− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (2)
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي
ئىستېمال بىلەن سېلىنمىنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىدىغان ئىقتىسادىي مەسىلە. 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «ئىككى مۇھىم» تۈرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئىككىسى بۇ يىل ئىچكى ئېھتىياجنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشتىكى مۇھىم تۇتقا ھېسابلىنىدۇ.
ئىستېمال قوزغىتىلسا، ئىقتىساد جانلىنىدۇ؛ سېلىنما كۈچلۈك بولسا، زاپاس كۈچ يېتەرلىك بولىدۇ. 2025 - يىلى، شىنجاڭ سېلىنما ۋە ئىستېمال بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى قانداق شەكىللەندۈرىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش جەھەتتە سىجىل كۈچىگىلى بولىدۇ؟
يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە ئىستېمالنى قوزغىتىش
ئىستېمالنىڭ بىر ئۇچى ماكرو ئىقتىسادقا تۇتىشىدۇ، بىر ئۇچى ھەممە ئائىلىلەرگە تۇتىشىدۇ، ئۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم موتورى.
2024 - يىلى، شىنجاڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى كەينى - كەينىدىن چىقىرىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. مېيتۇەن سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024 - يىلى شىنجاڭدا تۇرمۇش مۇلازىمىتى تۈرىدىكى ئىستېمال سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 2023 - يىلىدىكىدىن %26.6 ئاشقان، زاكاز مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 2023 - يىلىدىكىدىن %33.7 ئاشقان، سودىلاشقان سودىگەر سانىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 2023 - يىلىدىكىدىن %53.5 ئاشقان. ۋەيمەي، پەيتلىك پارچە سېتىش مۇقىم بولغان، ئىستېمال سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى، زاكاز مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ۋە سودىلاشقان سودىگەر سانىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2023 - يىلىدىكىدىن %26.4، %30.7، %29.1 ئاشقان.
يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە ئىستېمال خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يېڭى يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىستېمالچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئېھتىياجى ۋە ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىستېمال بولۇشى كېرەك.
«ئەلا سۈپەتلىك تەمىنلەش ئارقىلىق ئېھتىياجغا تۈرتكە بولۇش ئىستېمال يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىشنىڭ ئاچقۇچى.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر شىڭ تاۋ مۇنداق دېدى: سودا تارماقلىرى يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، ئەنئەنىۋى ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىچە ئىستېمالنى يېتىلدۈرۈپ، كۆپ خىللاشقان ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، ئاممىۋى ئىستېمالنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، ئىستېمال يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ سىجىل جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى، 2024 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە جەمئىي 1 مىليارد 931 مىليون يۈەن ياردەم پۇل مەبلىغى تارقىتىلىپ، جەمئىي 15 مىليارد 910 مىليون يۈەن ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇندى. كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ سىجىل قانات يايدۇرۇلۇشى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى 2025 - يىللىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن يىلنى قاپلايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
شىڭ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىشكە قارىتا، دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىگە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سىغىمىنى كېڭەيتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز.
ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى سىجىل كېڭەيتىش
ئۈنۈملۈك سېلىنما ھەم ئۈنۈملۈك ئېھتىياجغا قىسقا مەزگىل تۈرتكە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدىغان ھەم ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى ئۇزاق مەزگىل شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدىغان سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، نەپ بېرىدىغان سېلىنمىنى كۆرسىتىدۇ.
شىنجاڭ دىققەتنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2024 - يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى 2023 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %6.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.
شىنجاڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىشتىن باشقا، يەنە يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. 2024 - يىلى شىنجاڭ شەھەر يەر ئاستى تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 75نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلدى، ئومۇمىي سېلىنما 5 مىليارد 288 مىليون يۈەن بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر مۇتەللىپ ئەلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل شەھەرنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىش، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشنى چۆرىدەپ، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يەر ئاستى تۇرۇبا تورىنى ئاقىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ شەھەر تەرەققىياتى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز.
چىنار دەرىخىنى ياخشى تىكىپ، سۇمۇرغنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.
ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش ۋە قويۇپ بېرىش كېرەك. 2024 - يىلى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق شوخلا ئۈزۈش ماشىنىسى بازارغا سېلىندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ساھەسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تەتقىقات لايىھەلەش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن كۇي مۇنداق بىلدۈردى: «چوڭ تىپتىكى ئىقتىسادىي زىرائەت يىغىش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، تۈجۈپىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز».
ياخشى ئايلىنىدىغان لوگىكىلىق زەنجىرنى شەكىللەندۈرۈش
ئىستېمال بىلەن سېلىنما ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىككى چوڭ موتور بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ ياخشى ئايلىنىدىغان لوگىكىلىق زەنجىرى روشەن ھەم ئاچقۇچلۇق بولىدۇ.
شىنجاڭدا بۇ لوگىكىلىق زەنجىر جانلىق ئەمەلىيەتكە ئىگە بولدى. 2024 - يىلى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىش، كېچىلىك ئىقتىساد ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىش، كونا داڭلىق ماركىلىق كارخانىلارنى بېكىتىش، خەلققە قولايلىق تۇرمۇش چەمبىرىكى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەر بەرپا قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىستېمال ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئىستېمال ئېھتىياجىنى كېڭەيتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ يەنە دىققەتنى «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، سېلىنما ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈردى.
«بۇ تەدبىرلەر تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى ئۇچتا تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈردى» دېدى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بۇھەجەر ئابلا.
بۇ يىل، «ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇش، سېلىنما ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش» مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ خەييەن مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى دىققەتنى «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، مالىيە چىقىمىنىڭ سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككى مۇھىم» «ئىككىنى يېڭىلاش» قاتارلىق مۇھىم سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا سىجىل مەدەت بېرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتىدۇ.
ئىستېمال بىلەن سېلىنما بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈشتە جەزمەن ئاچقۇچلۇق يولنى دەل جايىدا تېپىش كېرەك.
بۇھەجەر ئابلا مۇنداق بىلدۈردى: ئىستېمال بىلەن سېلىنما بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈشتە جەزمەن «قوزغىتىش» «كېڭەيتىش» «يوشۇرۇن ئىقتىدارى بار» «ئۈنۈمى بار»دىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق سۆزلەرگە كۈچەش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىستېمال مۇھىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى ۋە قولايلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال قىزغىنلىقىنى قوزغىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈنۈملۈك سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سېلىنمىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. بۇ تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشى كېرەك.