■ئىستون سۆزى
بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. ھازىر، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان بويىچە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە. شىنجاڭ تۇپرىقىغا نەزەر سالساق، ھەممىلا جاي قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئەمەلىيەت، ھەممىلا جاي ئاخباراتنىڭ بىرىنچى سېپى.
ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئاخبارات ئەسەرلىرىنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرۈش كۈچى، تېخىمۇ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغانلىقىغا دائىر جانلىق ھېكايىلەرنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن، گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «تۆتنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاش» مەخسۇس ئىستونىنى ئېچىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئاممىباب، قىزغىن كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئاخبارات ئەسەرلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى يېڭى كەيپىيات، يېڭى قىياپەتنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ
لاۋجۇ يېقىندا كەسپىنى ئالماشتۇردى.
لاۋجۇنىڭ ئىسمى جۇ كەيلى بولۇپ، شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى، زاۋۇتقا كىرگەن 30 يىلدىن بۇيان، ئىزدىنىشكە ئامراقلىقى بىلەن نام چىقارغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھۈنەرۋەنلەر ئىجادىيەت ئىشخانىسى بار. بۇلتۇر، ئۇ «مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك مېدالى»غا ئېرىشتى.
2024 - يىلى يېڭى يىل كېچىسى، تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى «چۈنشىڭ باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش دولقۇنى» بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئورنى شىركەتنىڭ بايراقدار دۇكىنىدا تەسىس قىلىندى. جۇ كەيلى ياخشى تاۋارلارنى تەۋسىيە قىلغۇچى بولدى.
رىياسەتچىنىڭ يېنىدا تۇرغان جۇ كەيلىنىڭ پۈتۈن بەدىنى تەرگە چۆمۈلۈپ، جىددىيلەشكىنىدىن ئاۋازى بوغۇلۇپ، كۆزلىرىدىن تەمتىرىگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى، كاللىسىدىكى ئاشۇ بىر كۈن تەكرارلىغان سەھنە سۆزىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئۇنتۇپ قالغانىدى.
ئالدى بىلەن يېڭى يىلنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، ئاندىن مال سېتىش ھالقىسىغا ئۆتتى. «كۆپچىلىك مېنىڭ ئۇچامدىكى بۇ قىزىل يۇڭ جىلىتكىگە قاراڭلار، بايرام خۇشاللىقى تۈسى بېرىدۇ ھەم ناھايىتى ئىسسىق، يېڭى يىلدا ئائىلىسىدىكىلەرگە سوۋغاتلىق قىلىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.» جۇ كەيلىنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن بىر چەتتە تۇرغان رىياسەتچى بېشىنى لىڭشىتىپ، ئۇنىڭغا داۋاملاشتۇرۇشنى ئىشارەت قىلدى، ئەمما ئۇ «قېتىپ قالغاندەك» قىلاتتى، ئۇ رىياسەتچىگە قاراپ كۈلۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇشىنى تەلەپ قىلدى، ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ بەرگەن «سىگنالى» قوبۇل قىلىندى، رىياسەتچى ئۇلاپلا گەپ قىستۇردى، كۆرۈنۈش ئالمىشىپ، «ئىمتىھان»مۇ ئاخىرلاشتى.
جۇ كەيلى بۇ بىرنەچچە مىنۇتنى بەك تەستە ئۆتكۈزدۈم! دېدى.
ئايۇپ خالىقنىڭمۇ بېشى قاتقانىدى. ئۇ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى ئىلمە توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى شۇنداقلا «مەملىكەت بويىچە 1 - ماي ئەمگەك مېدالى»غا ئېرىشكۈچى بولۇپ، يېڭى يىل كېچىسى تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال ساتقاندا، بېيجىڭغا بېرىپ مۇكاپات ئالغان چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك جىددىيلەشتى.
ئىككى «چوڭ ئەرباب»نىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشتىكى دەسلەپكى تەسىراتى ئانچە مۇكەممەل بولمىدى، ئەمما ئۈنۈمى ناھايىتى تېز بولدى.
بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش كۈنى كەچتە تورداشلار بەس - بەستە زاكاز بەردى. 2 - كۈنى، ئەمەلىي كۈچى بىلەن «ئېقىم مىقدارىنى يېتەكلىدى». 2025 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان دۇكانلارغا خېرىدارلارنىڭ كېلىش نىسبىتى %30 ئاشتى، سېتىش كىرىمى 598 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئادەتتىكى چاغلاردىن 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا يۇقىرى بولدى.
بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇەن گۇاڭخۇي بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «جۇ كەيلى بىلەن ئايۇپنىڭ <دۆلەت دەرىجىلىك> شەرىپى دەل ئەڭ ياخشى قوللاش ھېسابلىنىدۇ. خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرغىنى ھۈنەر بىلەن سۈپەت بولدى».
«ئەپسۇس، مەن رولۇمنى ئانچە ياخشى جارى قىلدۇرالمىدىم» دېدى جۇ كەيلى كۆڭلى غەش ھالدا.
