقچى روھىنى مۇستەھكەملەپ، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى «ساقچىلار بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋېلىش ۋە قىشلىق دالا مەشىقى» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئۇنىڭغا كىرىشتۈرۈپ تاكتىكا مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. بارلىق كادىر - ساقچىلار قەھرىتان سوغۇققا، قېلىن قارغا قارىماي، جاپاغا ئالاھىدە چىدايدىغان، ئالاھىدە كۈرەش قىلالايدىغان، ئىنتىزامغا ئالاھىدە رىئايە قىلىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئېسىل ئىستىلنى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەيسەر ئىرادىسى ئارقىلىق قانۇن يۈرگۈزۈش ساقچىلىرىنىڭ سادىقلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

ساقچى روھىنى يەنىمۇ تاۋلاپ، ساقچى قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ساقچىلىرىنىڭ كەسپىي شەرەپ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قەشقەر شۆبە مەھكىمىسى قانۇن يۈرگۈزۈش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتى ۋىلايەت بويىچە 12 ناھىيە، شەھەردىكى قانۇن يۈرگۈزۈش ساقچىلىرىنى تەشكىللەپ، يۈرۈشلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ساقچىلار بايرىمىغا سوۋغا تەقدىم قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە، زەھەر تاشلاتقۇزۇش سىستېمىسىدىكى ئورۇنلار دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى، ساقچىلار قوشۇنىغا كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش قاتارلىق مول، رەڭدار پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەربىر كادىر - ساقچىنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق تۈردە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق 5 - قېتىملىق جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمىنى تەبرىكلەپ، بارلىق خەلق ساقچىلىرىنى تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغدىغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئۈرۈمچى تۆمۈريول گۇڭئەن ئىدارىسى ھەم ھەرقايسى گۇڭئەن باشقارمىلىرى پارتىيەگە كىرىش، ساقچىلار قوشۇنىغا كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش، ساقچى بايرىقى ئالدىدا قەسەم بېرىش، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، ساقچى گازارمىسىنى ئېچىۋېتىش كۈنى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ساقچىلار بايرىمىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش، تۆمۈريول ساقچىلىرىنىڭ ساداقىتىنى تاۋلاش» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنى گۇڭئەن خىزمىتى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ كادىرلار ۋە خەلق ساقچىلىرىنى پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان دەۋر بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشقا يەنىمۇ ئىلھاملاندۇردى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى 2024 - يىلى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەن، مۇكاپاتلانغان ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى، «كىتاب ئوقۇپ ساقچى گازارمىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، يېڭى ساقچىلارنى ساقچىلار قوشۇنىغا كىرىش قەسىمى بېرىشكە، بارلىق خەلق ساقچىلىرىنى خەلق ساقچىلىرى قەسىمىنى تەكرارلاشقا تەشكىللىدى. ئائىلە تەۋەلىرىنى ساقچى گازارمىسىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلىپ، «ساقچىلارنى غەمدىن خالاس قىلىش، ساقچىلار قەلبىنى ئىللىتىش، ساقچىلار كۈچىنى مۇجەسسەملەش» بويىچە خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار ئائىلە تەۋەلىرى سۆھبەت يىغىنىنى قانات يايدۇرۇپ، بارلىق خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنىڭ كەسپىي شەرەپ تۇيغۇسى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.