تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەغەز ئويما چىراغ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىنى «يورۇتتى»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ

1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ پىراكتىكا قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىسى يۈ چېڭزې چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، مەكتەپداش ئىنىسى بىلال مەمەت بىلەن شىنجاڭ كوئېنلۇن مېھمانخانىسىنىڭ «سەككىز قەۋەت» باش تېمىسىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئۇچرىشىشقا كېلىشتى. «يۆ چيەنچيەنلەر يېڭى زاكاز تالونىنى تاپشۇرۇۋاپتۇ، خېرىدار <سەككىز قەۋەت> باش تېما قىلىنغان قەغەز ئويما چىراغ زاكاز قىلماقچى ئىكەن، بىز بېرىپ سۈرەت تارتىپ، نەق مەيداننى كۆرۈپ باقايلى، بۇنداق بولغاندا ئىجادىيەت قىلغاندا تېخىمۇ ئىلھام كېلىدۇ» دېدى يۈ چېڭزې.

بىر ئويدىن بىر تۈرگىچە، توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىشتىن زاكازلىق، خاسلاشقان مۇلازىمەتكىچە. بىر يېرىم يىلدىن بۇيان، بۇ كوللېكتىپتىكى يەتتە ھەمراھ بىر قەغەز ئويما چىراغ ئىگىلىك تىكلەش تۈرى ئارقىلىق بىر قاتار يېڭى ماھارەتلەرنى ياراتتى. «سىرتقا چىقىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار تۈرنى باشلاش مەبلىغىنى غەملەش ئۈچۈن قوشۇمچە خىزمەت قىلدى، ئەزالار كەم سۆز بولسىمۇ، تۈرنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن سودىگەرلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، مەن ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىغا گۇۋاھچى بولدۇم» دېدى بۇ شۆيۈەننىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىسى لىن جوۋچياڭ.

«سىقىپ» چىقىرىلغان قوزغىتىش مەبلىغى

2023 - يىلى 6 - ئايدا، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىدىكى يۆ چيەنچيەن، يۈ چېڭزې، ليۇ چيەنيۈ ۋە ما رۇيتىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپنىڭ 2 - يىللىقىغا چىقىش ئالدىدا تۇراتتى، مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان ئىگىلىك تىكلەش لايىھەلەش دەرسىدە، ئۇلار كىچىك گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللەندى. «ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى يېتەكچى قىلىدۇ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يېتەكچى قىلىدۇ، 2 - يىللىققا چىققاندا، بىز ئوقۇغۇچىلارنى ئىگىلىك تىكلەش كىچىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئىگىلىك تىكلەش تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز» دېدى لىن جوۋچياڭ.

«ئەينى چاغدا يېڭىچە ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنى ئىشلىمەكچى بولدۇق، كۆپچىلىك نۇرغۇن ئوي - پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاخىرىدا قەغەز ئويما چىراغ بىلەن ئىككىلەمچى ئېلېمېنتلىق كارتون پېرسوناژلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن ئىجادىيەت ئەڭ كۆپ قوللاشقا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئويىمىز بارلىققا كەلدى» دېدى يۆ چيەنچيەن.

ئۇلار بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، بۇ تۈرنى ئىشلەشتە كارتون فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە بوغالتىرلىق كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇلار ئوقۇتقۇچىلاردىن ياردەم سورىغاندىن كېيىن، كارتون لايىھەلەش كەسپىدىكى بىلال بىلەن رۇەن ۋېنتىڭ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە بوغالتىرلىق كەسپىدىكى ليۇ يىفېي ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلدى.

كارتون لايىھەلەش كەسپىنىڭ ئەزالىرى كارتون پېرسوناژلىرىنىڭ رەسىمىنى سىزىشقا مەسئۇل بولدى، باشقا ساۋاقداشلار تەرەپ - تەرەپتىن ئۇقۇشۇپ، ئاخىر خېنەندىكى قەغەز ئويما چىراغ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى تاپتى. «تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقارسا ئەرزان بولىدىكەن، لېكىن بىزنىڭ چېرتيوژىمىزغا ئاساسەن زاكاز قىلساق بەك قىممەت توختايدىكەن، تۇنجى تۈركۈمدىكى مەھسۇلاتنى زاكاز قىلىشقا ئاز دېگەندە 5000 يۈەن كېتىدىكەن» دېدى يۆ چيەنچيەن.

