تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ھەر مىللەت ئاممىنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەيمەن

شۈ مىن:

​ھەر مىللەت ئاممىنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەيمەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي

بۇ مەزگىلدە، شۈ مىن ئادەتتىكىدىن بەكرەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ پات - پات كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە كىرىپ، باقمىچىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە قىيىن ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا سۇنۇلىدىغان تەكلىپلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. بۇ يىل، ئۇ شىنجاڭنىڭ قويچىلىق كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا قاتارلىق تەكلىپلەرنى تەييارلىدى.

شۈ مىن ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ چىشىڭ چياڭدۇ گۇرۇھى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى. 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مۇخبىرغا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھېكايىسىنى بايان قىلغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەر مىللەت ئاممىنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەش كارخانىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى».

چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ۋاششەرى بازىرى تاشساي كەنتى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش كەنتى بولۇپ، قانداق قىلغاندا كەنت ئاھالىلىرىنى «ئىش قىلالايدىغان، مۇقىم ئولتۇراقلىشالايدىغان، بېيىيالايدىغان» بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بىر مەھەل جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى.

شۈ مىن بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، تاشساي كەنتىگە نىشانلىق يار - يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. «كارخانا + دېھقان ئائىلىسى + بازا» مەنپەئىتىنى باغلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، چىشىڭ چياڭدۇ گۇرۇھى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن يەر ئوبوروتى ئىجارە كېلىشىمى ئىمزالاپ، 4800 مو قاقاس يەر، يېرىم قاقاس يەرنى بىرىكتۈرۈپ ئوبوروت قىلدى ھەم مەبلەغ سېلىپ تۇپراقنى ياخشىلاپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇپ ياكى ئۆزگەرتىپ، كەسپىي يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىنى يەرنى بىرتۇتاش تېرىش، باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ھەر يىلى ئىجارە ھەققى تۆلىگەندىن باشقا، شىركەت يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى چىلان دەرىخىنى پەرۋىش قىلىش، ئاشلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش ۋە جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئېتىزىنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەكلىپ قىلدى.

«يەر ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن، يەر ئوبوروت پۇلىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە شىركەتنىڭ تېرىقچىلىق بازىسىدا ئىشلىيەلەيدىغان بولدۇق.» تاشساي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەنۋەر ناسىر مۇنداق دېدى: مەن بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغاچ، بىر تەرەپتىن تېرىقچىلىق، باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، پادىچىدىن تېرىقچىلىق ماھىرىغا ئايلاندىم، ھازىر يېڭى ئۆي، يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالدىم، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلاندى.

«كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشتۇق، بىر مەقسەتتە قول تۇتۇشتۇق، تۇرمۇشىمىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ» شۈ مىننىڭ قارىشىچە، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى ئىكەن.

ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شۈ مىن دائىم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» قاتارلىق تۈرلۈك بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، ھەر قېتىملىق جۇڭچيۇ بايرىمى، قۇربان ھېيت قاتارلىق بايراملاردا ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ. «بۇ يەردە خىزمەت قىلىش ناھايىتى كۆڭۈللۈك، چوڭ - كىچىك بايراملارنىڭ ھەممىسىدە شىركەت تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.» شىركەت خىزمەتچىسى روزى نەمتۇل مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىلگىرىلەپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ كەتتۇق.

شۈ مىن مۇنداق دېدى: «مەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز مەسئۇلىيىتىم قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئۈمىد دالىلىرىدا يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.