تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، 1 - پەسىلدە ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز تۇرپان شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، 1 - پەسىلدە ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، پىچان، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى، پىچان ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساياھەتچىلىك، نېفىت - تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى، يېڭى بىر يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىش، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق كەم - كوتسىز، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، 1 - پەسىلدە «ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش، ئىشنى ياخشى باشلاش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۇرپان ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى ئايرودۇرۇم ئەتراپى كەسىپلەر باغچىسىدا، ئەركىن تۇنىياز ئۇنىۋېرسال ساياھەت مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى، تەرەققىيات يىرىك پىلانى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئاۋىياتسىيە - گاۋتيې - تاشيول بىر گەۋدىلەشكەن قاتناش تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئاۋىياتسىيە پەن - تېخنىكىسى، خەلقئارا كۆرگەزمە، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز شىنياڭ يېڭى ئېنېرگىيەسىنىڭ يىلىغا 600 يۈرۈش ياپراقچە ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش پىلانى، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، قىيىنچىلىق تەلىپىنى ئاڭلىدى. ئۇ كارخانىلارنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىن بارلىققا كەلگەن ئۈسكۈنە ئېھتىياجىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، شۇ جايدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

دۆلەت تۇرۇبا تورى غەربىي رايون تۇرۇبا شىركىتى تۇرپان ئالاقە گاز بېسىمى پونكىتىدا، ئەركىن تۇنىياز ھۈنەر - سەنئەت رايونى، مەركىزىي كونترول ئۆيىگە كېلىپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئايلىنىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ پونكىت غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 - لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، كۈندىلىك چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قىشلىق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. پىچان ناھىيەسىدىكى تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكى ۋېنجىساڭ تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى گاز قاچىلاش پونكىتىدا ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: گاز قاچىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى تەڭشەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز پىچان ناھىيەسى تەيشىنكۇندې كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ چىقتىم كان رايونىغا كەلدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈر بايلىقىغا تايىنىپ، تىيانشان تەجرىبىخانىسى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، كۆمۈر تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرىنى پائال دەلىللەپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق، يېشىل، يۇقىرى دەرىجىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خېشېڭ كىرېمنىي پاي چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىلارنى «سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي + كىرېمنىي خىمىيە سانائىتى + كىرېمنىي يورۇقلۇق ۋولت»تىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلغان يېشىل كىرېمنىيلىق كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

تۇرپان كونا شەھەر يىنشاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كىچىك بازىرىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ئىدىقۇت مەدەنىيىتىنى باش تېما قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەت ئارقىلىق ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: تۇرپان شەھىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېشىش نۇقتىسى، بۆسۈش نۇقتىسى، تىرەك نۇقتىسى ۋە خەۋپ - خەتەر نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ كۈچىشى كېرەك. ھازىرقى ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەپ، تۈرلۈك چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، «ئىككى مۇھىم» «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ جابدۇق ياسىمىچىلىقى، كۆمۈر، نېفىت - تەبىئىي گاز، مەدەنىيەت - ساياھەت، سودا - ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، قىشلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان» مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. يىل ئاخىرىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.