تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئەڭ يۇقىرى قەرز پۇل سوممىسى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ

شەخسىي تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلى ئەڭ يۇقىرى سوممىسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

  بىڭتۇەن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بىڭتۇەن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەرز پۇل سوممىسى ھازىرقى 800 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، بىڭتۇەنگە قاراشلىق رايونلاردا تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن ئاساسىدا %20 ئۆستۈرۈلىدۇ؛ كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەر شىنجاڭ ئىچىدە ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلسا 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن قەرز پۇل سوممىسى ئاساسىدا %20 ئۆستۈرۈلىدۇ.

  بۇ سىياسەت باسقۇچ خاراكتېرلىك سىياسەت بولۇپ، ئىجرا قىلىش مەزگىلى 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2025-يىلى 12- ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى باشقۇرۇش مەركىزى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.