تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

​− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (3)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇشتىكى قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، قايتا يولغا چىقىش.

«14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىلغا قەدەم قويغاندا، قانداق قىلغاندا بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقىلى، ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

دەل جايىدا كۈچەش، توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاش

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىلدى، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپى تېز بەرپا قىلىندى...

2024 - يىلى، شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى تۇتقا قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى، تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىسلاھات پىكىر يولى ۋە چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شىجۈن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەت لايىھەسى (2025 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە)» بېسىپ تارقىتىلدى. لايىھەگە ئاساسەن، بۇ يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە 13 چوڭ ھەرىكەتنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تىرىشىپ بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، تۈرتكە بولىدۇ.

ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە بۇ 13 چوڭ ھەرىكەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشۋىق - تەربىيەنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامما ياقتۇرىدىغان بىر تۈركۈم ناخشا، ئۇسسۇل، شىچۈ تىياتىرى قاتارلىق شەكلى كۆپ خىل بولغان سەھنە نومۇرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرىمىز» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى تۇرسۇنجان ئابدۇللا.

پۈتۈن شىنجاڭنى بىر تاختا شاھمات دېسەك، جەنۇبىي شىنجاڭ «شاھمات كۆزى». جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قانداق تۈرتكە بولۇش كېرەك؟ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رايون ئىقتىسادى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جېڭ جيې مۇنداق بىلدۈردى: كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، تۈرلۈك بايلىق كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈشنى نىشان قىلىپ، رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادى ۋە بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بەرپا قىلىمىز.

سىستېمىلىق پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش

دىققەتنى يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش، دىققەتنى تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈش، دىققەتنى مەدەنىيەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش، دىققەتنى خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈش، دىققەتنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا مەركەزلەشتۈرۈش، دىققەتنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش... شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈردى.

ئىسلاھات بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش، ئىلمىي ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دىققەتنى ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ بۇ يىللىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ياخشى پىلانلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىدۇ.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يەنىلا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.

«بۇ يىل باج مەنبەسى، مالىيە مەنبەسىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سىياسەت ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە قاراپ تېز ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر خاۋ لېي مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، مالىيە بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلار، يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مالىيە كۈچى سېلىنمىسىنى يەنىمۇ زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يەنىلا نۇرغۇن ئىسلاھات ۋەزىپىسى، مەسىلىسىنى جىددىي ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

دىققەتنى خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر يۈ ئەيپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل داۋالاش - ساقلىق ساقلاش جەھەتتە ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دەرىجە بويىچە داۋالاش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرخىل شەكىلدىكى داۋالاش بىرلەشمىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇش، زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئاساسىي داۋالىنىش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىمىز.

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، قۇۋۋەتنى قوزغىتىش

«ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى ئىلمىي، سىستېمىلىق پىلانلاش، تېبابەت - دورىگەرلىك، مۇھىت قوغداش، ئۆلچەم بويىچە بېكىتىش قاتارلىق كەسىپلەشكەن كەسىپ شىركەتلىرىنى تەشكىللەپ قۇرۇش ۋە تەسىس قىلىش، تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭدا تولۇق كۇرس مائارىپى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرىش» ئىسلاھاتىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىش...

ئىسلاھاتتا ھالقىلىق بىر قەدەم بېسىلسا، تەرەققىياتتا پۈتكۈل ۋەزىيەت جانلىنىدۇ. تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قۇۋۋىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قويۇپ بېرىلدى.

«بۇ يىل رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى چاڭشيۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىر پۈتۈن لايىھەلەش ۋە سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىشقا كۈچەپ، رەقەملىك پارتىيە قۇرۇلۇشى، رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى، رەقەملىك ئىقتىساد، رەقەملىك جەمئىيەت، رەقەملىك مەدەنىيەت ۋە تىنچ - ئامان شىنجاڭدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ سۇپا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىمىز.

ئورۇنلاشتۇرما بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. قانداق قىلغاندا ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن ئىسلاھات نىشانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟

قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى قومۇلغا يۈكلىگەن «بىر نەمۇنە، ئىككى ئۈلگە» بولۇش ئومۇمىي ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىشنى ياخشى ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى قومۇل قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز.

تەرەققىياتنىڭ چېكى يوق، ئىسلاھات داۋاملىشىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويغاندا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىدە، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئېچىۋېتىش قىياپىتى بىلەن نىشانغا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.