ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسەتتى. يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلەنگەن، قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىپ دىللارنى يورۇتىدۇ، بۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، بۇ مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدە يۈزبەرگەن 6.8 بال يەر تەۋرەش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتتىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ، يەر تەۋرەش ئاسان يۈزبېرىدىغان، كۆپ يۈزبېرىدىغان رايونلاردىكى ئۆي ۋە نۇقتىلىق ئىمارەتلەرنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى داۋاملىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، رېمونت قىلىش - مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۈرلۈك ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش كۈچلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەتەردىن - ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش» سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان خەلقئارا تارقىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنىغا ئەلالارنى تاللاش، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلىدى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورۇن بېكىتمىسى توغرىسىدىكى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، دادىل ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 2024 - يىللىق خىزمەت ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىدىن بىر تۈركۈمنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىق توپلاشقان ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى گەۋدىلىك تۈزەپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.