شۇ كۈنى ئۇنىڭ يانچۇقىدا تىكتاك توپ چوڭلۇقىدا بويالغان قوي تىۋىتى بولۇپ، ئەسلىدە، تىۋىت پوپايكىلارنىڭ قارا پەن - تېخنىكىسىنى سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما جىددىيلىشىپ كېتىپ ھەممىنى ئۇنتۇپ قالغانىدى.
«ئىلگىرى، شىنجاڭلىقلار <تيەنماۋ> دېگەن ماركىنى ئېتىراپ قىلاتتى، ھازىر كونا ماركىغىلا <يۆلىنىۋېلىش> ئەسقاتمايدىغان بولدى» دېدى جۇ كەيلى.
كۆركەم بولۇش، ساغلام بولۇش، يەڭگىل بولۇش... تىۋىت كەسپىدە رىقابەت بارغانسېرى كۈچەيدى، جۇ كەيلىنىڭ ھۈنەرۋەنلەر يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
بۇلتۇر، تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى شىئەن قۇرۇلۇش داشۆسى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، زىغىر، لوپنۇر كەندىرى ۋە تىۋىت ئارىلاشما توقۇلما بۇيۇملىرى، پەلەمپەيسىمان بويالغان تىۋىت پوپايكا، پەتلى قىلىنغان تىۋىت پوپايكا قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېچىپ، تىۋىت پوپايكىنى «مودا»غا ئايلاندۇردى.
بۇلا ئەمەس، تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى تيەنماۋ، جىڭدۇڭ، دوۋيىڭ، شياۋخۇڭشۇ قاتارلىق سۇپىلاردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش نومۇرى ئاچتى.
«ئىلگىرى دوۋيىندىن شىركەتنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېىتىشىنى كۆرگەنىدىم، رىياسەتچىلەرنىڭ ھەممىسى كىچىك قىزلار ئىدى، ئۆزۈمنىڭمۇ رىياسەتچى بولۇپ قېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم» دېدى جۇ كەيلى.
2024 - يىلى تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت كىرىمى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %55.35 ئاشتى.
خىزمەتداشلىرى چاقچاق قىلىپ: جۇ كەيلىنىڭ تۇنجى قېتىم ساتقان ماللىرىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى، شىركەتنىڭ نەتىجىسى ئۈچۈن بۇ يىل رىياسەتچىلىكنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالسا بولارمىكىن دېيىشتى.
«مەستانىلەر ئېتىراپ قىلسىلا، بولمايدىغان نېمىسى بار؟» دېدى جۇ كەيلى كۈلۈپ تۇرۇپ.
■مۇخبىرنىڭ تەسىراتى
ھۈنەرۋەن سەمىمىيىتى قىممەتلىك
كونا داڭلىق ماركىلىق توقۇمىچىلىق كارخانىسى «تور بىلەن ئۇچرىشىپ» بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ساتقاندا، داڭلىق چولپانلار ۋە ۋاڭخۇڭلارنى تەكلىپ قىلمىدى، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ «چولپانلىرى» يەنى «مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك مېدالى»غا ئېرىشكەن ئىككىيلەننى داغدۇغىلىق ئوتتۇرىغا چىقاردى. زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن سۆزلەرمۇ، شۇنداقلا زىيادە تۆۋەن باھا قويۇشتەك قىزىقچىلىقلار بولمىسىمۇ، ئەمما مال سېتىش ئۈنۈمى ۋاڭخۇڭلاردىن ئازراقمۇ قېلىشمىدى. ئىستېمالچىلارنى تەسىرلەندۈرگىنى دەل ئاشۇ ھۈنەرۋەنلەر ئىدى.
دەسلەپكى تاللاش، ئىنچىكە تاللاش، تىۋىتنى يۇيۇش، تىۋىتنى تاراش، پىلتە قىلىش، بوياش، يىپ ئېگىرىش، توقۇش.... يۈكسەك دەرىجىدە سانائەتلەشكەن بۈگۈنكى كۈندە، تىۋىت كىيىم - كېچەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش يەنىلا ئاددىي ئىش ئەمەس. بارغانسېرى رىقابەت كۈچىيىۋاتقان بازار ئالدىدا، ئىستېمالچىلارنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن قاتتىق تەلىپى ئالدىدا، تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى «كونا داڭلىق ماركىنى پەش قىلماي»، بەلكى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇنلىشىشنى تاللىدى. جۇ كەيلى تېخنىك ئىشچىلارنىڭ كۈچى ۋە ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق، كارخانىنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، «تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىقى»دىن ئىبارەت سانسىزلىغان شىنجاڭلىقنىڭ ئىللىق ئەسلىمىسى مۇجەسسەملەنگەن بۇ كونا داڭلىق ماركىنىڭ يېڭى شانلىق نۇرىنى جۇلالاندۇردى.
ھۈنەرۋەنلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، ھەربىر چىڭ تۇرۇش ۋە جاسارەتكە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.