يىغىن ئېچىپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، كوللېكتىپتىكىلەر ئالدى بىلەن ھەر بىرەيلەن 150 يۈەندىن چىقىرىپ تۇنجى مەبلەغنى توپلىدى، كەم قالغان مەبلەغنى قانداق قىلىش كېرەك؟ يۈ چېڭزې بىلەن ليۇ چيەنيۈ بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ سىرتقا چىقىپ قوشۇمچە خىزمەت قىلدى. «يۈ چېڭزې ئۆيگە بېكىنىۋالىدىغان بولۇپ، مەكتەپكە بارغاندىن باشقا ۋاقىتتا ئاساسەن ئۆيدىن چىقمايتتى، ئۇ تۈر مەبلىغىنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرۈپ، مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۆيىگە يېقىن ئەتكەنچاي دۇكىنىغا بېرىپ سائەتلىك ئىشچى بولۇشنى ئويلىدى» دېدى ليۇ چيەنيۈ.

ئەتكەنچاي دۇكىنىدا بىر ئىستاكان لىمون شەربىتى ياساش ئۈچۈن، بىرەيلەن ئاۋۋال بىر پۈتۈن لىموننى سىقىشقا توغرا كېلەتتى، بىر ئىستاكاننى سىقسا سەككىز مو بېرەتتى. مەكتەپتىن قايتىپ تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، يۈ چېڭزې سائەت 19دىن 23كىچە ئىشلەپ، ھەر كۈنى 170 نەچچە ئىستاكان لىمون سۈيى سىقتى. ليۇ چيەنيۈ بىر مەززىلىك تائاملار مەيدانىدا مۇلازىمەتچى بولۇپ، كۈنىگە 100 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. ئۇ ئىككىيلەن ئون كۈن ئىشلەپ، تۈرنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىش باشلاش مەبلىغىنى غەملىدى.

سىناپ چىقىلغان خاس مەھسۇلات

2024 - يىلى 6 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، كوللېكتىپتىكى ھەمراھلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى مەھسۇلاتى − كارتون باش تېمىسىدىكى تۆت قەغەز ئويما چىراغنى تاپشۇرۇۋالدى. «بىز ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىدە ئوقۇۋاتقانلار دەسلىپىدىلا توردا سېتىشنى سىناق قىلدۇق، شياۋخۇڭشۇ، دوۋيىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېىتشنىڭ ھەممىسىنى قىلدۇق، ئەمما ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىدى» دېدى يۆ چيەنچيەن.

مەززىلىك تائاملار مەيدانىدا مۇلازىمەتچى بولغاندا، ليۇ چيەنيۈ نۇرغۇن ياشنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆتۈرۈپ يايما يېيىۋاتقانلىقىنى كۆردى، «قەغەز ئويما چىراغلىرىمىزنىمۇ بازارغا ئېلىپ بارايلى.» يۆ چيەنچيەن مۇنداق دېدى: شۇنداق قىلىپ قەغەز ئويما چىراغ شەنشەن ئوتلېتس، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى قاتارلىق جايلاردىكى مەدەنىيەت ئىجادىيەت بازارلىرىغا كىردى، «خېرىدارلار بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ بىرلا خىل ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، خېرىدارلار شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك قەغەز ئويما مەھسۇلاتلىرىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن».

بىلال يازلىق تەتىلدە ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە ئىلىغا بېرىپ، كەڭساي چوڭ كۆۋرۈكى، ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسىنى ساياھەت قىلدى. ئۇ ئىشنى كۆپچىلىك كۆرگەن، ياقتۇرغان شىنجاڭنىڭ خاس مەنزىرە رايونلىرىدىن باشلاپ، كوللېكتىپىنىڭ 2 - يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى − شىنجاڭ مەنزىرىسى يۈرۈشلۈك قەغەز ئويما چىراغلىرىنى ياساش تەكلىپىنى بەردى.

شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى بىلەن قەغەز ئويمىچىلىق سەنئىتى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، چىراغ نۇرلىرى قاتمۇقات گىرەلىشىپ كەتكەن قەغەز ئويمىلارنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق ئارىسىدىكى كۆرۈنۈشلەر سىزىپ چىقىلىدۇ، بۇ، ئىنتايىن كۈچلۈك بەدىئىيلىككە ئىگە. «شىنجاڭ مەنزىرىسى يۈرۈشلۈكى» ئۇلارغا توردا سېتىش يوللىرىنى ئېچىپ بەردى، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىدىكى ھەمراھلار تېخىمۇ مۇھىمى كەسپىي بىلىملەرنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىپ، خېرىدارلارنىڭ تەلىپى بويىچە مەھسۇلات زاكاز قىلىشقا باشلىدى، توردا خېرىدارلار بارغانسېرى كۆپەيدى.

«ئويۇپ» چىقىلغان ئىگىلىك تىكلەش كاتتا مۇكاپاتى

قەغەز ئويما چىراغ ئىگىلىك تىكلەش تۈرى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى، 2024 - يىلى 10 - ئايدا، ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىنىڭ قەغەز ئويما ئەسەرلىرى «ھەرىكەت»كە كەلدى. يان تېلېفوندا مەھسۇلات قۇتىسىغا چاپلاپ قويۇلغان ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلسىڭىزلا، قەغەز ئويما ئەسەرلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ھېكايە، كارتون ياكى چۈشەندۈرۈشنى كۆرەلەيسىز.

يۆ چيەنچيەن كۆپچىلىككە باشلامچىلىق قىلىپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى تۈر ئىشلەش جەريانىنى رەتلەپ، مەكتەپنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. «ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغانلار سەھنىگە چىقىپ تۈر تەۋسىيە قىلدى، ئۈستەل خىزمىتى قىلىشقا ماس كېلىدىغانلار PPT ياسىدى، ئىگىلىك تىكلەش تۈرى بالىمىزغا ئوخشايدۇ» دېدى يۆ چيەنچيەن.

2024 - يىلى 11 - ئايدا، ئۇلار مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان تۈر «نۇر نەقىش ئارقىلىق سايە چۈشۈرۈش: خىيالىي نۇر تەسۋىرلىك كۆرۈنۈش، قەغەز ئويما جەۋھەرلىرى» 3 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خۇاڭ يەنپېي كەسپىي مائارىپ بويىچە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، باھالىغۇچى ئوقۇتقۇچىلار ئىگىلىك تىكلەش تۈرى ئوي - پىكىر ھالىتىدە توختاپ قالماي، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىپ، ئەمەلىي بولغان بۇيۇم ياسىلىپتۇ، دەپ باھا بەردى. ھەمدە ئۇلارنىڭ بازارغا چوڭقۇر چۆكۈپ بۆسۈش ئېغىزى ئىزدەشتەك ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى تەرىپلىدى.

«1 - دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى 5000 يۈەن بولۇپ، بىز ھەممىسىنى قەغەز ئويما چىراغ يېڭى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشقا ئىشلىتىشنى قارار قىلدۇق.» يۆ چيەنچيەن مۇنداق دېدى: بىز كېيىنكى قەدەمدە بازارنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان قەغەز ئويما چىراغ مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە تاللاپ چىقىپ مىقدارلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدۇق، مۇشۇنداق قىلغاندىلا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىنى سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلغىلى بولىدىكەن.

«ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا مەغلۇپ بولۇشنىڭ زەربىسىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، ھەمىشە ئۆزىنى باشقىلارغا يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى ئىگىلىك تىكلەش ۋە مۇسابىقە ئارقىلىق، ئۇلار ماھارەت جەھەتتىن نەتىجىگە ئېرىشىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچكە تولدى، ئاتا - ئانىلارمۇ بالىلاردىكى ئۆزگىرىشنى روشەن ھېس قىلدى.» لىن جوۋچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 9 - ئايدا، بۇ بالىلار مەخسۇس كۇرسقا ئۆرلەيدۇ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، قەغەز ئويما چىراغ تۈرىنى كەسىپ قىلىپ ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.