تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

​خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىنىڭ كەسىپ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى تەڭشەش، رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تايانچ قىلىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق، رايون ئورنى قاتارلىق تۈرلۈك ئەۋزەللىكلىرىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئالدىدا ماڭىدىغان بىر تۈركۈم باشلامچى تايانچ كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىلمىي پىلانلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىكىر يولى، نىشان، نۇقتىلىق ۋەزىپە، كونكرېت يولنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ماددىي كاپالەت ۋە كەسىپ تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك بولغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دىققەتنى كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئاساسىي لىنىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ئون چوڭ ھەرىكىتى»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كەسىپ، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ يېشىل تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قاتناش - تىرانسپورت، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەدە كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇش، كاربوننى توپلاش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قوش تىزگىنلەشنىڭ تەدرىجىي ھالدا كاربون چىقىرىشنى قوش تىزگىنلەشكە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەت نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرى دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش يىرىك پىلانىدىكى ئېچىشقا چەك قويۇلغان رايونغا تەۋە بولۇپ، پاسسىپ تىزىملىك ئىجازىتى سىياسىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە ياخشىلاش، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە مۇكەممەللىكىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىنىڭ كەسىپ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەمدە قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە بولۇش، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىدىكى ناھىيە رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىلىنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك تېخنىكا بىلەن ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «بەش بىر گەۋدە»نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، سانلىق مەلۇمات ئاساسىي تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. شەرقىي قىسىمنىڭ ھېسابلاش كۈچى ئېھتىياجىنى قوبۇل قىلىش يادرولۇق رايونىنى پائال بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش كۈچى تورىغا تېز سۈرئەتتە سىڭىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھېسابلاش كۈچى كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ۋە كارخانا، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرىش»نى قاراتمىلىق ھالدا سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.