تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە بەدەل پۇلىدىن خىراجەت ئاجراتتى يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلارنى يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراشقا ئىشلىتىلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پارتىيە بەدەل پۇلىدىن ئاجرىتىلغان بەدەل پۇلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن باشقۇرۇۋاتقان پارتىيە بەدەل پۇلىدىن جەمئىي 19 مىليون 929 مىڭ 200 يۈەننى ئاجراتتى، بۇ خىراجەت 2025 - يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلارنى يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى مۇنداق ئايدىڭلاشتۇردى: تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، چوڭقۇر يوقلاپ، ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ، ئېگىزلىكتىكى سوغۇق رايون قاتارلىق شارائىتى جاپالىق رايونلاردا ۋە مۇقىملىقنى قوغداش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، تۈرلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى زىممىگە ئېلىپ بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە كۆيۈنۈش كېرەك. «1 - ئىيۇل ئوردېنى»، دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئالاقىدار تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يوقلاش، ھال سوراش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، يار - يۆلەك بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يوقلاش، ھال سوراش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، نورمال ۋەزىپىدىن ئايرىلغان كەنت (مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىلىرى، كەنت (ئاھالە) ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىرى ھەمدە كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىش، يار - يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر، ۋەيمەي تەقسىملەپ يەتكۈزگۈچىلەر، توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى قاتارلىق يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىدىكى پارتىيە ئەزالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. يوقلاش، ھال سوراشقا بىرلەشتۈرۈپ، بايرام مەزگىلىدە ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇش، زىددىيەت، ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار يوقلاش، ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، چىن كۆڭلىدىن ئۇلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ ۋە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىغا يەتكۈزۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات تارماقلىرى ئىنچىكە ھېسابلاپ، مەبلەغنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس پۇلنى مەخسۇس ئىشقا ئىشلىتىپ، باھار بايرىمىدىن بۇرۇن ھال سوراش پۇلىنى ھال سوراش ئوبيېكتلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.